• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىمەن

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دەلىلقان مامىقان

يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېچىپ تاشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

 «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشقا، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى، بولۇپمۇ بىر ئوچۇم زوراۋان- تېررورچىلار ئەسەبىيلىشىپ، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان قانلىق دېلولارنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق- ئىناقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى!

 ئالتاي شەھىرىدىكى ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان پارتىيەلىك قازاق رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىممۇ بولمىغان بولاتتى. مەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قەتئىي قوغدايمەن.

پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەلىشىگە ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان بىرىنچى تەلەپ ئىكەنلىكىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ھازىرقى مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشىمەن. پارتىيە ۋە پارتىيە ئىشلىرىغا مەڭگۈ سادىق بولۇپ، سىياسىي ئىرادەمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك بولىمەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلمايمەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن.

پارتىيە ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارىتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن. مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى بۇ ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، دادىل بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن، ھەرگىزمۇ چەتتە قاراپ تۇرغۇچى، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەردىن بولمايمەن؛ ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان، شەكلەن بويسۇنۇپ، ماھىيەتتە قارشىلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرق ئېتىشكە ماھىر بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلايمەن؛ زوراۋان- تېررورچىلارغا، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، دىنىي ئەسەبىيلەرگە زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللايمەن، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمايمەن، توخۇ يۈرەك بولمايمەن، مۇرەسسە قىلمايمەن، يول قويمايمەن.

پارتىيە ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى قەتئىي قوغدايمەن. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن؛ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئىزچىل ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «بىر جان تومۇر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ بۈك- باراقسان ئۆسىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، چىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە دۇرۇس خىزمەت ئىستىلى بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئاڭلىق ياخشى ئادا قىلساقلا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، خەلق تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر