• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 ئەكبەر ئىسمائىلنىڭ شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى بۇ يىل 8-ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

 مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە 2017- يىللىق مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (18 ياشتىن 22 ياشقىچە) 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە ئاياغلاشقان، شىنجاڭ ئاياللار بوكس كوماندىسىدىكى تونۇق بۇركۈتباي مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، بۇ شىنجاڭ ئاياللار بوكس كوماندىسى ماھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 14 بوكسچىنىڭ 13ى ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بىر بوكسچى ئالماشتۇرۇش شەكلى بىلەن تيەنجىن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۈچ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىگە ئەرلەر كوماندىسى بويىچە 16 بوكسچىنى، ئاياللار كوماندىسى بويىچە ئۈچ بوكسچىنى قاتناشتۇرغان. بۇ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئەۋزەللىككە ئىگە ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدىن سىرت، يەنە 56 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر