كۆرۈش: 19641|ئىنكاس: 134

بايقاشنى يانفۇندا زىيارەت قىلغىڭىز بارمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاش مۇنبىرىنى يان تېلېفۇندا زىيارەت قىلغىڭىز بارمۇ؟

app.jpg


تورداشلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بايقاش تورى تېلېفون نۇسخىسىنى (تور بەت نۇسخسى) ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان خېلى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ بايقاشنى تېلىفۇندا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدى. ھەمدە بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزگەرتىش، تولۇقلاش توغرىسىدا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن. شۇ پىكىر-تەكلىپلەرگە ئاساسەن، 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بايقاش تېلېفون (android) ئەپ نۇسخىسىنى دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىققان، باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆپ قېتىم سىنىشى ئارقىلىق بۈگۈن رەسمى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇق.
يان تېلېفون (android) ئەپ نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلكى تۆۋەندىكىچە:
1.سىغىمى كىچىك، تېلېفوننىڭ تور ئېقىمىنى خۇراتمايدۇ.
2.چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسىڭىزلا ئادرېس يېزىش ھاجەتسىز، يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئۈستەل يۈزىدىنلا قوزغىتىپ ئىشلىتەلەيسىز.
3.نادىر تېما، يېڭى تېما، ئىنكاسلىق تېما، رەسىملىك تېما قاتارلىقلارنى تۈر بويىچە كۆرەلەيسىز.
4.ئەزا بولۇش، تىزىملىتىپ كىرىش، تېما، ئىنكاس يوللاش مەشغۇلاتلىرى ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك.
5.كومپيۇتېردا تورغا چىققانغا ئوخشاش قىسقا ئۇچۇر، ئەسكەرتىش قاتارلىقلارنى بىمالال كۆرەلەيسىز ۋە يوللىيالايسىز.
ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك توختىلاي. قالغىنى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈشىنى، قىممەتلىك پىكىر-تەكىلىپ بېرىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى:
بىۋاستە چۈشۈرۈش:  چۈشۈرىمەن
1-ئۇسۇل:
يان تېلېفونىڭىزنىڭ تور كۆرگۈچىگە(/baykax.apk) ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز، بۇ ئەپ يان تېلېفونىڭىزغا چۈشىدۇ. بۇنى قاچىلىۋەتسىڭىزلا بايقاش تېلېفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدا پەيدا بولىدۇ.
2-ئۇسۇل
كومپيۇتېر ئارقىلىق تور كۆرگۈچى ئارلىق (/baykax.apk) بۇ ئادىرىسنى چىكىپ كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۋېلىپ، تېلفۇنىڭىزنى كومپيۇتېرغا چېتىپ "تېلېفون ياردەمچىلىرى" (91手机助手,360手机助手)ئارقىلىق تېلېفونىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3-ئۇسۇل:
ئىككىلىك كود ئارقىلىق بىۋاسىتە يانفۇنغا چۈشۈرۈش.  ئۈندىدارنىڭ «扫一扫» ئىقتىدارى ئارلىق تېلفۇننىڭ كامىراسىنى  بۇ بەلگىگە توغرىلىسىڭىزلا بولىدۇ.

بايقاش تېلېفون ئەپ نۇسخسى ئەپ بازارلىرىغا يوللىنىۋاتىدۇ. پات ئارىدا ئەپ بازارلىرى ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز.

بايقاش مائارىپ تورى
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-14 14:04:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +5

بۇ بەك ياخشى ئىشكەن،دەرھال سىناق قىلىشقا باشلاي،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-5-14 19:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتېر يوق ئەھۋالدا قۇلايلىق شارائىت ھازىرلايدىغان تورغا چىقىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈپسىز.رەھمەت!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-13 23:34:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى

                                              ئالىپ تورى ئۇيغۇرىيە يازمىسى
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بايقاش يوللاندى.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،بۈگۈن سىلەرگە android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
1. بەيدۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالىنى بايقاشتىن چۈشۈرۈش: چۈشۈرۈش
2. ئىككىلىك كود ئارقىلىق بىۋاسىتە يانفۇنغا چۈشۈرۈش.  ئۈندىدارنىڭ «扫一扫» ئىقتىدارى ئارلىق بۇ بەلگىنى تېلفۇننىڭ كامىراسىغا توغرىلىسىڭىزلا بولىدۇ.
baiduapk.jpg


بىرىنچى قەدەمدە android بەيدۇ كىرگۈچىنى بىۋاستە تېلفۇن ئارقىلىق  ياكى 360،91 قاتارلىق يانفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق .چۈشۈرۈپ يانفۇنىمىزغا قاچىلايمىز .

بەيدۇ كىرگۈچىنى يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يانفۇن تەڭشىكىدىن ئەسلىدىكى كىرگۈزگۈچنىڭ ئورنىغا بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى  ئالماشتۇرۇڭ


ئىككىنچى قەدەمدە ، قىسقا ئۇچۇريېزىش رايونىنى  ئېچىڭ ، ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان يەرنى بېسىڭ



قارا كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان بەيدۇنىڭ بەلگىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ بۇ يەردىن ئاۋۇ (超级皮肤)دېگەن خەتنى بېسىڭ .


(超级皮肤)دېگننى باسسىڭىز بىرمۇنچە نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى (点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى بېسىڭ :


(点击进入皮肤布局商店)دېگەن خەتنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپلىگەن نەپىس تېرىلەر چىقىدۇ ،كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز (新疆维吾尔语默认布局) دېگەن تېرە بار تاپقانسىز ؟دەرھال شۇنى تاللاڭ ئەمسە :


مۇشۇ تېرىنى تاللاپ ئېچىڭ ھەمدە چۈشۈرۈڭ ،قارىسام چۈشۈرلۈش قېتىم سانى 43877قېتىمغا يىتىپتۇ ،قارىغاندا جىق ئادەم ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن (应用)دېگەننى تاللاپ بۇنى ئورنىتىڭ .
*
ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ،بايانتىنقىدەك  قىسقا ئۇچۇرنى ئېچىڭ ،ھەم بىرسىگە خەت يازماقچى بولۇپ قارىسىڭىز يەنىلا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ پەيدا بوپ قالىدۇ ،بىراق ئەنسىرمەڭ ئەتراپىغا قارىسىز ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ بار ،مۇنداق:


  
ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلايلى ،قېنى يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكى يەردىن ئاۋۇ (拼音) دېگەننى تاللاپ ئۇنىڭ ئىچىدىن (笔画)دېگەننى تاللاڭ :




نەتىجىسى قانداق بولدى ؟ئۇيغۇرچە ھەرپتاختا ئېچىلدىمۇ؟ئەگەر ئېچىلغان بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى باشلاڭ :



مانا شۇنىڭ بىلەن android بەيدۇ كىرگۈچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام .
دوستانە ئەسكەرتىش :
يەنە بىر گەپ يانفۇنىڭىزنىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ بولمىسا خەتلەر ئۇلاشماي چىقىۋېلىشى مۇمكىن .
مەنبە: http://alip.biz/thread-6755-1-1.html

باھا سۆز

ناھايتى ياخشىكەن كەڭ دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسيىيە قىلىمەن  ۋاقتى: 2014-2-22 22:01
مەن تېلپۇندا تورغا چىقمايمەن لىكىن يانفۇندا تورغا چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن بەك ياخشى سوۋغا ئېلىپ كەپسىز، رەھمە تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-14 21:47
ۋاقتى: 2013-5-14 00:05:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +5

بۇ بىر ياخشى ئىشكەن،  لېكىن مەن تېلىفۇندا  تورغا چىقمايمەن
ۋاقتى: 2013-5-14 00:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +5

يانفۇندا تورغا چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن بەك ياخشى سوۋغا ئېلىپ كەپسىز، رەھمەت سىزگە.

باھا سۆز

يانفۇندا سىناق قىلىپ ئىنكاس يېزىپ باققان ئىدىم. بۇ ئۇچۇر قانداق بوپ سىزگە قايتارما ئىنكاس بولۇپ كېتىپ قالغان تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-14 00:53
ۋاقتى: 2013-5-14 00:41:59يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-05-14 00:14:26
يانفۇندا تورغا چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن بەك ياخشى سوۋغا ئ

كۆرسەتمىڭىز بويىچە ئىنكاسنى تېلفۇندا يېزىۋاتىمەن . رەھمەت
来自: Android客户端

باھا سۆز

يارايسىز. يېڭىلىقنى بەڭ تىز قۇبۇل قىلىسىزدە.  ۋاقتى: 2013-5-14 11:03
ۋاقتى: 2013-5-14 00:52:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +5

ئەمدى يانفۇن ئارقىلىقمۇ بايقاش مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىنكاس يازلايدىغان بولدۇم.   بۇ ئۇسۇل  قولايلىق ھەم بەك ياخشى ئىكەن . رەھمەت سىزگە
   بۇ  مەشغۇلات تەرتىپىنى ئىگەللەپ يانفۇندا ئىنكاس يازساممۇ مۇكاپات يوقما ؟
ۋاقتى: 2013-5-14 00:53:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-14 00:14
يانفۇندا تورغا چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن بەك ياخشى سوۋغا ئ ...

يانفۇندا سىناق قىلىپ ئىنكاس يېزىپ باققان ئىدىم.  بۇ ئۇچۇر قانداق بوپ سىزگە قايتارما ئىنكاس بولۇپ كېتىپ قالغاندۇ .
كەچۈرۈڭ .
ۋاقتى: 2013-5-14 13:04:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +5

بەكمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ!  بايقاش   مۇنبىرىمىزنىڭ  تېخىمۇ رۇناق تېپىشىنى،  كۈرۈرمەنلىرىنىڭ  ۋە ئەزالىرىنىڭ تېخىمۇ كۈپۈيۈپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.   مەن گەرچەتېلىفۇندا تورغا چىقمىساممۇ  بۇ   يېڭىلىقنى چوقۇم ئەتراپىمدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بايقاشتىن پايدىلىنىشىغا  كۈچ چىقىرىمەن،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش