مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۆۋەندىكى 9 خىل ئەھۋال ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. ئەستە تۇتۇشى توسالغۇغا ئۇچراش. ئۇنتۇغاق، چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىش، ھېلى دېگەننى ھېلى ئۇنتۇپ قېلىش، ئوخشاش بىر سوئالنى تەكرار سوراش.
2. كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نەرسە- كېرەكلەرنىڭ قويۇلغان جايىغا توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئۆيى، كارىۋىتى قاتارلىقلارنى تاپالماسلىق، كىيىم- كېچەكنىڭ ئالدى- كەينى، ئوڭ- سولىنى پەرقلەندۈرەلمەسلىك.
3. تىلدا توسالغۇ پەيدا بولۇش. گەرچە ناھايىتى راۋان سۆزلەۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئاڭلىغۇچى نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماسلىق، دۇدۇقلاش.
4. يېزىش- سىزىشتا قىينىلىش. بىر نەرسە يازسا مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، ئېغىر بولغاندا ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالماسلىق.
5. روھى خاراكتېرلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ۋە تونۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش. ئەسلىدە ناھايىتى پىششىق بولغان ۋېلسىپىت مىنىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش، يېقىن ئادەملىرىنى تونۇيالماي قېلىش.
6. ھېسابات قىلالماسلىق. نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندا ھېسابات قىلالماسلىق، ئېغىر بولغاندا ئاددىي قوشۇش- ئېلىش ئەمەللىرىنىمۇ ئىشلىيەلمەسلىك.
7. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، دىققىتى ئاسان چېچىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قېلىش.
8. روھى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى توسالغۇغا ئۇچراش. دائىم سەپرالىق قىلىش، ساختا تۇيغۇ پەيدا بولۇش، مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش.
9. ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نىشانسىز، مەقسەتسىز ھالدا ئۇياق- بۇياققا مېڭىش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى كونترول قىلالماسلىق.
دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بىرقانچە پايدىلىق ئۇسۇللىرى:
1. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك خەتەرلىك ئامىللاردىن ساقلىنىش، ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش. بۇ يەردە ئېيتىلغان خەتەرلىك ئامىللار: ھاراق- تاماكىغا بېرىلىش، كەيپىيات ياخشى بولماسلىق، يالغۇز تۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش. يەنى: يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى،دىيابېت كېسىلى، جىنسىي كېسەل، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى قاتارلىقلار.
3. ئارتېرىيە تومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋاملىق يوسۇندا تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش. مەسىلەن: پېچەكگۈل، چوڭ چىلان،نېلۇپەر ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلار.
4. ئەقلى ئىقتىدار ۋە بەدەن فۇنكسىيەسىنى چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىش، بارماق بوغۇملىرى قاتارلىق بوغۇملارنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، بۇنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى.
5. روھى جەھەتتىكى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھېسسىياتنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، ئۈمىدۋار ۋە خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، مەيۈسلۈكنى ئازايتىش.
6. تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ياشانغانلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۈچ ماغدۇرى يېتىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.
7. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە يېمەك- ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش، ۋاقتىدا بولۇش، نورمىلىق بولۇش، سۈپەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىق، ۋىتامىن مول بولغان، مايسىز، تۇزى كەم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ھاراق ۋە تاماكا تاشلاش، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن E تولۇقلاش.
8. يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. بېلىق مېيى ۋە بېلىق جىگىرى مېيىنى ئىستېمال قىلىش، ئاچچىقسۇ ئىچىپ بېرىش، مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم يېيىش، سۈت، كاپۇسكا، پەمىدۇر، تۇرۇپ، ئاپېلسىن، ئالما، ماندارىن، ئاناناس قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە.
9. ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ياشانغانلار سول قولىدا تاماق يېيىش، چىش چوتكىلاش، پىيالە، ئىستاكان كۆتۈرۈش ياكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش، چاچ تاراش، مائۇس ئىشلىتىش، شارچە ئايلاندۇرۇش، خەت يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سول ۋە ئوڭ مېڭە تولۇق مەشىق قىلىش ۋە ئىشلەش ھالىتىگە كىرىپ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
10. يېقىن كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىش. ئەلۋەتتە بۇ ھەرقانداق تەدبىردىنمۇ مۇھىم. ياشانغانلارنىڭ يالغۇزلۇقى، غېرىبلىقى ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنى تېزلىتىۋېتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىللارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ يالغۇز قېلىشى بۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەر ياشانغانلارنى ئامال بار يالغۇز قالدۇرماسلىق، ياشانغانلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ، ھال- مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش، جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغانلارغا ئامال بار بىر ياخشى ھەمراھ تېپىپ بېرىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كىچىك سىناق: مەزى بېزىڭىز ساغلاممۇ؟
- كېيىنكىسى : يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارىتى
جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە ئېغىز پۇرايدۇ ئېغىز بوشلۇقى نەپەس، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئېغىز پۇراشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ خىل. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك ياللۇغى ۋە يۈ
يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ قەيىرىدە كېسەللىك بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ 1. پىشانىدىكى قورۇق: پىشانىدىكى قورۇق خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پىشانىدىكى توغرىسىغا كەلگەن قورۇق تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ياكى ئەمەسلىكنىڭ بەلگىسى، بىر
ئالاھىدە تەۋسىيە: يۈرەك كېسىلىنىڭ 12 خىل بېشارىتى تەشۋىشلىنىش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. مەيدىسى قىزىپ كەتكەندەك بولۇش. كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنى
جۇڭگولۇقلاردىكى داۋالىمىسىمۇ بولىدىغان 13 خىل كېسەل ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئېشىپ، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتتى، ئازراقلا بىئارام بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، بىرم
يۈرەك كېسىلىنىڭ 10 خىل يوشۇرۇن ئالامىتى كۆپچىلىككە ئايان، يۈرەك كېسىلىك دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى مەيدە ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، دەككە-دۈككە بولۇشتىن ئىبارەت. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇشتا يۈرەك كېسىلى بىمارلىر
