ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەپەسلىنىش ئەزاسى بولغان ئۆپكىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان يەنە بىر خىل ئىقتىدارى، يەنى قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار ئىكەن. تەتقىقاتچىلار «قوش فوتون تىرىك جانلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تىرىك چاشقاننىڭ ئۆپكە قىل قان تومۇرلىرىدىكى يەككە ھۈجەيرە ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۆپكە قان تومۇرلىرى ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرىلەر بارلىقىنى بايقىغان. چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرىلەر قان پىلاستىنكىسى ئىشلەشكە مەسئۇل. گەرچە ئىلگىرى ئۆپكىدە بۇ خىل ھۈجەيرىلەر بايقالغان بولسىمۇ، ئادەتتە ئۇلار ئاساسلىقى يىلىكتە مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قارىلاتتى. چاشقاننىڭ ئۆپكە قان تومۇرلىرىدىكى چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرىلەر ھەر سائەتتە تەخمىنەن 10 مىليوندىن كۆپ قان پىلاستىنكىسى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، يەنى چاشقان قېنىدىكى قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆپكىدە ھاسىل بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۆپكىدە يەنە كۆپ مىقداردا قان ياسىغۇچى غول ھۈجەيرە ۋە ئەجداد ھۈجەيرە ساقلانغان بولۇپ، زەخىملەنگەن يىلىكلەرنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. بۇ بايقاش قان پىلاستىنكىسى ئازىيىش كېسىلىنى داۋالاشقا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ يىلىك ۋە ئۆپكىنىڭ قان ياسىغۇچى ھۈجەيرىلەرنى قانداق ئالماشتۇرۇپ قان ئىشلەش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەتقىقاتىنى يېڭى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىگەر ياخشىمۇ؟ بۇ 4 يەرگە قاراپلا بىلەلەيسىز جىگەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان رولى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ياخشى بولمىغان ئادەتلەر سەۋەبىدىن، مەسىلەن دائىم كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەش، ھاراق ئىچىش
ئۆپكىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بارمۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەپەسلىنىش ئەزاسى بولغان ئۆپكىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان يەنە بىر خىل ئىقتىدارى،
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۈندىلىك تۇرالغۇ مۇھىتى قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىغا كۆكۈل بۆلۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ ھۈجرىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىي ۋە يورۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى، پ
چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ نۇرغۇن كىشى چىشىنىڭ ئاق ھەم پارقىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولۇشى ناتايىن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ مۇستەھكەم، ساغ
ئالتە تۈرلۈك داۋالاش تۈزۈمى تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ مۇخبىرىمىز ئاينۇر مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: 19-ماي ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىللىق تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىن
