چېن چۈەنگو ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك
ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ شىنجاڭ تارماق يىغىن مەيدانىدىكى يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ، ئارمىيە بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، جاۋ چۇڭجيۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەۋقەنى ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىغا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، ئارمىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، قۇدرەتلىك قوشۇن، مەدەنىي قوشۇن ئوبرازىنى تىكلەشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭى بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى، قەتئىي ياخشى تاماملىشى كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا تاماملاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش كېرەك. بىرىنچى، خىزمەت پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، ئومۇميۈزلۈك بولۇش، پائال، مۇقىم بولۇش، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ۋە تەلىپى بويىچە ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرا يۆنىلىشىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، قاتلاممۇقاتلام ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسىم بىلەن جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قىسىمنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىشى، ئارمىيەنىڭ ئېھتىياجى بىلەن خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە تاماملىشىشى كېرەك. ئۈچىنچى، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ رەتلەپ، تىزىملىك تۈزۈپ، ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى قاراتمىلىققا ئىگە تۈزۈپ، تۈرگە ئايرىپ، تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن ۋاسىتىسى، مەمۇرىي ۋاسىتە، ئىقتىسادىي ۋاسىتە ۋە كۆپ مەنبەلىك ماجىرا ھەل قىلىش مېخانىزمىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ھەر خىل زىددىيەت مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى قانۇن- نىزام رامكىسى ئىچىدە قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلارنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىپ، سىياسەت تەرتىپلىرىنى چىڭىتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق- ئىناقلىقىنى قوغداش كېرەك. بەشىنچى، ياخشى مۇھىت يارىتىش، بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، سىياسەت- تەدبىرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
2017 -يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە 21- نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ھەم مەبلەغ س شىنجاڭدىكى 100گە يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى سۇپا. يېڭى پۇرسەت. يېڭى تەرەققىيات تېما قىلىنغان 2017-يىل
باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىمەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دەلىلقان مامىقان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ئەكبەر ئىسمائىلنىڭ شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئار
شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلەنسە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1- ئىيۇن تېلېگراممىسى. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بازار ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ئۇيغۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇشى ئۈچۈن،
ئاپتونوم رايونىمىز 125 مىڭ مېيىپنى ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 13- بەش يىلدا 125 مىڭ مېيىپكە ھەقسىز ماھارەت ئۆگىتىدۇ. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتې
