جىگەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان رولى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ياخشى بولمىغان ئادەتلەر سەۋەبىدىن، مەسىلەن دائىم كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەش، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىقلار،ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ياخشى بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى، مەسىلەن گۆشلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تويغىنىنى بىلمەي كۆپ يەپ-ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرگە زىيانلىق، ئۇنداقتا، جىگەرنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى سىزگە بۇ 4 يەرگە قاراپلا جىگەرنىڭ ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
1. ئېغىزغا قاراش
دائىم ئېغىز قۇرۇش، بەتتام ياكى بەك چۈچۈمەل بولۇپ قېلىش، بەزى چاغلاردا ئېغىزى پۇراش قوشۇلۇپ كېلىش قاتارلىقلار نۇرغۇن ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ھەممىسى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ۋە ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار. بۇلار سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇكى، جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقى ئېشىپ كېتىپتۇ، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇڭ.
2. تېرىگە قاراش
تېرىڭىزنىڭ رەڭگىنى كۆزىتىپ بېقىڭ، ئەگەر تۇتۇق، تۈنىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۆزنىڭ تۆت ئەتراپى قارىداش قاتارلىقلار جىگەردە كېسەللىك كۆرىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر تېرە سارغايغان بولسا جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
3. بېگىز بارماققا قاراش
قول بارماقلىرى ۋە ئالىقاندىن بەدەننىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بېگىز بارماقتىن جىگەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بېگىز بارماقنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بولسا جىگەر ساغلام بولىدۇ، ئەگەر بېگىز بارماق تاتىراڭغۇ، مايماق بولسا جىگەر ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ.
4. تىلغا قاراش
تىلنىڭ قېلىنراپ كېتىشىمۇ جىگەر ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىمى. ساغلام بولغان تىلنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل بولىدۇ ھەمدە ئىچكى ئەزالارنىڭمۇ ساغلام ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئەگەر تىل قېلىنراپ ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، جىگەر ۋە ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، ۋاقتىدا بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش لازىم.
جىگەرنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
1. ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك
2. مۇۋاپىق چېنىقىش كېرەك
3. ئوزۇقلۇقنى ياخشى تەڭشەش كېرەك
4. ئىسسىق ياندۇرىدىغان چايلارنى ئىچىپ بېرىش كېرەك
5. كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك
6. جىگەرنىڭ زەھەر ھەيدەيدىغان پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش
7. بالدۇر ئۇخلاش
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئۆپكىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بارمۇ؟
- كېيىنكىسى : تۈن شەپەرەڭلىرى تېز كۆرۈڭ! تۈنەشنىڭ خەتىرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق
ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئورۇقلاشتا تۆۋەندىكىدەك 4 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: 1.ئۈچۈن ۋاق تاماق يېيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. نامۇۋاپىق غىز
يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماڭ ئەلداۋا ساغلاملىق يېتكچىسى : كۆپ ساندىكى ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ھەتتا،ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلسا تېرىنى
ئۇخلاپ ھالىتى ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئۇخلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ پىرىنسىپى ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى خورىتى
تار ئىشتان كىيىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان 3 خىل تەسىرى ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى : 1.تار ئىشتان ساغرا قىسمىنى چىڭ سىقىپ تۇرغاچقا، ساغرا ۋە تاناسىل ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدىكەن. شۇنداقلا ئولتۇرغۇچىلار
ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : تەننىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى ئۇخلاش قىياپىتى گە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا 10 خىل كېسەللىكنى بىلگىلى بولىدۇ. ئا
