• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

2017 -يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە 21- نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ھەم مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

شىنجاڭدىكى 100گە يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى

 لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «يېڭى سۇپا. يېڭى پۇرسەت. يېڭى تەرەققىيات» تېما قىلىنغان 2017-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ھەم مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە باشلاندى. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك تۆت تەرەققىيات رايونى، 100گە يېقىن كارخانا ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتناشتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش- تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ھەم مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئىلگىرىكى يىللاردىكى 180 كىۋادرات مېتىردىن 300 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيدى، بىر تۇتاش لايىھەلەش، بىر تۇتاش بېزەش، بىر تۇتاش كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق يېزىق، سۈرەت، كۆپ خىل ۋاسىتە ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلدۇق، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تەشۋىق قىلدۇق.

نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە خېرىدار چاقىرىش تۈرىدىن 1200نى توپلىدۇق، ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 600 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ تۈرلەر نېفىت خىمىيە، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك، مېتال تاۋلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى، زامانىۋى مۇلازىمەت، ئۆي- زېمىن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، يېنىك سانائەت، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 13 ساھەگە چېتىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر