كاپىتال ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش
ۋاقتى: 2016-09-12
ئاۋاتلىقى: 1021 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كاپىتال ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش
جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ،جۇڭگو ئىقتىسادى ئۆتكەنكى 40نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى بىر مۆجىزىگە ئايلاندى.مۆجىزە بەرىبىر مۆجىزە،ئۇ ھامىنى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.مەيلى كارخانىچىلار بولسۇن ياكى ئىقتىساد تەكشۈرگۈچىلەر بولسۇن پۇل تېپىش بەك تەسلىشىپ كەتتى دەپ قارايدۇ.بۇ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەمەلىيەت.نەچچە ئىقتىسادى دەۋرىيلىكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كارخانىلارمۇ بۇ قېتىمقى بازار سىنىقىدىن ئۆتەلمەي ۋەيران بولدى،سەۋەبى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مۇھىتى ئاللىقاچان ئۆزگەرگەن بولۇپ،بۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشالمىغان كارخانىلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالدى.پاختىلىق كىيىمى بولمىغان بىر كارخانا قىشتىن ئۆتەلمەيدۇ.مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەت بىرلا ئىقتسادى ئامىلغا تايىنىپ كېلىۋاتقان كارخانىلارنى شاللىدى،ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش شارائىتى ئۆزگەرگەن بولۇپ،بۇرۇنقى باشقۇرۇش ۋە تىجارەت شەكلىگە تايانغاندا ئەلۋەتتە پۇل تاپقىلى بولمايدۇ.
يېڭى بازار مۇھىتىدا كارخانا نۇرغۇنلىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ،جۇڭگو كارخانىلىرىنڭ خاسلىقى ئاخىرى بازار مەنبە بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشتە ئورۇن ئىلىشقا باشلىدى.كارخانا تىجارىتى ئاللىقاچان يەككە دەۋرىدىن مودېللاشتۇرۇلغان دەۋرگە تەرەققىي قىلدى.كاپىتالنىڭ ئۇقۇمى ئەسلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ئۇقۇمى بولماي قالدى.بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى مالىيە ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلاندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كاپىتالغا ئايلىنالايدۇ،كاپىتال پەقەت پۇل ياكى دەسمايە دەيدىغان دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى.بازاردا ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلە كاپىتالدا مەنبە بايلىقى كەمچىل بولمايدۇ،كۆپ خىل ئامىللار بىرلەشتۈرۈلگەن بازار پۇرسىتىدە ئاندىن مەنبە بايلىقى كەمچىل بولىدۇ.كارخانا تىجارىتى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشقا تايىنىپ بۆسۈش ئىلىپ كېلىدىغان دەۋرگە ھەققى يېتىپ كەلدى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى بازاردىكى كارخانىچىلار روھىغا تايىنىدىغان بولدى،ئىقتىساد ئىلىمى بىزگە ئىقتىسادى تەرەققىيات «قىسقا مەزگىلدە ئېھتىياجغا،ئۇزۇن مەزگىلدە تەمىنلەشكە تايىنىدۇ»دەيدۇ.بازار ئىقتىسادىنى قاندۇرۇش تەس ئىش ئەمەس،بۇ جۇڭگو كارخانىلىرى ئون نەچچە يىلدىن بىرى قىلىۋاتقان ئىش.مەسىلەن جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك ساھەسىدە سىياسەتكە تايىنىپ ئۆي سىلكىپ،ئۆي سېتىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ،ئەمما بىر ئىقتىساد سىستېمىسىدا پەقەت ئۆي-مۈلۈك ساھەسىلا بار بولماستىن ھەر تەرەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.ئۆتمۈشتە دۆلەت قاتلىمىدا كارخانىلار ئۆتكۈزىدىغان بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزدى يەنى ئايرىم ساھەلەرگە تايىنىپ پۈتۈن ئىقتىساد سىستېمىسىنى تىرەپ تۇرغۇزدى،ھەتتا پۈتۈن ئىقتىسادى سىستېما ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپى بىلەن قورشالدى.كىيىنكى كارخانا تىجارىتى جەريانىدا يەككە ھالەتتە تەرەققىي قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ غەلىبە قىلىش مىساللىرى بارغانسېرى ئازايدى.20-ئەسىرنىڭ80-،90-يىللىرىدىكىدەك ئېلان ۋە سېتىشنى ياخشى قىلىپلا كۆپ پۇل تاپىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى.
ئەمەلىيەتتە بازاردا ھەقىقىي كۈچەيگىلى بولىدىغان جاي خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئەمەس،بەلكى رىقابەت بولغان شارائىت ئاستىدا،كارخانىچىلار بازاردا ئىگە بولغان مەنبە بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ خېرىدارنىڭ نۆۋەتتىن ھالقىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا.بۇ تەمىنلەشنىڭ غەلىبىسى،قىسقا مۇددەتتە پۇل تېپىش خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ غەلىبىسى،دائىم گۈللىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتىكىدىن ھالقىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ بازارنى قاندۇرۇش كېرەك.نۆۋەتتىكى بازاردىن ھالقىشنىڭ بىر يادرولۇق ئىقتىدارى بولسا «كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈش».بىر تۈركۈم كارخانىلار ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بازار ئامىللىرىنى كارخانا تەرەققىيات ئوربىتىسىغا ئەكىرىپ سىناپ باقىدۇ.
كارخانىچىلارنىڭ كەسپىنى ساقلاپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر قورالى بولسا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ،بۇنىڭ ماھىيىتى بولسا مەنبە بايلىقىنى يېڭىدىن تەشكىللەش.تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى سىېستىمىسدا،كارخانىچىلارنىڭ غايىۋى ئىجتىمائىي ئىقتىسادقا بولغان ئارزۇسى بولسا ئىدارە قىلغۇچىنىڭ بىلىم تەجرىبىسى،تېخنىك ئىنژېنېرلىرىنىڭ پاتېنت نەتىجىسى شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە مېخانىزمىدىكى قولىدا بار بولغان دەسمايىنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ،بازارنى خېرىدارلار ئىشلىتىپ باقمىغان مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.كارخانىچىنىڭ بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادى تىرىتورىينى ئۆزگەرتىدىغان يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ.
مەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمدا ئادەمنى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يادروسىغا قويدۇم.مەن ئىقتىسادنىڭ ماھىيىتىنىڭ ماددا ئەمەس ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.مەنبە بايلىقى سېمونىت-پولاتلاردا ئەمەس ئادەمدە ساقلانغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا مەن ئىزچىل ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا كۈچ چىقىرىمەن.پۇرسەت بىر قانچە كارخانىچى روھىغا ئىگە بولغان ئادەملەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ بىلىم تىرىتورىيسىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقتىن پايدىلىنىپ تۆھپە قوشۇشتا بولۇپ مۇشۇنداق بولغاندا «كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈش»ئەمەلگە ئاشىدۇ،ھەم بۇ بىر كارخانا ئېھتىياجلىق بولغان ئۇرۇقتۇر.
كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈشتە بىرى«بىرلەشتۈرۈش»،يەنە بىرى«كاپىتال»دىن ئىبارەت ئىككى ھالقىلىق سۆز بار.ئالدى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ كۈچىگە،كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە گۈللىنىشىدىكى ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك.نېمىنىڭ كاپىتال ئىكەنلىكىنى بىلىش شۇنداقلا ئۆز كارخانىمىزدا بار بولغان كاپىتاللارنى ئىدىتلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن كارخانا كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈش بولسا كونا مەسىلە ئەمما بۈگۈنكى دەۋر بولسا كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋرى.ئەڭ ئاخىرىدا سەھنىلەشكەن سودا شەكلى گۈللەندى،يەككە ھالەتتە كۈرەش قىلىش دەۋرى ئۆتۈپ كەلمەسكە كەتتى،ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈش ئەڭ ئۈنۈملۈك،ئەڭ تىز بولغان بۆسۈش خاراكتېرلىك يول بولۇپ قالدى.
باشقۇرۇش ئۆلىماسى دېرۇك كارخانا تىجارىتىنىڭ ماھىيەت مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن روشەن كۆزەتكەن بولۇپ،كارخانا ماھىيەت جەھەتتە تىجارەتنىڭ بىلىمى،بىر كارخانا بىر بىلىم تىرتورىيسى بولۇپ تىجارەتتىكى بىلىم كارخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەيدۇ،كارخانىنىڭ قۇرۇلمىسى كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاللىقاچان پۈتۈنلەي يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى،كارخانا گۇرۇپا شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.بۇرۇنقى بۆلۈم ۋە گۇرۇپا شەكىلدە بىر كارخانا قۇرۇپ ،كارخانىنى ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلدۇرۇپ،كارخانىچى پەقەت ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى ياخشى ئىلىپ ماڭسىلا بولاتتى.ئەمما ھازىر بىر ئوقەتچىلىك كارخانىسى مۇكەممەل بىر تىجارەت تەشكىلاتى بولالمايدۇ،ئوقەتچىلىك كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتى پەقەت «كاپىتال بىرلەشمىسى»نىڭ تارماق سىستېمىسى بولالايدۇ،كارخانا ئۈستىدە ھەرخىل ھەر ياڭزا سەھنە شەكىللىك ئىجتىمائىي رايونلار بولۇپ،بۇ ئىجتىمائىي رايونلار كارخانىلار ئارىسىدىكى ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.بىز تىرىشىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كارخانىلار ئارىسىدىكى بەھرىلىنىش ۋە ئۇلىنىشنى تاماملىشىمىز كېرەك.
تىنچ ھالەتتىكى باشقۇرۇش سىېستىمىسى ۋە تىجارەت شەكلى مەۋجۇت بولماي ئۇنىڭ .ئورنىنى ھەرىكەتچان ھالەتتىكى باشقۇرۇش شەكلى ئالدى،يەنى بۇنىڭدىن كىيىنكى كارخانا تىجارىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى«كاپىتال بىرلەشمىسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.كارخانا سىرتقى جەھەتتە مۇكەممەل بىر ئىجتىمائىي رايون سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ بۇ سىستېما كارخانىنىڭ پۇرسەت سىستېمىسى،بۇ يەردە ئوخشاش بولمىغان مەنبە بايلىقىغا ئىگە بولغان كارخانىلار بىر يەرگە كېلىپ سىتىراتىگىيلىك بىرلىشىپ يېڭى بازار قىممىتى يارىتىدۇ.
كارخانىنىڭ نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلىرى «بۇلۇت»تا مەۋجۇت بولىدىغان بولۇپ،چوڭ سان-سىپىرلاردا يوشۇرۇنغان بازار پۇرسىتى كارخانىچىلارنىڭ ئېنىق كۆزىتىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بولىدۇ،كارخانىچى پىشىپ يېتىلگەن«كاپىتال بىرلەشمىسى»ئىجتىمائىي رايونى ئارقىلىق بۇ بازار پۇرسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ.نۆۋەتتە بۇ خىل ئىجتىمائىي رايونلار بىر ئورمانلىق بولۇپ شەكىللىنىپ،يامغۇر بۇلۇتلىرى ئاستىدىكى ئىكولوگىيلىك سىستېمىغا ئايلاندى.كارخانا بىر تۈپ چوڭ دەرەخ بولۇپ،ئۇ پەقەت ئورمانلىقتا بولغاندىلا ئاندىن ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ ۋە كۆپىيەلەيدۇ،كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈشنى تاماملاپ،ئىكولوگىيلىك سىستېمىدا ھەرخىل مەنبە بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاندىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ.
كارخانا پەقەت ئۆزىنىڭ كەسپىنى ساقلاپ تۇرسىلا بولمايدۇ،بۇنىڭدىن باشقا سىرتقى جەھەتتە ئومۇمىيلىق خاراكتېردىكى«كاپىتالنى بىرلەشتۈرۈش»ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك،رىقابەتتىن ھالقىش ھازىرقى بازار رىقابىتىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى.كارخانا تىجارىتىدە باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە ئاكتىپلىق بىلەن چىقىپ يېڭى رىقابەتنى كۈتۈۋالغان ياخشىراق بولىدۇ.
Tags: كاپىتال