ئۆزىمىزدە توغرا بولغان مۇھاببەت قارىشىنى يېتىلدۈرەيلى
بۇ دۇنيادا سۆيگۈسىز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس.مۇھاببەت دەپ بىر نەرسىنى سۆيمەككە ئېيتىلىدۇ.دۇنيادىكى ئىنسانلار مېھىر-مۇھاببەت سايىسىدە ياشايدۇ،ھەر بىر ئىشنى مۇھاببەت ئارقىسىدا ئىشلەيدۇ.ئەمما ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇھاببەتنى قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھاببەت دەپلا چۈشىنىدىغان بىر قىسىم ھاماقاتلىرىمىز بارلىققا كەلمەكتە.مۇھاببەتنى پەقەت قىز-ئوغۇل ئارىسىدىكى كۈڭۈل-ئېچىس،ئەيشى-ئىشرەت دەپلا چۈشىنىدىغان بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىز مۇھاببەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك،ھەقىقى مەنىسىنى ئۇنتۇپ،ئۇنى ئاددى ھالدىكى كۈڭۈل ئېچىش دەپ چۈشەنگەچكە كىچىك تۇرۇپلا مۇھاببەت قاينىمىغا چۈكۈپ كەتمەكتە.شۇ سەۋەپتىن بەزى ساۋاقداشلىرىمىز ئارىسىدا پۇللا بولسا ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇھاببىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ،ھازىر پاك مۇھاببەت مەۋجۇت ئەمەس،قىزلاردا ئەخلاق قالمىدى ،شۇڭا كۈيۈنۈشنىڭ،ئەقىدە قىلىشنىڭ لازىمى يوق دېسە،قىزلارئوغۇللاردا ۋاپا يوق،ئۇلار سۈيۈشكە،ياخشى كۈرۈشكە ئەرزىمەيدۇ دېيىشمەكتە. ئىنسانىيەت دۇنياسىنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرىۋاتقان «مۇھاببەت»تەك قۇدرەتلىك كۈچ بۈگۈنكى كۈندە ياشلىرىمىز ئېڭىدا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ،ھىچنىمىگە ئەرزىمەس،ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتسا،كەلگۈسىگە قانداق تەبىر بېرىش مۈمكىن؟بىزنىڭ ئارىمىزدا پەرھاتتەك تاغ تېشەر ئاشىقلار،شىرىندەك جاندىن كېچەر مەشۇقلار پاك ئەقىدىسى ئارقىلىق نەمۇنە قالدۇرغان.لېكىن بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان شۆھرەتپەرەسلىك،ئادىمىيلىكنىڭ نېمىلىگىنى ئۇنتۇغان ساختا تۇرقىمىز بىزنى چىن مۇھاببەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ.مېھىر-شەپقەتتىن تاندۇرۇۋاتىدۇ.ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھېسسىياتىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىپ،شەھۋانىيلىق،ئەيشى-ئىشرەت بىزنىڭ ھۇزۇرلىنىدىغان ئىشىمىزغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مۇھاببەت گۈزەل بولغان ئېكەن،مۇھاببەتكە بېغىشلانغان نەرسىلەرمۇ گۆزەل بۇلىشى كېرەك ئېدى،ئەپسۇسكى بەزى ياشلىرىمىزنىڭ يۈرىكىدە پاك،گۈزەل نەرسىلەرگە،ئۇرۇن قالمايۋاتىدۇ،ئىنسانىيەت دۇنياسى مۇھاببەت بېلەن مەۋجۇت،ھاياتلىق مۇھاببەت بىلەن گۈزەل،ئنسانلار پاك مۇھاببەت ئارقىلىق ئۆز كېلىچىگىنى يارىتىدۇ.يۇقىردىكى مەسىلىلەر ئوقۇغۇچىلار يەنە بېر قېتىم ئەستايىدىل ئويلىنىپ،غۇلغۇلا قىلىپ بېقىشقا،ئۆز ئېڭىدىكى مۇھاببەت قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئاپىراتسىيە قىلىپ كۈرۈشكە ئەرزىمدۇ-يوق؟ ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بارلىغىنى بىلىم ئېلىشقا قارىتىۋاتقان بولسىمۇ،مۇھاببەتنىڭ نىمىلىگىنى ھەقىقى ھېس قىلالمىغان بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇھاببەتلەشتىم دەپ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ،ۋاقىتنى بېكار ئۆتكۈزمەكتە.ھەتتا ئۆزى ئارلاشقانغا رازى بولماي،باشقىلارنىڭ ئارىسىدا پوشتىكەشلىك قىلماقتا.ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەر ھازىر مۇھاببەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي تۇرۇپ مۇھاببەتلەشسەڭلاربۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بۇلار؟ «ئەپتىمگە باقماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ئەسكى پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن»دېگەندەك ئۆزەڭلارغامۇھاببەت ئورنىتىپ، ئۆزەڭلارنى قەدىرلەشنى بىلمەي تۇرۇپ،باشقىلارغا قانداقمۇ مۇھاببەت بېرەلەيسىلەر؟ئۆزەڭلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەي تۇرۇپ،باشقىلارنىڭ مۇھاببىتىگە قانداقمۇ ئېرىشەلەيسىلەر؟ئويلاپ بېقىڭلار،قايسى بىرىڭلارپەستىكى مىۋىلەرنى يىيىشنى خالايسىلەر؟قايسى بىرىڭلار ئۈزۈپ تاشلىۋېتىلگەن گۈلنى پۇراشنى خالايسىلەر؟قايسى بىرىڭلار دۇرا ئارقىلىق مەجبۇرى پىشۇرۇلغان مىۋىلەرنى يىيىشنى خالايسىلەر؟ھەتتا دۇرا ئارقىلىق مەجبۇرى ئېچىلدۇرۇلغان پاختىلارنىمۇ تىرىشنى خالىمايمىزيۇ،ئەقىللىق بىر ئىنسان تۇرۇپ مۇھاببەتلىشىش يېشىغا توشماي تۇرۇپ مۇھاببەتلەشتۇق دەپ،قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىسىلەر؟«بالدۇر پىشقان قۇغۇن ساپىقىدا تۇرماپتۇ »دېگەندەك،قايسى بىرىڭلار مۇھاببەتلەشكەننىڭ پايدىسىنى كۆردىڭلار؟ياق،مەنچە ھىچقايسىڭلار بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرمىدىڭلار؟توڭ غورا ھەممىڭلارنىڭ ئاغزىنى ئاچچىق قىلدىيۇ،يەنىلا ئۈزەڭلارنى ئۇنىڭدىن تارتالمايۋاتىسىلەر.بۇرۇنقىلار ئېيتقان«مەكتەپتىكى مۇھاببەت»دىگەن ناخشا تۇلىمۇ توغرا ئېيتىلغان.ھازىر ئاز ساندىكى بالىلار بۇ ناخشىنى ئاڭلىمىغاندەكلا مۇھاببەتلەشتۇق دەپ ئۈزىنى كونتۇرۇل قىلالماي،مۇھاببەت سىرتمىقىقا بۇغۇلماقتا،ئۈزىنىڭ دىققىتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك،ياخشى ئۇخلىيالماسلىق،ئىچى تىت-تىت بۇلۇش،ئوڭايلا باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ قېلىش،باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ،دائىم يىغلىغۇسى كېلىش،ئۆزىنى كەمسىتىش ،ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنىمۇ بىلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.ھەتتا مۇھاببەتلەشمىگەن شارائىتتىمۇ ئۆزىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلالماي،قىزىقىپ قېلىش سەۋەپلىك سەۋدايىدىلەردەك يۈرمەكتە.بۇ پەقەت سىلەردىكى دوراش،سىناپ بېقىش پىسخىكىسىلا خالاس.ئويلاپ بېقىڭلار سىلەرنىڭ ھازىرقى يېشىڭلار تېخى قىز-ئوغۇللار بىر-بىرىگە مۇھاببەت بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس،مۇنداقچە ئېيتقاندا سىلەر باشقىلارغا بولغان مۇنداقلا قىزىقىشنى مۇھاببەت دەپ چۈشۈنىۋېلىۋاتىسىلەر.شۇ سەۋەپتىن باشقىلارنىڭ يۈز ئابرويى بىلەن ھېساپلاشماي،ئۆزەڭلارنىڭ نامىنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشىنىمۇ ئويلىماي،،خىجىل بولماي تۇرۇپ، مەن پالانى بىلەن مۇھاببەتلىشىۋاتىمەن دەپ جار سېلىپ يۈرىۋاتىسىلەر؟سىلەر راستىنلا مۇھاببەتنىڭ نېمىلىگىنى بىلسەڭلار ئىدى،ھەقىقى بىلىمىڭلار ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشقان،ئۆز تىرىشچانلىقىڭلار، نەتىجەڭلار ئارقىلىق ئۆز ھۆرمىتىڭلارنى تىكلىگەن بولاتتىڭلار.ئويلاپ بېقىڭلار ئۈزىنى سۈيەلمىگەن كىشى باشقىلارنى قانداقمۇ سۈيەلىسۇن؟چۈنكى سىلەر ئۆزەڭلارنى سۈيەلىگەن بولساڭلار ئۆزەڭلار ئارقىلىق ئۆزەڭلارنى نامايەن قىلىشقا تىرىشقان بولاتتىڭلار.ھازىرقى باسقۇچتا سىلەرنىڭ ئوقۇشقا بولغان ،ئۆەڭلارغا بولغان،ئاتا-ئاناڭلارغا بولغان مۇھاببەت سىلەر ئۈچۈن كۇپايە،سىلەرئوقۇشقا بولغان مۇھاببىتىڭلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى رۇلىڭلارنى جارى قىلدۇرالايسىلەر،ئۆزەڭلەرنى نامايەن قىلالايسىلەر.ئاتا-ئاناڭلارغا بولغان،ۋەتىنىڭلارغا بولغان مۇھاببىتىڭلارنى ھەقىقى نامايەن قىلالايسىلەر.سىلەر ساۋاقداشلىق مۇھاببىتى بىلەن قىز ئوغۇل مۇھاببىتىنى ئارلاشتۇرۇپ قويساڭلار بۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس..قېنى قايسىڭلار ھازىرقى مۇقەددەس ۋەزىپەڭلار بولغان ئوقۇشقا مۇھاببەت بېرىپ ھەقىقى جاسارىتىڭلار بىلەن ئاتلىنالىدىڭلار؟قېنى قايسىڭلار ئاتا-ئاناڭلارغا ئۆز مۇھاببىتىڭلارنى ئاتا قىلىپ ئاتا-ئاناڭلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ باقتىڭلار؟قايسىڭلار ئۆز ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلىپ ئۆزەڭلارغا يۈز كىلەلىگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ باقتىڭلار؟مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىكى مۇھاببەت قەرزى ھەم پەرزى ئېدى.بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئۆز نامىنى،ئۆز ئەخلاقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆز جېنىدىنمۇ كەچكەن نۇزۇگۇم ۋە ئىپارخاندەك قەھرىمانلىرىمىز،ئۆز ۋەتىنىنىڭ بەختى ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بەرگەن مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىزلىرىمىز،ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزغان شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىز چىققان ئېدى ئەپسۇس،تۇلىمۇ ئەپسۇس،ھازىر خېلى كۆپ ساندىكى بالىلار پۈتۈن مۇھاببىتىنى ئىلىم پەنگە قارىتىۋاتسىمۇ،ئاز ساندىكى ئوغۇل قىزلىرىمىز قىز-ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي،مۇھاببەت سىرتمىقىدا ئۆزىنى ئازاپلىماقتا.سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ئويلىنىپ باقايلى ،ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ ئالى مەكتەپلەر باسقۇچى ئىدى، سىلەر شۇ باسقۇچقا بارغاندا ئاندىن مۇھاببەتلەشسەڭلەرمۇ كىچىكمەيتتىڭلار،ئەپسۇس سىلەر بۇنى بىلمەي بالدۇرلا مۇھەببەت قايناملىرىغا چۈشۈپ كەتسەڭلار،مۇھاببەت قاينىمىدا ساق-سالامەت ئۈزەلەرسىلەرمۇ؟ قايسى بىرىڭلار باشقىلار تاماق يەپ تاشلىۋەتكەن قاچا بۇلۇشنى خالايسىلەر؟قايسى بىرىڭلار باشقىلار تاماق يەپ تاشلاپ قويغان قاچىدا تاماق يېيىشنى خالايسىلەر؟قىزلار ئۆزەڭلارنى ياخشى كۇنتۇرۇل قىلماي كۆيدۈمنىڭ قۇربانى بولساڭلار،«پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق،چىقىۋالغىلى ئاچا يوق»بۇلۇپ مەڭگۈ ئازاپتا قالىسىلەر، سىلەر پارلاش ئالدىدا تۇرغان قۇياشسىلەر،ئوبرازىڭلار خۇنۇكلەشمىسۇن،تەبىئەت قوينى پۇشايمان ياشلىرىڭلار بىلەن سۇغۇرۇلمىسۇن،ئوغۇللارمۇ ئويلىنىپ بېقىڭلار،سىلەر ھازىر كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى،قىزلارنىڭ قۇغدۇغۇچىسىلەر،ئەمما بۇ قوغدۇغۇچىلار ئوبرازى سۇلۇپ كەتمىسۇن،قۇرغۇچىلار ئورنىغا بۇزغۇچىلار ئالماشمىسۇن،سىلەرمۇ كۈلگەننىڭ قۇربانى بۇلۇپ،ئۆزەڭلارنى ھەم باشقىلارنى ۋەيران قىلماڭلار،بۇ ئۆتنە ئالەم،سىلەر بىراۋنى ئاخماق قىلساڭلار كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ھالال جۈپتۈڭلار،ياكى مېھرىبان ئاچا-سىڭلىڭلار،ياكى كەلگۈسىدىكى ئوماق قىز پەرزەنتىڭلارمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئاقماق قىلىنىشى مۈمكىن.شۇڭا سىلەر جاسارەتلىك بۇلۇپ بالدۇر يىتىلىپ قېلىۋاتقان قىز –ئوغۇللارنى بۇ يولدىن تۇسۇپ،مىللىتىمىز قىز-ئوغۇللىرىنىڭ شەرمى-ھايالاق بۇلىشىغا ،كەلگۈسىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق باغچىسىدا گۈللەپ ئەتراپقا خۇش-پۇراق چېچىشىغا بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇڭلار.ئۆزەڭلارنىڭ ئەركەكلىك نامىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۆزەڭلارنىلا ئەمەس، كەلگۈسىدە بىر قۇلىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانىلارنىڭ بۈگۈنى سىلەرنىڭ ئەركەكلىگىڭلارنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقارماڭلار.ئوماق باللىرىم شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مۇھاببەتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپ،ئۆزەڭلارغا بولغان مۇھاببەتنى جارى قىلدۇرۇڭلار،ئۆزەڭلارنىڭ نامىنى نۇر چاقنىتىڭلار،پىشمىغان مىۋە بۇلۇپ،شاختىن سۇلۇشۇپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار،ئۆز نامىڭلار قانداقتۇر شەرەپسىزلەر قاتارىدىن ئەمەس بەلكى مەشھۇر شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالسۇن.سىلەرگە رەخمەت.ئالتۇن بۇيۇڭلار ئامان بولغاي.قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي.
|