ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى، ئەنگلىيە ئىمپېرىيە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىكى مارىيە قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا ناھايىتى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، سېمىزلىك ( بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 30 دىن چوڭلار ) بىلەن 11 خىل راك-ئۆسمە كېسەللىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىلىرى ۋە ھورمۇن بىلەن ئالاقىدار يامان سۈپەتلىك ئۆسمە-راك كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (BMI) :
بۇ خەلقئارادا كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئادەمنىڭ ئورۇق سېمىزلىك دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ساغلاملىق ئۆلچىمى بولۇپ، سىز پەقەت ئەلداۋا سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، سالونىمىزغا 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىز، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ئاپتۇماتىك ھېسابلىغۇچنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىڭىزنى ناھايىتى ئوڭايلا ھېسابلاپ چىقالايسىز.

يۇقىرىقى تەتقىقاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى قانچە چوڭ بولغانسېرى كىشىلەرنىڭ ھەزىم يولى ئۆسمىلىرى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ۋە ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنكى ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن.
دۇنيا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك يەنە جىگەر راكى، قالقانسىمان بەز راكى ۋە تۇخۇمدان راكى قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى ئۆلچەمدىن ئارتىپ كەتكەنلەرنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، راك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن.
خەلقئارالىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى 12 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، سېمىزلىك بىلەن تۆۋەندىكى 11 خىل راك كېسەللىكىنى زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ جەزىملەشتۈرگەن.
1. قىزىلئۆڭگەچ راكى
2. يىلىك راكى
3. ئاشقازان راكى
4. بوغماق ئۈچەي راكى (ئەرلەردە)
5. تۈز ئۈچەي راكى (ئەرلەردە)
6. ئۆت نەيچىسى راكى
7. ئاشقازان ئاستى بېزى راكى
8. ئەمچەك راكى (ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن)
9. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى (ھەيز كېسىلىشتىن بۇرۇن)
10. تۇخۇمدان راكى
11. بۆرەك راكى
كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (BMI) ھەر 5 بىرلىك ئاشقاندا، ئەرلەرنىڭ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %9 ئاشىدىكەن، ئۆت نەيچىسى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %56 ئاشىدىكەن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، سېمىزلىك خۇددى ئاستا خاراكتېرلىك راكقا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كۆپچىلىكنى بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ساغلاملىققا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش مەقسىتىدە، «ئەلداۋا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغۇچ» نى ئېلان قىلدى.
سىز پەقەت تۆۋەندىكى چىپار كودنى سىكاننېرلاپ، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، سالونغا 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىزلا، ھېسابلىغۇچنى تاپشۇرۇۋالالايسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپلا، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىڭىزنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.




-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئادەم تېنىنىڭ 24 سائەتلىك ۋاقىت جەدۋىلى
- كېيىنكىسى : دائىملىق ئۇۋۇلىتىش سالامەتلىككە زىيانلىق
ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئورۇقلاشتا تۆۋەندىكىدەك 4 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: 1.ئۈچۈن ۋاق تاماق يېيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. نامۇۋاپىق غىز
يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماڭ ئەلداۋا ساغلاملىق يېتكچىسى : كۆپ ساندىكى ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ھەتتا،ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلسا تېرىنى
ئۇخلاپ ھالىتى ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئۇخلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ پىرىنسىپى ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى خورىتى
تار ئىشتان كىيىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان 3 خىل تەسىرى ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى : 1.تار ئىشتان ساغرا قىسمىنى چىڭ سىقىپ تۇرغاچقا، ساغرا ۋە تاناسىل ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدىكەن. شۇنداقلا ئولتۇرغۇچىلار
ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : تەننىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى ئۇخلاش قىياپىتى گە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا 10 خىل كېسەللىكنى بىلگىلى بولىدۇ. ئا
