كۆرۈش: 18510|ئىنكاس: 117

چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن مەسىلە كۈرۈلگەن تېمىلارنى قايتا يوللاشقا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن مەسىلە كۈرۈلگەن تېمىلارنى قايتا يوللاشقا ھەمىمىز ئورتاق كۈچ قۇشايلى!

bayanat.png

بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، جاپاكەش باغۋەنلەر، ياخشىمۇسىلەر؟

نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردە 2014-2015-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بايقاش مۇنبىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە زور ئۈمۈت كۈتۈۋاتقان كەسىپداش دوستلار يېڭى ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن يېڭى، تولۇق، مۇكەممەل مائارىپ ماتىرىياللىرىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. گەرچە بايقاش مۇنبىرىمىز مۇكەممەل مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بېرى  pan.baidu.com ، yunpan.360.cn ، huawei قاتارلىق تور بوشلۇقلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، بۇ تور بوشلۇقلىرى ئارقىلىق بايقاش مۇنبىرىگە يوللانغان نۇرغۇن نادىر مائارىپ ماتىرىياللىرىمىزنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىدا يوقاپ كېتىش، ياكى بۇزۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى كەسىپداش دوستلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان مائارىپ ماتىرىياللىرىنى مۇنبەردىن چۈشۈرۈپ پايدىلىنالمايۋاتىدۇ. (بۇنداق ئەھۋاللار باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە كۆرۈلىۋاتىدۇ).

بىز يازلىق تەتىل مەزگىلىدە مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچى دوستلارنى ئۆزلىرى يوللىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسى تور بوشلۇقىدا ساقلىنىپ قالغان ماتىرىياللار ئاساسىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقاپ كەتكەن ماتىرىياللارنى qiannao.com ۋە www.baykax.com  تور بوشلۇقلىرىغا قايتا يوللاپ، يوقالغان ماتىرىياللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلغان ئىدۇق.  نەتىجىدە خېلى كۆپ ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى نورمال ھالەتكە كەلدى. ئەمما چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن يەنە نۇرغۇنلىغان ماتىرىياللارنىڭ ئەسلى ئارگىنالى باشقۇرغۇچىلاردا ئەمەس، بەلكى تېما يوللىغۇچىلاردا، تېما يوللىغۇچى دوستلارنىڭ شەخسى كومپىيوتېرى ۋە شەخسى تور دېسكىلىرىدا ساقلانغان بولغاچقا بۇ ماتىرىياللارنى مۇنبەرگە قايتا يوللاپ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمايۋاتىدۇ.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى بارلىق كەسىپداش دوستلارغا تۆۋەندىكىلەرنى جىددى ئۇختۇرىمىز:

1. بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە يوللىغان بارلىق تېمىلىرىنى بىر قېتىم تولۇق، ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى، چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىنى، چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن تېمىلىرىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ‹‹تەھرىرلەش›› كۆزنىكىنى چېكىپ، تېما يوللاش رايونىغا كىرىپ، ماتىرىياللارنى كۆپ مەنبەلەردىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان qiannao.com ۋە www.baykax.com تور بوشلۇقلىرىغا قايتا يوللاپ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى نورماللاشتۇرۇپ قويىشىنى، چۈشۈرۈش ئادرىسى نورماللاشتۇرۇلغان تېمىلارنىڭ ئاستىغا ‹‹چۈشۈرۈش ئادرىسى تەھرىرلەندى›› دەپ ئىزاھات يېزىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. چۈنكى چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن تېمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ قولايلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاچقۇچى شۇ تېمىلارنى يوللىغان تورداش دوستلاردا! ھەركىم ئۆزى يوللىغان تېمىلارغا مەسئۇل بولسا بۇ مەسىلىنى تامامەن، تولۇق ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، سەرخىل ماتىرىياللار ئامبىرى ۋە قابىل ياردەمچىسى بولۇشتەك رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرالايمىز.


2. يېقىندا بايقاش ئەپەندىنىڭ ئايانماي مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە بايقاش مۇنبىرىنىڭ بوشلۇق سىغىمى كەڭەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئۆز تور بوشلۇقىغا ھەر قېتىمدا 5 مىگابايتتىن كىچىك سىغىمدىكى ماتىرىياللارنى بىۋاستە يوللاش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. شۇڭا بارلىق كەسىپداش دوستلارنىڭ 5 مىگابايتتىن كىچىك سىغىمدىكى ماتىرىياللارنى بىۋاستە www.baykax.com تور بوشلۇقىغا، 5 مىگابايتتىن چوڭ، 300 مىگابايتتىن كىچىك سىغىمدىكى ماتىرىياللارنى qiannao.com تور بوشلۇقى ئارقىلىق يوللىشىنى، 300 مىگابايتتىن چوڭ سىغىمدىكى ماتىرىياللارنى بۆلۈپ، يەنە qiannao.com تور بوشلۇقى ئارقىلىق يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.


www.baykax.com تور بوشلۇقىغا ماتىرىيال يوللاش ئۇسۇلى:



3. بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن تېما يوللىغۇچى دوستلارنىڭ ماتىرىياللارنى www.baykax.com ۋە qiannao.com تور بوشلۇقلىرى ئارقىلىق يوللاشقا، ماتىرىيال يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

4. بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەردىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن تېمىلارغا نىسپەتەن ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى، مۇنبىرىمىزدىكى نادىر مائارىپ بايلىقلىرىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە كەڭ كەسىپداش دوستلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالمايۋاتقان دوستلارنىڭمۇ ماتىرىيال ئىگىسىگە ئۆز ۋاختىدا ئۇچۇر قالدۇرۇشىنى، گەپ-سۆزدە ئىلمىي، ئەدەپلىك، سەۋرىچان بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەردىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن تېمىلارنى قايتا يوللاپ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى نورماللاشتۇرغان ئەمگىگىگە قارىتا مۇۋاپىق مىقداردا بايقاش تىللاسى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ.

بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5قىزغىنلىق +22تىللا +22تۆھپە +22شۆھرەت +22يىغىشسەۋەبى
مىرابلا + 2 + 2 + 2 + 2قوللايمەن!
ئايرال + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-30 04:55:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانجان ئەپەندىم  ياخشىمۇ سىز ؟ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلۇق تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز . مەنمۇ تۇلۇق قوللايمەن . بولسا سىز دىگەندەك ھەممىمىز ئۈزىمىزنىڭ يوللىغان تىمىللىرىغا بىرۋاستە مەسئۇل بۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ كىنى ئۆزگەرتەيلى .  باشقا ئەزالارمۇ ئۈزى يوللىغان ھەرخىل دەرىسلىك دىتال ۋە تەييارلىقلارنى مىنىڭچە ئۈزى ساقلىۋالغان بۇلىشى مۇمكىن . شۇڭا ھەممىمىز بىرلىكتە ھەركەتكە كەلسەك  بۇ مەسىلىنى ئەتىراپلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . مەكتەپلەردە ھازىر سىياسىي ئۈگۈنۈش قىلىۋاتىدۇ  . 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ 5- چىسلاغىچە يەنە ئۇقۇغۇچىلارنى ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەپ ئەندەرىسەك 10 -چىسلاغىچە ئاندىن دەرىسنى باشلىيالايمىز  . سىز دىگەندەك ئىلگىركى يوللىغان ماتىرياللارنىڭ كۈپىنچىسى . پەيدۇ تور بوشلىقىغا ۋە 360 بۇلۇت سۇپىسىغا يوللانغان  . بۇ بوشلىقتىن مەسىلە كۈرلۈپ ھازىر  50 % دىن ئارتۇق ماتىرىياللارنى پايدىلانغۇچىلار چۈشۈرلمەيدىغان . چۈشۈرسىمۇ نۇرمال ئېچىلمايدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىۋاتىدۇ . شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەپتە ئىچىدىلا ھەل قىلساق دەيمەن . چۈنكى بۇ ماۋسۇممۇ باشلاندى.  يەنى  ئەزالار تىما يوللىغاندا چۇقۇم دەرىسلىك بولسا جەدىۋەللەشتۈرۈپ يوللىسا بۇنىڭغا نىسپىتەن باھالاپ نادىرلاشنى كۈچەيتەيلى دەيمەن .  مەن تۇلۇق قوللايمەن . كوپ جاپا چىكىپسىز

باھا سۆز

راس جاپا چېكىپتۇ  ۋاقتى: 2015-3-8 20:30
ۋاقتى: 2014-8-31 00:04:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى بوپتۇ . مۇشۇنداق قىلساق .

باھا سۆز

تۇغرا  ۋاقتى: 2015-12-31 17:03
راس ياخشى پىكىر بوپتۇ  ۋاقتى: 2015-3-8 20:33
ۋاقتى: 2014-8-29 12:05:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 10:12  

ياخشى تېما بوپتۇ . ھەممەيلەن تەڭ ھەركەتلەنسەك چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقاپ كەتكەن ۋە بۇزۇلۇپ كەتكەن تېمىلار تېزلا ئەسلىگە كېلىپ كەتكۈسى...............بۇ مەسىلىگە ھەممەيلەننىڭ ئەستايدىل مەسئوليەتچانلىق  بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈنۈد قىلىمەن . رەھمەت .

باھا سۆز

راس ھەمىمەيلەن ھەركەتكە كېلىپ  ۋاقتى: 2015-3-8 20:31
ۋاقتى: 2014-8-30 18:26:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى پىكىر بۇلۇپتۇ... مەنمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماپتىكەنمە... قاراپ باقاي..............
ۋاقتى: 2014-8-29 14:19:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  مۇنبەرەگە ئەزا بولغاندىن كىيىن ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشتىم رەئىمەت سىزلەرگە .

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2014-12-25 11:17
ۋاقتى: 2014-8-29 21:43:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشى دەپسىز؟ مەن مۇنبەرگە يېڭى كىرگەن دەرىس دېتاللىرىنى چۈشۈرەي دېسەم تىللا كېرەك دەيدۇ!! بولسا ماڭغا 50 تىللا بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز ياكى 9-يىللىقننىڭ دەرىس دىتالىنى بەرگەن بولسىڭىز؟
ۋاقتى: 2014-8-30 02:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانجان ئەپەندى ياخشىمۇ سىز تىما يوللىيالمايۋاتىمەن قانداق قىلسام بولىدۇ

باھا سۆز

بۇ تىمىلارنى كۈرۈپ بېقىڭ:/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6113 تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-21 17:12
ۋاقتى: 2014-8-30 14:55:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىمنىڭ بۇ پىكرىنى مەن تۇلۇق قوللايمەن. مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئىلگىرى يوللىغان تېمىلىرىمنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، چۈشۈرۈش ئادرىسى يۇقاپ كەتكەنلىرىنى قايتى يوللاپ قۇياي.

باھا سۆز

شۇش شۇ  ۋاقتى: 2015-3-8 20:32
ۋاقتى: 2014-8-30 18:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ، مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن. ھەمىمىز بىرلىكتە ھەرىكەتلەنسەك بۇ قىيىنچىلىقمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

باھا سۆز

مەنمۇ قۇللايمەن،  ۋاقتى: 2016-3-5 01:58
مەنمۇ قوللايمەن  ۋاقتى: 2015-3-8 20:32
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش