تەۋىسىيە
ئىزدەش

دانىشمەنلەر قىزلارغا نېمە دەيدۇ؟

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-31 06:16:06

\
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. 
 ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك،  ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:«ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. كىشىلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سىز سۈ كۈت قىلىش بىلەن ماختىنىڭ. 
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛
ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشاشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار  ھەر بىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. 
ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ.
\
ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمان بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشخۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلشتىن تاشقىرى ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长