سىنۇس دالانچە تۈگۈنچىكى يۈرەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى قوزغىتىش ئورنى بولۇپ، ئۇ تارقاتقان ئىمپۇلس تۈگۈنچە شاخچىلىرى ئارقىلىق ئەڭ ئالدى بىلەن دالانچە-قېرىنچە تۈگۈنچىكىگە يېتىپ كېلىدۇ. دالانچە-قېرىنچە تۈگۈنچىكى تۆۋەنگە قاراپ بىر ئۆتكۈزۈش يولىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يول دالانچە-قېرىنچە تۇتامى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تۇتام قېرىچنە پاسىل تېمىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ تۇتام تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن ھالدا ئوڭ-سول ئىككى شاخچىغا ئايرىلىدۇ. ئايرىلغان بۇ شاخچىنىڭ ئۇچ تەرىپى ئايرىلغانسېرى ئىنچىكىلەپ، بىر-بىرىگە ئۇلانغان تورسىمان قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قۇرۇلما پۆركىنيې تالالىرى قۇرۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭلاشقىمۇ سىنۇس دالانچە تۈگۈنى، دالانچە-قېرىنچە تۈگۈنى، دالانچە-قېرىنچە تۇتامى، ئوڭ-سول تۇتام شاخچىسى، پۆركىنيې تالالىرى بىر-بىرىگە ئۆز-ئارا زىچ باغلىنىپ، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يول يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
«ياشانغانلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھەيز قالايمىقانلىشىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ
- كېيىنكىسى : يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ؟
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ گۇمانلىق 9 خىل سىگنالىدىن ئاگاھ بولۇڭ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاندىن ئۇنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن Ⅱ تىپلىق دىياب
قاندىكى مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش مۇھىم ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : ① ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە مۇرەككەپ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئۆسۈملۈك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كىراخماللىق يېمەكلىكلەر) نى كۆپرەك، يەنە ك
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كېتىپ ساقايمىسا، جىگەر ئىقتىدارى قايتا- قايتا نورمالسىز بولۇۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرل
سېرىق چۈشكەننىڭ ھەممىسىلا جىگەر ياللۇغى بولۇۋەرمەيدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېرىق چۈشۈش دېگىنىمىز، قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆز ئېقى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا سېرىقلىق پەيدا ب
سېمىزلىكنى كونترول قىلغاندا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېمىزلىكنى كونترول قىلىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ
