
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىغا كۆكۈل بۆلۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ ھۈجرىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىي ۋە يورۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۆي ئىچىدە نەرسە-كېرەكلەر ئاز بولۇشى لازىم.
كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىپ، بىمارلار زەخىملىنىپ، بىمار ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادىي يۈك ۋە روھىي بېسىم پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئىشنىڭ باشلىنىشىدىلا چىڭ تۇتۇپ، خەتەرلىك ئامىللارنى ئازايتىپ، تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كارىۋىتى ئىمكانقەدەر پەسرەك بولۇشى، ھاجەتخانا، يۇيۇنۇش ئۆيلىرىگە يېقىن بولۇشى كېرەك.
بىمارلارنىڭ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالماسلىقى ياكى دورىلارنى خاتا ئىچىۋالماسلىقى ئۈچۈن، قايچا، پىچاق قاتارلىق ئۆتكۈر نەرسىلەرنى ۋە ئوڭاي سۇنىدىغان قاچا-قومۇچ ھەم دورا-دەرمەكلەر، ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار تاپالمايدىغان يەرگە تىقىۋېتىش كېرەك. بىمارلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كارىۋات يانلىرىغا رېشاتكا بېكىتىش لازىم. تاسادىپىي ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى بىمارلار ئاچالمايدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ، ئىچكى-تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشالمايدۇ، ئاغرىق-سىلاقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر بىمارلارغا تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، دېۋەڭلىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئالايلۇق، ئۆي كۆچكەندە بىمارلار ياتسىراپ، ئاسانلا جىددىيلىشىشى ۋە روھىي ھالىتى نورمالسىزلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىمكانقەدەر بىمارلارنى مۇقىم شارائىتتا تۇرغۇزۇپ، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەسلىك، كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىمارغا قارىغۇچىلارنىمۇ ئالدىراپ يۆتكىمەسلىك لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟
- كېيىنكىسى : ئۆپكىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بارمۇ؟
ئۆپكىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بارمۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەپەسلىنىش ئەزاسى بولغان ئۆپكىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان يەنە بىر خىل ئىقتىدارى،
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۈندىلىك تۇرالغۇ مۇھىتى قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىغا كۆكۈل بۆلۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ ھۈجرىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىي ۋە يورۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى، پ
چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ نۇرغۇن كىشى چىشىنىڭ ئاق ھەم پارقىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولۇشى ناتايىن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ مۇستەھكەم، ساغ
ئالتە تۈرلۈك داۋالاش تۈزۈمى تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ مۇخبىرىمىز ئاينۇر مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: 19-ماي ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىللىق تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىن
ئېرى ئۆيدە تاماكا چەكسە، خوتۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئېرى ئۆيدا تاماق چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدىكەن . تەتقىقات
