تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئەڭ ئاخىرقى جۇۋازچى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 01:56:19

\
(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەنلىك، چارۋىچىلىقتىن شەھەرلىشىش، دېھقانچىلىققا يۈزلىنىشتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجى نۇرغۇن ھۈنەر – كەسپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. جۇۋازچىلىق ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جۇۋاز ئادەتتە جۇۋازغا قاتىدىغان ئۇلاغ ئەركىن ئايلىنالايدىغان ئۆي، گۇندا، باچكا، قايچا، ئوق، لەڭگەر، بوڭ، چۈلۈك، پوتلا، بويۇنتۇرۇق، قاپاق (ياغ ئېلىش قاچىسى)، ئارقان، ياغاچ كۆتۈكىگە ئېلىپ قويىدىغان تاش، تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە (تۇلۇم) قاتارلىق سايمانلاردىن تەركىب تاپىدۇ.
  جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى مۇنداق: بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىدۇ. كۆتەككە ئۈستى كەڭ، ئاستى تار شەكىلدە ئويۇق ئۇيۇلۇپ، ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئېغىزى كىچىك، قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى تەرىپى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ قاپاق (ماي قاچىسى) قويۇلىدىغان ئورۇن بولىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياسىلىپ، گۇندىغا تىرەپ قويۇلىدۇ. ئاچىنىڭ كۆتەك تەرىپى ياپىلاق قىلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا ئويۇق ئويۇلۇپ، ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ تىك بېكىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا چۈلۈك ياغاچ ئويمىنى يىپ بىلەن تېڭىلىدۇ. ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچى گۇندىدىكى باچكىغا، يۇقىرىقى ئۇچى پوتلا ياغاچقا تېڭىلغان ياغاچ ئويما بۆلەك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا (ئاچا) ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۇندىنى ئارىغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلىپ، بۇنىڭغا ئۇلاغ قوشۇلىدۇ.
  ياغ چىقىرىش ئۇسۇلى: ياغ چۈشىدىغان قاپاققا ياغلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، جۇۋازدىكى ئۇلاغنى ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئېلىپ قويۇلىدۇ. تاشنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوقتا بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىنىدۇ. ئۇلاغ ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ، ئوق تاشنىڭ ئېغىرلىقى بېسىم بىلەن چىگىتنى يانجىيدۇ. چىگىت كۈنجۈرگە ئايلانغاندا ياغلىق دان سېلىنىدۇ. جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ. ئوق ئاستىدا دان يانجىلىدۇ. دان يانجىلىپ بولغاندا چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق ياغدانغا ياغ چۈشىدۇ.
  جۇۋازنىڭ رەسمىي مەشغۇلاتى باشلانغاندا جۇۋاز ئوقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇۋاز تارتقۇسى بېكىتىلگەن ئورۇنغا 200 كىلوگرام ئېغىرلىقتا قۇم تاغار ياكى تاش بېسىپ قويۇلىدۇ. جۇۋاز ھەيدەلگەندە گۇندا قىسمىدىن باشقا بۆلەكلىرى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. جۇۋازچى پاكىز ئادالىنىپ، ئىلمان سۇ بىلەن نەمدەلگەن ئاپتاپپەرەس، قىچا، زاغۇن، زىغىر، كەندىر قاتارلىق ياغلىق زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا باچكىغا تۆكۈپ، ئۇنى قولى بىلەن جۇۋاز ئوقىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىرىپ ئايلىنىپ ماڭىدۇ. ياغلىق دانلار باچكا ئىچىدە ئېزىلىپ، ئاجرىلىپ چىققان ياغ باچكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۆشۈك ئارقىلىق گۇندىنىڭ قورساق قىسمىدىكى قاپقان ئىچىگە قويۇلغان ياغدانغا توختىماي تېمىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ.
  بارات مەھمۇد پوسكام ناھىيەسىدىكى ئاخىرقى جۇۋازچى، بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن بارات مەھمۇد 5 – ئەۋلاد جۇۋازچى بولۇپ، 12 يېشىدىن باشلاپ ھېلىھەمگىچە ئاتا مىراس بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ھەر يىلى كۈزدە نەچچە توننا زىغىر ۋە زاراڭزىنى ئارقا ھويلىسىدىكى ئامبارغا بېسىۋېلىپ، يەنە بىر زىغىر پىششىقىغىچە يۇۋاش، ئامراق ئېتى بىلەن ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئاش – نان بەرگەن جۇۋاز ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
  ـــ جۇۋىزىمدىن چىققان ماينىڭ سۈزۈكلىكى، پۇرىقى ۋە ئۇزۇن ساقلىنىشچانلىقى بىلەن مەن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىمەن. مېيىمنىڭ باھاسىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن 2- 3 يۈەن قىممەت بولسىمۇ، بىر قېتىم يەپ باققانلار داۋاملىق ئىزدەپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن دادامغا ۋەدە قىلغان ھەق ئىش قىلىشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن،- دېدى بارات مەھمۇد ماڭا،- مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بۇ ئىشقا قىزىقمىدى، ماينى ماشىنىدا تارتىپ يەيدىغان زامان بۇ دەيدۇ ئۇلار، لېكىنزە مەن يەنىلا مېھنەتكەش قولۇمدا ماي تارتىشنى ياخشى كۆرىمەن، خېرىدارلىرىممۇ شۇنداق.
 
  دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号