| مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگانلارنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش سىنىپى ئېچىشنى قاتتىق چەكلەش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلدى جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 16- سېنتەبر خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2015- يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىققا ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسم بۆلۈملىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش سىنىپىلىرى ئېچىشى ياكى بۇنىڭغا قاتنىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى بەلگىلىمىدە «خىلاپلىق قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش» دېگەن بابىغا « ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش سىنىپىلىرى ئېچىشى ياكى بۇنىڭغا قاتنىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇن قوشۇلغان. بەلگىلىمىدە كونكىرت قىلىپ ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسم بۆلۈملىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش سىنىپىلىرى ئېچىشى ياكى بۇنىڭغا قاتنىشىشى، جەمئىيەتتىكى تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى مەيدان ۋە ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىشى، تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى ئىدارە-ئورگانلارغا ۋاكالىتەن تەربىيلەشنى ھاۋالە قىلىشى، تەشۋىقات ۋە تەشكىللەش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىقلار قاتتىق چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
|
|