• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاپتونوم رايونىمىز 125 مىڭ مېيىپنى ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون «13- بەش يىل»دا 125 مىڭ مېيىپكە ھەقسىز ماھارەت ئۆگىتىدۇ.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش (13- بەش يىللىق) پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارى بار مېيىپلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، تەربىيەلەش بازىسى ۋە كارخانا قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقىدىن بىر تۇتاش پايدىلىنىپ، مېيىپلارنى تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى 75 مىڭ نامرات مېيىپنى ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەشكە تەشكىللەيدۇ؛ شەھەر- بازارلاردىكى 50 مىڭ مېيىپنى كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 30 مىڭ مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر