• يېڭى ماقالىلەر
  • تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

سەھىپە: يىغىن | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

 جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ۋاقتىدا ئەگىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار نىزام چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار يەرلىك قائىدە- نىزاملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك م−ۇھىتنى قوغداشقا چېتىلىدىغان قائىدە- نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۈچ چوڭ قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئۈچ يۇقىرى» (ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى يۇقىرى) تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون يولغا قويغان نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سالمىقىنى قانۇن بويىچە ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭى، مۇھىت ئاسراش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قارىشىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئېڭىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، ئىنام نەسىردىن يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر