
ئۇيقۇسىزلىق ئۇزۇنغا سوزۇلغاننىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئنتايىن ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق. ئامېرىكىلىق ئىككى ئالىمنىڭ 700 كىشى ئۈستىدە بەش يېرىم يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە خىل ئامىل ئىچىدە، ئۇيقۇ مۇھىم بىر خىلى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيقۇ توسالغۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تىت- تىت قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى قان بېسىمى، نېرۋا ئاجىزلىق، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ۋە پىسخىك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇيقۇ توسالغۇسىدىن خېلى بىر قىسىم كىشىلەر « ئىككىلەمچى ساغلاملىق » ھالىتىدە تۇرىدۇ. چەت ئەللەردىكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، %10~%20 كىچە بولغانلار سوزۇلما ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئېغىر ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان.
ئۇيقۇ توسالغۇسى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، دەسلەپتە كەيپىيات ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، تىت- تىت بولۇش، خۇش بولۇش بىلەن ھەسرەتلىنىش تېز ئالمىشىش پەيدا بولۇش، ئەتراپتىكى مۇھىتقا قىزىقماسلىق قاتارلىقلار؛ ئۇيقۇسى قاچقان كىشىنىڭ پۇت- قوللىرى سانجىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىققا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، كۆزى قىزىرىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ، نەرسىلەر قوش كۆرۈنۈش ۋە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇش قاتارلىق كۆرۈش توسالغۇلىرى پەيدا بولىدۇ؛ ئۇيقۇسى قاچقان كىشىنىڭ تەپەككۈرى قالايمىقانلىشىپ، سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتە مۇكەممەل مەنىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئاخىر نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسى قانمىغاندا، نېرۋا ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تىزگىنلەش سىستېمىسى ئۇزۇن مۇددەت ئويغاق ھالەتتە تۇرىدىكەن ھەم تەدرىجىي سەرپ بولۇپ تۈگەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭشەش قالايمىقانلىشىدىكەن. ئاناتومىيە ئارقىلىق بۇ خىل بىمارلارنىڭ قان تومۇرلىرى كۆرۈنەرلىك قېتىشقانلىقى، تومۇرلىرى تارايغانلىقى، شۇڭا ئالاقىدار توقۇلمىلارنىڭ قان يەتكۈزۈپ بېرىشىگە ئېغىر تەسىر يېتىپ، ئەزالاردا توسالغۇ پەيدا بولغانلىقى، ئورگانىزملارنىڭ تۈرلۈك ماددا ئالمىشىش مەھسۇللىرىنىڭ بەدەن سىرتقا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى؛ ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، تۈرلۈك جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق كېسەللىلەرنى، مەسىلەن، سىئابىت كېسەللىكى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى بۇزۇلۇش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ھاياتلىقنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، ئاخىر ئورگانىزمنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بايقالغان.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
تار ئىشتان كىيىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان 3 خىل تەسىرى ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى : 1.تار ئىشتان ساغرا قىسمىنى چىڭ سىقىپ تۇرغاچقا، ساغرا ۋە تاناسىل ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدىكەن. شۇنداقلا ئولتۇرغۇچىلار
ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : تەننىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى ئۇخلاش قىياپىتى گە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا 10 خىل كېسەللىكنى بىلگىلى بولىدۇ. ئا
سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 7 خىل سەۋەب ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : سېمىزلىكنى داۋالاشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئانالىز نەتىجىسىدىن قارىغ
قىسقا ماسكا تاقابىل تۇمشۇقىنى ئىسسىق تۇتۇش ئىلمىيلىكمۇ؟ ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : قىش كۈنلىرى نۇرغۇن كىشىلەر ماسكا تاقاش ئارقىلىق تۇمشۇقىنى ئىسسىق تۇتماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىلمىيلىك ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ك
ھەممەيلەن قورقىدىغان بۇ 6 كېسەلنى داۋالىتىش ھاجەتسىز تۇرمۇشتا، كىچىككىنە كېسەللىكلەر ئۈچۈن دوختۇرخانىمۇ دوختۇرخانا، شىپاخانىمۇ شىپاخانا قاتراپ يۈرىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ھەتتا بەزىلەر تۇغقانلىرىنىڭ رىغبەتلە
