چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

نۇرغۇن كىشى چىشىنىڭ ئاق ھەم پارقىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولۇشى ناتايىن.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ مۇستەھكەم، ساغلام چىش سەل سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قەغەزدەك ئاق بولمايدىكەن. چۈنكى چىشنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان چىش ئېمال ماددىسى يېرىم سۈزۈك بولۇپ، ئەسلىي چىش ئاق بولماستىن سېرىققا مايىل بولىدىكەن، شۇڭا چىشلار سەل سېرىق كۆرۈنىدىكەن. ساغلام چىشلارنىڭ ئېمال ماددىسىنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، سۈزۈك ھەم قاتتىق بولۇپ، چىشنىڭ ئەسلىدىكى سېرىق رەڭگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەكسىچە ساغلام بولمىغان چىشلارنىڭ ئېمال ماددىسىنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن ھەم ئانچە سۈزۈك بولمىغاچقا، چىشنىڭ ئەسلىدىكى سېرىق رەڭگى ئانچە كۆرۈنمەي بىنورمال ئاق رەڭدە ياكى سۈت رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

شۇڭا چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ، بەلكى كۆرۈنۈشى تەبىئىي ھەم ئۆزىنىڭ تېرە رەڭگىگە ماس كېلىدىغان چىش ئەڭ ساغلام بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر