كۆرۈش: 1882|ئىنكاس: 16

قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مىننەتدارلىق تەربىيە لىكسىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز ئاۋۋال قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان جەمىيەتتەنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىدە ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتىلىرىمىزغا، ئانىلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.
      ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ياقۇت كۆزى، تالاي شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى، پەرىشتىدەك خانىم-قىزلارنى جەمىيەتكە تەربىيلىگەن بەرگەن پەن-مەرىپەت ئوچىقى قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنى مىننەتدارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
     بۇ پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار بولۇپ 6000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيەچانلىقى،  تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس ئاتا-ئانىلارغىمۇ ناھايىتى ياخشى بىر قېتىملىق  ئۈنۈملۈك تەربىيە بولغان. بۇ بىر قېتىملىق پائالىيەت قەشقەر شەھىرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پائالىيەت بولۇپ، جەمىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆھرىتىنى شۇنداقلا، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتى كەڭ ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى ۋە ئاتا-ئانىلارنى بىر قېتىم ئويغىنىش ۋە ئىدىيە يېڭىلاش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى.
      پائالىيەتنىڭ تەشكىللگۈچىسى قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قابىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلجاھان غولام قارىقاشتىكى مىننەتدارلىق پائالىيتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلىپ، ئاخىرى بۇ پائالىيەتنى روياپقا چىقاردى. بۇ جەرياندا قەشقەر شەھەرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلىقىز ئىمىنھاجى، خوتەن ۋىلايەتلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومتىتىدىن گۈلباھار  ئەھمەدلەر پائالىيەت مەزمۇنىغا دائىر كۆپ ياردەملەرنى قىلدى.
      ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قەيسەر ئابلىز، قەششقەر شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن مىنەۋەر ئابدۇللا، ئىتتىپاق كومىتىتىدىن روشەنگۇل تاھىر تاھىر قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر ئەركىن، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دىلنۇر سەيدۇللا،  مەكتەپ پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈلجەمىلەم، تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن غېنىزات كامىل مۇئەللىملەر يېقىندىن قوللاشتا بولدى ۋە ياردەم قىلدى.
       مىكرو فىلىم سالونىمىز نامىدىن بۇ پائالىيەتنى تورغا يوللاپ، تارقىتىش ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن غېنىزات كامىل مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتىمىز.

1-قىسىم: http://v.qq.com/page/j/g/8/j0144gulvg8.html


2-قىسىم:http://v.qq.com/page/z/h/7/z0144hfdah7.html
  


3-قىسىم: http://v.qq.com/page/u/1/j/u01444qfv1j.html


4-قىسىم: http://v.qq.com/page/h/g/o/h0144q4gcgo.html

نادىر لىكسىيەلەرنى تەمىنلىگەن مىكرو فىلىم سالۇنىغا رەھمەت ئېيىتىمىز.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-9 18:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ . دىمىسىمۇ  مۇشۇ جەمىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىق تەربىيىسى بېرىش زورۈر بولماقتا . ئۇلار  كىچىكىدىنلا ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بولىۋاتقان جەمىيەتكە ، مەكتەپكە ، ئائىلىسىگە  ، جۈملىدىن ئاتا - ئانىسىغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشنى بىلىشى  شۇنداقلا جاۋاپ قايتۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇشۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇغان ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
ۋاقتى: 2015-1-9 19:30:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مىننەتدارلىق  تەربىيە  لىكسىيسىنى  ھازرىچە كۈرۈشكە ۋاقىت  چىقرالمىدىم ،لىكىن  تەتىل  ئىچىدە چۇقۇم   كۈرىمەن . مىنڭچە  بۇ  خىل  پائالىيەتنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كاللسىنى ئېچىشقا  ،جەمىيەتنى چۈشنىشكە ،ئاتا -ئانىلارنىڭ ئەجىرى ،جەميەتنىڭ ،ۋەزىيەتنىڭ تەلپى ،ئۇستازلارنىڭ  ئەجىر -مىھنىتىنى چۈشنىشكە  تۈرتىكە  بۇلدىغان بىر  ناھايتى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت دەپ  ئويلايمەن ،شۇڭا بۇ  پائالىيەتكە ئەجىر سىڭدۈرۈپ روياپقا چىقارغان بارلىق مىھنەتكەشلەرگە ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمەن .
ۋاقتى: 2015-1-9 20:47:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتە مەكتەپلەر تەلىم -تەربىيسىدىكى بىردىن بىر تۇيۇنمايۋاتقان ، ئېچىرقېۋاتقان تەلىم تەربىيەلەرنىڭ بىرى ئىدى ،بۇ مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ياخشى قىپتۇ ،باللىرىمىز تەربىيىگە مۇھتاج .
بۇ لىكسىيەنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز ،مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ۋاقتى: 2015-1-9 20:59:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇنداق مىننەتدارلىق لىكسىيە پائالىيتىنى ھەر قايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە داۋاملىق ئەپ بارسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 2015-1-9 20:59:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ....بەكمۇ تەسىرلىك بوپتۇ..
ۋاقتى: 2015-1-9 23:57:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ، بۇ لىكسىيەنى يوللاپ خۇيمۇ ياخشى قىپسىز ، رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2015-1-10 21:02:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ،ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ رۇھى ئاشۇنداق بىر ئويغىنىشقا تۇلىمۇ مۇھتاج ئىدى،مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئېلىپ بېرىلسا نىمىدىگەن ياخشى!
ۋاقتى: 2015-1-10 21:03:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتلەرنى چۈشۈرگىلى بۇلارمۇ؟ چۈشۈرگىلى بولسا بەك سۈيۈنەر ئىدىم.
ۋاقتى: 2015-1-12 11:44:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگىلى  بولارمۇ  بۇ  لىكسىيەنى؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش