• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

«باستۇرۇپ سۇغىرىش»تىن «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش»قىچە

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ۋاڭ يۇڭفېي

 شىنجاڭ قەشقەر يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى «يېڭى 3 - بازار»دا بازارغا سېلىنىپ، ئېلىمىزدىكى يېڭى 3-بازاردا ۋىۋىسكا ئاسقان تۇنجى يېزا سودا بانكىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرىش يولىنى ئاچتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامراتلار مەركەزلەشكەن رايون، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۈبھىسىزكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىشتا بىر قاتار ئەندىزىلەرنى شەكىللەندۈردى. قەرز پۇل بېرىش پىشاڭنىڭ رولىنى ئويناپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپپارات تەسىس قىلىشتا جەنۇب بىلەن شىمال چېتىلدۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسىي قاتلامدا بانكا تور نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرت.

ئۈرۈمچى بانكىسى 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇرچە يان تېلېفون بانكىسى» كەسپىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن نۇرگۈل خوجىئەخمەت 2015- يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلدى. ئىلگىرى ھەر قېتىم ئۆيىگە پۇل ئەۋەتكەندە خەنزۇچىنى بىلىدىغان يۇرتداشلىرىنى ياردەمگە چاقىراتتى. ئۇ ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ «ئۇيغۇرچە يان تېلېفون بانكىسى» كەسپىنى يولغا قويغانلىقىنى ئۇقۇپ، يۇمشاق ماتېرىيال (APP)نى يان تېلېفونىغا چۈشۈرۈۋالدى، شۇنىڭدىن بۇيان پۇل ئەۋەتسە باشقىلارغا يېلىنمايدىغان بولدى.

شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بانكا تەسىس قىلىشتا، «جەنۇب بىلەن شىمالنى چېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بانكىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن باشقا جايدا يېڭىدىن تارماق ئاپپارات تەسىس قىلسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىمۇ بىر تارماق ئاپپارات قۇرۇشقا يېتەكلەپ، بانكىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاپپارات تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بانكا تور نۇقتىسىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئورۇنلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئىمپورت- ئېكسپورت بانكىسى قەشقەردە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش تۈرىگە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بۇ يىل 1- پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 8867 مەمۇرىي كەنتنىڭ 6386سىدە ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەمەلىيلىشىپ، قاپلىنىش نىسبىتى %71.98 كە يەتتى.

تىل ئۇقماسلىقتەك ئەمەلىي مەسىلىگە ئاساسەن، شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاپتونوم رايون بويىچە «قوش تىل»لىق ئاپتوماتىك پۇلبەرگۈدىن 2000نى ئورۇنلاشتۇردى.

قەرز پۇل بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى

قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىدىن باشقا، پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىش شۈبھىسىزكى، «مەبلەغ»نىڭ ئاساسىي قاتلامغا، نامرات رايونلارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى قوللايدىغان باشلامچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەكرار قەرز پۇل بېرىپ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاپ تەكرار قەرز پۇل بېرىشتە ئۆسۈمدە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇپ، يەرلىك قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللىشى ئۈچۈن تۆۋەن ئۆسۈملۈك مەبلەغ ئاجرىتىپ بەردى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز بېرىش كەسپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە جەمئىي 11 مىليارد 200 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلى تارقاتتى.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتكەن ئامانەت پۇلىنىڭ مۇئەييەن نىسبىتىنى شۇ جايغا قەرز بېرىشكە ئىشلىتىش ۋە ئۆلچەمنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىشنى باھالاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا نورمال ئامانەت پۇل زاپىسى نىسبىتىدىن 0.5- 1.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن ئېتىبارلىق ئامانەت پۇل زاپىسى نىسبىتىنى يولغا قويدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى 11 ناھىيەنى تاللاپ سىناق نۇقتىسى قىلىپ، كەنتلەرنىڭ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم شىنجاڭچە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بانكىلارنى مەركەزلىك، تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە نامرات ناھىيەلەرنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. بۇ يىل 1- پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى بانكىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەركەزلىك، تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلىرىغا 177 مىليارد 221 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھەر خىل قەرز پۇل بېرىشنى قوللاپ، يىل بېشىدىكى پىلاندىكىدىن 2 مىليارد 524 مىليون يۈەن كۆپەيتتى؛ شىنجاڭدىكى 35 نامرات ناھىيەنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بەرگەن قەرز پۇل قالدۇقى 54 مىليارد 389 مىليون يۈەن بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە جەمئىي 40 مىليارد 174 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى؛ ھازىر نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە 37 تۈرلۈك قەرز پۇلى تەستىقلانغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالە 127 مىڭ 600گە يەتتى.

رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتە مەبلەغنى يۈرۈشتۈرگىلى بولماسلىقتەك بوغما ھالەت بۇزۇپ تاشلاندى

قەرز پۇل، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇش «باستۇرۇپ سۇغىرىش» دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلارغا رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى «تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەبلەغ ئوبدان يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىگە دەل جايىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

2016- يىلى 6- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نامراتلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، «50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، ئۈچ يىللىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەش، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىدە مالىيە ئۆسۈمىنى تولۇقلاپ بېرىش، ناھىيە، شەھەرلەردە خەۋپ- خەتەر تولۇقلىمىسى فوندى قۇرۇش» تىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەشتىكى رەنىسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىشنى كېڭەيتتى.

سېرىك قاسىمقان ئائىلىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى چاغانغۇل يېزىسى سار بۇلاق كەنتىدىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇ نامراتلارنى يۆلەشتىكى رەنىسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق قەرز پۇل سىياسىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، چىڭگىل ناھىيەلىك يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىدىن نامراتلارنى يۆلەشتىكى رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇلدىن 50 مىڭ يۈەن ئالدى.

سېرىك قاسىمقان ئۇزاق ئۆتمەي ئۈچكۆل ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، ئۈچ كىگىز ئۆي ياساپ، ئاۋۇل ئارامگاھى ئاچتى.

سېرىك قاسىمقان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى بولغاچقىلا، تىجارەتكە دەسمايە سالالىدىم، ساياھەتنىڭ ئالتۇن پەسلىدە بىر ئايدىلا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدىم، يىللىق كىرىمىمىزنىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدا گەپ يوق.

سېرىك قاسىمقانغا ئوخشاش بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 200 مىڭ دېھقان ئائىلىسى رەنىسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپ ئالدى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

ئاپتونوم رايون بۇ سىياسەتنىڭ دەل جايىدا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «نامرات ئائىلىلەر (ئالاقىلەشكۈچى كادىر) + كەنت كومىتېتى (<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى) + يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى + ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى»دىن ئىبارەت ناھىيە، يېزىلار مەركەزلەشتۈرۈپ باھالاش، ناھىيە بويىچە ھۆددە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىجاد قىلىپ يولغا قويدى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شەكىللىك قولى» دىن پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «شەكىلسىز قولى» نىڭ ھەمكارلىقىدا، قەرز پۇل ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش، قەرز پۇل ئېلىش جەريانىدا نازارەت قىلىش، قەرز پۇل ئالغاندىن كېيىن يىغىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىنى دەل جايىدا يۆلەش لايىھەسىنى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ زەنجىرى بىلەن بىر- بىرىگە چاتتى.

بۇلتۇر 6- ئايدا رەنىسىز، كېپىلسىز نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى تارقىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆز تەۋەلىكىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە رەنىسىز، كېپىلسىز نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىدىن 6 مىليارد 980 مىليون يۈەن تارقىتىلدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر