تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-31 05:44:19

\
ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرلار ئۆينىڭ ئالدىنى كۈن چىقىش تەرەپكە ئۇدۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھويلىنىڭ كەڭ، ئازادە بولۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى بۇرۇنلا چۈشىنىپ يەتكەن. ئۈزۈم بىۋاستە  ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقاندىن باشقا، ياز كۈنلىرىدە ئۇنىڭ سايىسى ھويلىغا ناھايىتى ئۆزگىچە زىننەت  بېغىشلايدۇ، ھويلا سالقىن ھەمدە ھاۋاسى ساپ بولىدۇ. ياز كۈنلىرىدە تال باراڭ ئاستىغا كارىۋات قويۇپ، ھويلىغا ئەتىگەندە سۇ چېچىپ قويسا، بۇ خىل مۇھىت ئادەمگە ھوزۇر بەخش ئېتىدۇ، ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ ھەمدە ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئىستېتىك ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزىگە خاس ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ مەدەنىيەت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تېخىمۇ مۇكەممەلەشتى.
\
كاۋا، قاپاق بارىڭى. ئۇيغۇرلار ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھەممە ئائىلىلەر  مەيلى ئۇ باي ياكى نامرات بولسۇن، ھويلىسىغا چەللە ياساپ ياكى ئادەتىكىچە چىت باغلاپ، كاۋا، قاپاق  تېرىپ ئوبدان پەرۋىش قىلىدۇ. كاۋا، قاپاق پىلەك سوزۇپ  ئۆسىدىغان بولغاچقا، ياز پەسلىدە ھويلىغا  سايە تاشلايدۇ، ھويلىنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئادەمگە سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋا ياخشى يېمەكلىك، ئۇنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ يېگىلى بولىدۇ؛ قاپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش قورالى، ئۇيغۇرلار نەچچە  1000 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان
\
مېۋىلىك دەرەخ. ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى يېشىللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ  ھويلىسىغا كىرسە مېۋىلىك دەرەخ بولماي قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىسىغا كۆپىنچە ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخى تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ،چۈنكى ئۈجمە ئەتىياز پەسلىدە، ئۆرۈك ياز پەسلىدە، ياڭاق كۈز پەسلىدە پىشىدۇ. دېمەك، ئۈچ  پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار  دەرەخلەرنىڭ مۇشۇ  خىل  ئالاھىدىلىكىگە  ئاساسەن، ھويلىسىغا ئوخشاش بولمىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل تارىخىي ئەنئەنە ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
\
گۈل . ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈشنى ئادەت قىلغان، ئۇلارنىڭ ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئەنەئنىسى گۈزەللىك ئېڭى بىلەن زىچ  مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئاق، سېرىق، قىزىل  ئېچىلىدىغان گۈللەرنى كۆپرەك ئۆستۈرىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار گۈلنى بىۋاستە تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. بۇنداق گۈللەر ناھايىتى شوخ، باراقسان ئۆسىدۇ، باش باھاردىن كەچكۈزگىچە ئېچىلىپلا تۇرىدۇ.  ئۇيغۇرلار ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سىمىۋولى دەپ قارايدۇ. مويسىپىتلار دائىم ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى  كىيىپ قازا قىلغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق ئېچىلىدىغان گۈللەرگە ھېرىسمەن  كېلىشى دەل بۇ خى ئېستىتېك ئاڭنىڭ مەھسۇلى. سېرىق، قىزىل رەڭلەرمۇ ئادەتتە مېھىر-  مۇھەببەت، سۆيگۈنىڭ سىمۋولى، شۇڭا ئۇيغۇرلارسېرىق سەبدە، ھەشقىچەك، ئاق لەيلى...... قاتارلىق  گۈللەرنى ھويلىسىغا تېرىپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ھازىر گۈلنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش بىر خىل  ئادەتكە  ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن سەھرالاردا گۈل يەنىلا ھويلىدىكى ئېتىزغا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
\
سىمۋول خاراكتېرلىك دەرەخ. ئۇيغۇرلاردا سىمىۋول خاركتېرلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش خېلى ئومۇملاشقان. نۇرغۇن ئۆيدە «بوۋام تىككەن دەرەخ، بوۋامنىڭ بوۋىسى تىككەن دەرەخ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلايمىز ۋە قەدىمىي  دەرەخلەرنى كۆرىمىز، ماھىيەتتە بۇ خىل دەرەخكە ئۆز ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئۇلارنى  ئۇنتۇماسلىق، سېغىنىش، ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى سىڭگەن. ئۇيغۇرلار  يەنە بىر-بىرسىنىڭ بېغىغا، ھويلىسىغا كۆچەت قويۇپ بېرىش، دەرەخلىرىنى ئۇلاپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر-بىرىگە  بولغان دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇيغۇرلار بۇنداق دەرەخنىمۇ ئەتىۋارلايدۇ.   
  دېمەك، ئۇيغۇرلاردا سىمىۋول خاراكتېرلىك دەرەخ تىكىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئەنئەنىۋى ئادەت ھېسابلىنىدۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长