| يۈرەكتىكى ھەسرەتلەر يېتىپ كەلدى يېڭى يىل تىزلا زورخۇشاللىق ئىلكىدە بۈگۈن. بۇ بايرامنى قىزغىن تەبرىكلەپ، بارلىق دوستلار كۈلكىدە بۈگۈن. ياشلىقىمدا يېڭى يىل كەلسە، خۇشال بۇلۇپ ئەركىن يايرىدىم. مانا ئەمدى قېرىپ قاپتىمەن، ئەپسۇسلىنىپ جانسىز سايرىدىم. ھەيران بولماڭ،خىزمەتداشلىرىم، مىنىڭ ئۈشبۇ دېگەن سۈزۈمگە. ھاياتىم بەك قىسقا كۈرۈندى، تۆگىگەندەك،مېنىڭ كۈزۈمگە. ھاياتلىققا قانماسكەن ھېچكىم، شۇنداق تاتلىق بۇ ھايات بىلسەم. بۇنى بەكمۇ كىچىكىپ بىلدىم، بولماسمىدى بۇرۇنراق بىلسەم. ئۈتۈپ كېتەر،ئاتقان ئوقتەكلا، ئاخىرلىشار بۇ ھايات دېگەن. مەنىسىزلا كەتسە كۈنىمىز، ئاھ ئۇرۇپ،ئاخىر پۇشايمان يېگەن.
پۇشايمان قىپ،ئاھلار ئۇرساقمۇ، قايتىپ كەلمەس،بۇ ھايات دېگەن، نەتىجىسىز كەتكەن ھاياتقا، قايسىلىرىمىز، بۇپتۇلا دېگەن. مەنمۇشۇنداق ئويلانماي يۈرۈپ، كۆپ ھاياتىمنى تۈگۈتۈپتىمەن. ئويلىنىپ باقسام،ئۆتكەن ھاياتنى . مىللىتىمگىمۇ زىيان ساپتىمەن. ئاقيوللار تىلەپ،بىزگە ئىشىنىپ، سەبى پەرزەنتنى بەردى مەكتەپكە. ئەمما ئەپسۇس تۇلىمۇ ئەپسۇس، چۈكۈپ كەتتىم ئېغىر ھەسرەتكە. جاپا تارتىشتىن قورقۇپ بەزىدە، مەسئۇليەتنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سائەت توشسابولدى دەپ يۈرۈپ سەبى پەرزەنتكە زىيان ساپتىمەن. شۇ سەۋەپ ھازىر،چىكىنىپ مىللەت، ساۋاتسىز خەلقىم كۈپۈيۈپ قالدى. ۋىجدان ئالدىدا جاۋاپ بېرەلمەي، بۇ يۈرەكلىرىم ھەسرەتتە تالدى. قايرىلىپ مانا ماڭغان ئىزىمغا، نەزەر سېلىپ،قارىسام ناگان. پۇشايماندا تۈكىلەر يېشىم، ئەپسۇسلىنىپ ئۆتتۈم مەن ھامان. مائاشىمدىن پۇل تۇتۇپ قالسا، ئۇيالماستىن سۆزلەپ ساپتىمەن. مەندىكى زور مەسئۇلىيەتنى، ئەپسۇس ھەجەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مىللەت كىمنىڭ،مەكتەپ كىمنىڭكى، ھەجەپمۇ بۇنى ئويلانماپتىمەن، بالىلاردىن ۋايساپ يۈرۈشكە، ھەجەپ شۇ چاغ ئۇيالماپتىمەن. سەبىي بالىلار ئاق قەغەز ئىدى، ئىشلىتىشنى مەن بىلمەي قاپتىمەن. ئاپپاق قەغەزنى كاردىن چىقىرىپ، مىللىتىمگە ھەم زىيان ساپتىمەن. شۇ سەۋەپ مىنىڭ خەلقىمدىن، ساۋاتسىزلار كۈپىيىپ قاپتۇ. بۇنى بايقاپ، ۋاھىم يىگەندە، يېشىم بىر يەرگە بېرىپمۇ قاپتۇ. مائارىپ ئەسلى پۈتۈن خەلىقنىڭ، كۆز تىككۈدەكلا ئىسىل سورىنى. بۇ گۈزەل جاينى تۈگەشتۈرمەيلى، چىڭراق تۇقايلى،بىلىم تورىنى. ئەتراپىمغا نەزەر سالسام مەن، كۆپ ساندىكىلەر بەك ياخشى ئىكەن. بىزلەر ئۆتكۈزگەن سەۋەپ تۈپەيلى، ناكەس ئادەملەر يەنە بار ئىكەن. شۇڭا ھەممىمىز تىرىشىپ ئەمدى، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشايلى، ساۋاتسىزلار چىقمىسۇن ئەلدىن، بىلىم بېغىدا شەرەپ قۇچايلى. گېپىم ئەگەردە قوپال كەتسىمۇ، خاپا بولماي ئويلاپ قۇيايلى، مىللىتى ئۈچۈن ئويغانمىغانغا ھەممە بىرلىكتە قارشى تۇرايلى. سەبىي ئۆسمۈرگە تىرىشىپ ئەمدى كەڭ دائىرىدە بىلىم بىرەيلى. بىلىم بېغىدا گۈل ئېچىلدۇرۇپ. ھەممە بىرلىكتە ھۇزۇر سۈرەيلى. ھەممەيلەنگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت، گىپىم تۈگىدى چۈشەي سورۇندىن. ۋاقتىڭلارنى بەك ئېلىپ قويدۇم، گۈللەرئۈنگەي ماڭغان ئورۇندىن.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|