• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلەنسە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1- ئىيۇن تېلېگراممىسى. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بازار ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ئۇيغۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭدا بىر قاتار ماھارەت يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئارتۇق ئەمگەكچىلەر مەبلەغ ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 65 يۈەندىن تەربىيەلىنىش ھەققى ۋە تاماق ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياش تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقۇچىلارغا كۈنىگە كۆپ بولغاندا 500 يۈەن ياردەم بېرىدىكەن. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بېرىلىدىغان كونكرېت ياردەم پۇلنىڭ سوممىسىنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ئەمگەكچىلەر %68.2 ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر