كۆرۈش: 1273|ئىنكاس: 10

خۇشخەۋەر: قىشلىق تەتىللىك «مەرىپەت مۇكاپاتلىق كىتاب ئۇقۇش پائالىي...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇشخەۋەر: قىشلىق تەتىللىك «مەرىپەت مۇكاپاتلىق كىتاب ئۇقۇش پائالىيىتى» سىزنى كۆتمەكتە!


ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جاپاكەش ئۇستازلار! سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار!
كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ كىتابنى ئەڭ يىقىن سىرداش دوست تۇتۇپ، كىتاب ئارقىلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا يىتەكلەش ۋە كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئىھتىياج مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش، ھەمدە پارتىيە ھوكىمىتىمىزنىڭ تەشەببۇس قىلغان ئ‍ىلغار مەدەنىيەتنى ، ئ‍اكتىپ  ئ‍ىنىرگىيەنى   قانۇنلۇق  يۇلدا  تارقىتىش تەشەببۇسىنى ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن مەرىپەتپەرۋەر كېرىيە كارخانىچىلىرى، كېرىيە «بىلىپ» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى ۋە كېرىيە مەرىپەت كىتابخانىسى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ قىشلىق تەتىللىك «مەرىپەت مۇكاپاتلىق كىتاب ئۇقۇش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.
ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە پىداركارلىق روھقا ئىگە ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار قىشلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىشتىن بۇرۇن بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى تەتىلدە كەڭ كۈلەمدە كىتاب ئۇقۇشقا تەشكىللىشىڭلارنى، تەتىلدىن يىغىلغاندىن كىيىن ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش ھەيئىتى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇغان كىتابلىرىنى قايتا بايان قىلغۇزۇش، كىتاب ئۇقۇش خاتىرىلىرىنى كۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شۇ مەكتىپىڭلاردىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلاردىن 30 ئۇقۇغۇچىنى ئۈچ دەرىجە بۇيىچە باھالاپ بىكىتىپ بىرىشىڭلارنى سورايمىز، بۇ ئۇقۇغۇچىلار ۋە ھەر قايسى مەكتەپتىن مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتە نەتىجىسى كۈرىنەرلىك بولغان ئۇقۇتقۇچىلار كېرىيە كارخانىچىلىرى ۋە بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى تەرىپىدىن يىغىلغان مەخسۇس مۇكاپات فوندى ئارقىلىق مۇكاپاتلىنىدۇ.
قىشلىق تەتىللىك «مەرىپەت مۇكاپاتلىق كىتاب ئۇقۇش پائالىيىتى» دەسلەپكى قەدەمدە ناھىيەمىزدىكى ئون بەش مەكتەپتە قانات يايدۇرىلىدۇ. ھەر مەكتەپتىن 30 نەپەر ئۇقۇغۇچى. ئۈچ نەپەر پىداكار ئۇقۇتقۇچى بولۇپ، جەمئىي 500 نەپەر ئۇقۇغۇچى ۋە 50 نەپەر ئۇقۇتقۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ.
ناھىيىمىزدىكى ھەر قايسى مەكتەپ رەھبەرلىگىنىڭ، كەڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بۇ خالىسانە ھەركىتىمىزنى قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلەپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پائالىيەتنى قوللىغان ئورۇنلار:
مەرىپەت كىتابخانىسى
بايقاش تور پەن-تېخنىكا شىركىتى
كەشمىر تاللا بازىرى
تۇلپار ئاككۇمۇلياتۇرچىلىقى
ئەلرازى ماشىنا رېمونتچىلىقى
شىرىن شىركىتى
دانىش شىركىتى
تەڭرىتاغ ئېلانچىلىقى
ئوغۇز تائاملىرى
ئىقبال كارخانا مەسىھەتچىلىك شىركىتى
ئالتۇن بۈركۈت گاز تەمىنلەش شىركىتى
بۇغرا ماشىنا رېمونتچىلىقى
تەۋەرۈك گىلەمچىلىكى
ئەلخۇمار چايچىلىقى
يۇرۇق يۇلتۇز ئائىلە- ئىلىكتىر شىركىتى
ئىستامبول تاللا بازىرى
خانتاجى شىركىتى
كونا زامان شىركىتى
ئەلخۇمار كۈندىلىك بۇيۇملىرى شىركىتى
يەلكەن شىركىتى
ئىزچى شىركىتى
ئۈمىد كىيىمچىلىكى
ئىبىنسىنا شىركىتى
ئەتھەر تائاملىرى
مىڭ ئۆي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتى

شەخىسلەردىن:
مەتسىدىق ئاخۇن
ئايشەمگۈل
ھۆرىيەتخان
بۇزەيناپخان
ئابدۇلئەزىز ئابدۇغەنى
يۇقارقى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارغا ۋە شەخىسلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ھۆرمەت بىلەن: مەرىپەتپەرۋەر كېرىيە كارخانىچىلىرى، بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى، كېرىيە مەرىپەت كىتابخانىسى
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-14 17:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى ئىشكەنغۇ ؟ رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-12-14 18:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيانقى يوللانغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بۇيەردە كۆردۈم ... مۇكاپاتنى دېمەيلى ، مۇكاپات شۇ كۆرگەن كىتاپلاردىكى مول مەزمۇنلار ... ئەھمىيەتلىك قەدىمىڭلارغا مەرھابا قېرىندىشىم ... شۇ ئېسىل كۆڭلىڭلار مەڭگۈ ئەل قەلبىنى ئىللىتقاي ...
ۋاقتى: 2015-12-14 22:59:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياحشى تىمىكەن  راستىنلا ياقتۇردۇم  يارايسىز
ۋاقتى: 2015-12-14 22:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياحشى تىمىكەن  راستىنلا ياقتۇردۇم  يارايسىز
ۋاقتى: 2015-12-15 19:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ. سىلەرگە سالامەتلىك يار بولغاي!
ۋاقتى: 2015-12-16 17:00:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ.
ۋاقتى: 2015-12-17 13:14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بۇلۇپتۇ، بولسا ھەرقايسى نەھىيە شەھەرلەر مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۇزۇپ تۇرغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، ئەپسۇس بۇ پائالىيەت كىرىيە ناھىيسى بىلەنلا چەكلىنىپتۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-12-25 17:54:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائاليەت بۇلۇپتۇ بولسا مۇشۇنداق پائاليەتلەر كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان بۇلسا
ۋاقتى: 2016-1-2 18:41:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىيە ناھىيسى بۇ ئىشتا باشلامچى بوپتۇ، رەھمەت سىلەرگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش