ئالتە تۈرلۈك داۋالاش تۈزۈمى تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مۇخبىرىمىز ئاينۇر مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: 19-ماي ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىللىق تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدا دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش تۈزۈمى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق «ئالتە تۈرلۈك» تۈزۈمنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى ئېنىق بېكىتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 30-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش (ئۇششاق توغرالغان جۇڭيى دورىلىرىدىن باشقا) نى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. 30-ئىيۇلدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسى بويىچە تەڭشەلگەن داۋالاش مۇلازىمەت ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىكەن.2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10 ئىچىدە كونترول قىلىنىدىكەن.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %85 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دە، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ۋە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ئارقىلىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى ئەندىزىسىنى قوللىنىلىدىكەن. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %60 تىن ئاشۇرۇلۇپ، بارلىق نامرات نوپۇس بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەرتىپكە سېلىنىدىكەن. بىر تۇتاش پىلانلاش نۇقتىلىرى قاپلىنىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەبلەغ توپلاش سىياسىتى، داۋالاش سۇغۇرتا مۇندەرىجىسى قاتارلىق «ئالتىدە بىر تۇتاش بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەل تۈرىگە ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇشنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسى رايونلىرىدا بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە كېسەل تۈرىگە ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدىغان كېسەللىك تۈرى 100 دىن ئاز بولمايدىكەن. يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە باشقا يۇرتتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، باشقا يۇرتتا ئولتۇراقلاشقان، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دورا بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «جان قۇتقۇزغۇچى دورا» ۋە بالىلار دورىلىرىنى تەمىنلەشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «ئىككى بېلەت تۈزۈمى» نى يولغا قويۇپ، دورا ئوبوروت ھالقىلىرىنى ئازايتىدىكەن. تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقى، جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىق تەرەپلەردىن باشلاپ، ئۇنۋاننى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپچانلىق ، تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادتچانلىقىنى قوزغايدىكەن.

تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەربىيەلەش، داۋاملىق تەربىيەلىنىش قاتارلىق باسقۇچىلار ئارقىلىق تېببىي ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، تېببىي سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر