| [ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مەسىلىلەر ئاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن زەيتۇنگۈل ئابدىراخمان
كونىلاردىن بىزگە ‹‹كۈچ بىرلىكتە،ئىش ئۆملۈكتە››، ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە يەر››دېگەندەك ھېكمەتلەر قالغان. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان كوللىكتىپ ئۇيۇشقانداھەرقانداق ئىشنىى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇيۇشماي، ئىتتىپاقلاشماي ئىش قىلىمەن دېسە ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشلەتكەن ماقال-تەمسىللەردۇر. مۇشۇ ماقال-تەمسىللەرنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئىش قىلىشتا ئۆملۈكنى،ئىتتىپاققىقنى،ئىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىبلىنامىسى قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئەمما ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئائىلىلەردە پەرزەنت سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ‹‹شەخسى مەنپەئەت شىكەر مەنپەئەت ›› دەيدىغان بىر قىسىم شەخسىيەتچى،ئۇيۇنخۇمار پەرزەنتلەر مەيدانغا كەلمەكتە.ئاتا-ئانىلارئۇلارنىڭ تەلىپىنى جان-جەھلى بىلەن ئورۇنداپ ئۇلاردا‹‹ئاتا-ئانام مېنىڭ گېپىمنى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك››دەيدىغان كۆز قاراشنى يىتىلدۈرمەكتە. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانام،ئوقۇتقۇچۇم مىنىڭ ئارزۇيۇم بۇيىنچەئىش قىلىشى كىرەك دەپ‹‹تەييارغا ھەييار بولۇش››نى ئۈمىد قىلماقتا. بۇ تەييار تاپلىق ئوقۇغۇچىلاردايامان ئىللەتلەرنى پەيدا قىلىپ سىنىپ مۇدىرىغا نىسپەتەن ئېغىر باش-ئاغرىقى پەيدا قىلماقتا. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ جېنى.‹‹تاما-تاما كۆل بولار››دىگەندەك بىر سىنىپ كوللىكتىۋىمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، سىنىپ كوللىكتىپىنى بىر كېمىگە ئوخشاتساق سىنىپ مۇدىرىنى كېمە باشقۇرغۇچىغا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ.سىنىپ مۇدىرى ياخشى بىر كېمە باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. 1.سىنىپ مۇدىرى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى.سىنىپ مۇدىرى ئائىلە باشلىقلىرىنى چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇلار بىلەن سىردىشىش توغرا بولمىغان پىكىرگە قارىتا ئەمەلىي پاكىت ھەم داۋلىلار ئارقىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنى قايىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسە سىنىپ مۇدىرى چوڭ بىر يۈلەنچۈككە ئىگەبولغان بولىدۇ. ‹‹ئادەم ئادەم بىلەن،پىستە بادام بىلەن دىگەندەك بىز ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرلىكتە كىلەلىسەك چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يىتەكلەش ئۈنىمىگەئېرىشەلەيمىز 2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىنى ئىگىلەپ كىسەلگە قاراپ دورا بىرىشكە ماھىر بولۇش كىرەك. سىنىپ مۇدىرى ‹‹بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر ››بولۇپ مەن پەقەت بىر ئوقۇتقۇچى دىگەن كۆز قاراشتا بولماي بەلكى پىسخىكا دوختۇرى بولۇشقىمۇ ماھىر بولۇش كىرەك سىنىپ مۇدىرىغا نىسپەتەن بالىلارنىڭ خاراكتىرىنى ئىگەلەش تولىمۇ مۇھىم.‹‹كىسەلگە قاراپ دورا بىرىش ›› ئۇسۇلى بويىچە ‹‹گۈلىنى گۈلگە كەلتۈرۈپ››ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىگە ماس كىلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. 3.ئوقۇغۇچىلاردا كوللىكتىۋىزىملىق روھ تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق پىرىنسىپ كوللىكتىۋى بەرپا قىلىش كېرەك. ‹كۆپنىڭ كۈچى كۆپ››‹‹بىرلەشكەن ئۇزار،بىرلەشمىگەن تۇزار ››دىگەندەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش تولىمۇ زۆرۈر.ئىناق -ئىتتىپاق بولغان ياخشى بىر سىنىپ كوللىكتىۋى قۇرۇشنىڭ ئاساسى.شۇڭا سىنىپ مۇدىرى بولغۇچىلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى لازىم. 4.سىنىپ مۇدىرى بەرگەن ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش تولىمۇ زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلاردا دوراش پىسخىكىسى تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە سىنىپ مۇدىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەدە بېرىپ قويۇپ ۋەدىگە ئەمەل قىلمىسا،ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا يالغانچىلىق شەكىللىنىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ .ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئىشتىن توسۇش قىيىنغا توختايدۇ.خۇددى ھەسەل خۇمار دادا بالىسىنى ھەسەل يېيىشتىن توسالمىغاندەك. 5.سىنىپ مۇدىرى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلەش تولىمۇ زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلار بىر ئاق قەغەز.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى .بۇ ئاق قەغەزگە قانداق رەسىم سىزىش.ئۇنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش بىز ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق.شۇڭا سىنىپ مۇدىرى كىيىنىش گەپ-سۆز مېڭىش-تۇرۇش جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىمىزنى خۇنىكلەشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانساق. ‹‹ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن ››دىگەندەك،ساپالىق بىر .ەۋلاتلارنى تەربىيەلەيمىز.ئەكسىنچە قىلساق بىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىمىز مەيدانغا كىلىپ بىر دۆۋە كىرەكسىز قەغەز دۆۋىسىنى بەرپا قىلىمىز. دىمەك مەكتەپ خىزمىتىدە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ھەقىقىي بىر باشقۇرغۇچىغا خاس خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈپ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كىرەك. |
|