لى پېڭشىن مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى قەھرىمان- نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى قەھرىمان-نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ج خ قوشۇنى دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ساغلام كەيپىياتقا، ئۇلۇغۋار روھقا ئىگە قوشۇن، سىلەرگە ئوخشاش خالىسانە تۆھپە قوشىدىغان ۋە خەۋپ- خەتەردىن قورقمايدىغانلار بولغاچقا، جەمئىيەت تىنچ بولۇپ، خەلق بەختىيار ياشىماقتا. ئۇزاقتىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، شىنجاڭدىكى ج خ خەلق ساقچىلىرى بۇرچىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپىسىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ، ئومۇمنىڭ غېمىنى يەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.
بۇ قېتىم دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ج خ سىستېمىسىدىكى قەھرىمان- نەمۇنىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى شىنجاڭ ج خ قوشۇنىدىكىلەرنىڭ غايە- ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتىشىغا، شىنجاڭدىكى ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.
مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى قەھرىمان-نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ نەيفېڭ مۇنداق دېدى: دوكلات بېرىش ئۆمىكى بۇ قېتىم شىنجاڭدا ئىككى مەيدان دوكلات بېرىپ، قەھرىمان- نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرى ۋە كىشىلەرگە ئىلھام، مەدەت بېرىدىغان روھىنى شىنجاڭدىكى كەڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىدۇ، ج خ سىستېمىسىدىكى قەھرىمان- نەمۇنىچىلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ چاڭجيې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
2017 -يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە 21- نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ھەم مەبلەغ س شىنجاڭدىكى 100گە يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى سۇپا. يېڭى پۇرسەت. يېڭى تەرەققىيات تېما قىلىنغان 2017-يىل
باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىمەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دەلىلقان مامىقان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ئەكبەر ئىسمائىلنىڭ شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئار
شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلەنسە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1- ئىيۇن تېلېگراممىسى. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بازار ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ئۇيغۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇشى ئۈچۈن،
ئاپتونوم رايونىمىز 125 مىڭ مېيىپنى ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 13- بەش يىلدا 125 مىڭ مېيىپكە ھەقسىز ماھارەت ئۆگىتىدۇ. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتې
