كۆرۈش: 1102|ئىنكاس: 16

ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنى ئەلكاتىپقا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدىكى يېزىق ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئەلكاتىپ خەت نۇسىخىسىغا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى

يېقىندىن بېرى مۇنبەرگە غەيرى خەت نۇسخىلىرىدىكى ماتىرىياللار يوللىنىۋاتىدۇ، ماتىرىياللارنىڭ خەت نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تېما يوللاندى.

ئادەتتە كومپىيوتېرلار ئۇيغۇرچە تور مەشخۇلاتىدا ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدىن باشقا خەت نۇسخىلىرىنى نورمال تۇنىمايدۇ. ئەمما بىز ئىلگىرى تورسىز مۇھىتتا ئالپىدا، ئالماس، بىلىگيار، دۇلدۇل ۋە يۇكۇجى قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ماتىرىياللارنى ساقلىغان. بۇ ماتىرىياللارنى شۇ پېتى تورغا يوللىساق مۇنبەردە نورمال كۆرۈنمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماتىرىياللارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۈۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ماتىرىياللارنى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدا قايتا ئۇرۇپ چىقىش تورداشلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدىكى يېزىق ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئەلكاتىپ خەت نۇسىخىسىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ناھايىتى ئاددى ھەم قولايلىق ئۇسۇلى بار (بۇ ئۇسۇلنى بىر قىسىم تورداشلار بىلسىمۇ يەنە بىر قىسىم تورداشلار بىلمەسلىكى مۈمكىن).
بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانalkatip5.7 يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىغا ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدىكى يېزىق ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئەلكاتىپ خەت نۇسىخىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىختىدارى قوشۇلغان، بەلكىم سىزalkatip5.7 دىتالىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ باشقا خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش ئىختىدارىنى بىلەلمىگەن بولۇشىڭىز مۈمكىن. تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشخۇلات قىلىپ سىناپ بېقىڭ، سىز چوقۇم باشقا خەت نۇسخىلىرىدىكى يېزىق ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئەلكاتىپ خەت نۇسىخىسىغا ئايلاندۇرۇلايسىز:

سىز ئاۋال كومپىيوتېرىڭىزغا alkatip5.7 يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلاڭ (ئەگەر ئىلگىرى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز قايتا قاچىلاشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق). ئەلپىدا خەت نۇسخىسىدا ئۇرۇلغان Word شەكلىدىكى ھۆججەتنى ئېچىڭ، تىزىملىك سىتونىنىڭ ئاخىرىدىكى 加载项 سىتونىنى چېكىپ ئاندىن كېيىن 代码转换 دىگەن كۆزنەكنى چەكسىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنىڭ تىزىمكلىكى كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى چەكسىڭىز ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىككى خىل كودى كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن 1-كودنى چېكىۋەتسىڭىزalkatip5.7 دىتالىدىكى يېزىق ئالماشتۇرۇش كودى سىزنىڭ ئەلپىدا خەت نۇسخىسىدا ئۇرۇلغان ماتىرىيالىڭىزنى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ. ئۆزگەرتىش داۋامىدا ئىككى قېتىم ‹‹چېكىنىش›، كۆزنىكى چىقىدۇ، ھەر ئىككىسىنى چېكىۋېتىپ ‹‹ساقلاش ›› كۆزنىكىنى چېكىپ ماتىرىيالنى قايتا ساقلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماتىرىيالىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى ئۆلچەملىك ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا ئۆزگىرىدۇ. ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا ئۆزگرىپ بولغان بۇ ماتىرىيالنى ئەلكاتىپ يېزىق كىرگۈزۈش دىتالىدا بىمالال تەھرىرلىيەلەيسىز، مۇنبەرگىمۇ نورمال ھالەتتە يوللىيالايسىز.
alkatip5.7 يېزىق كىرگۈزۈش دىتالىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: alkatip5.7.rar(4.95 MB, چۈشۈرۈش سانى: 386)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-11 08:26:52يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پايدىلنىش ماتىريالى بوپتۇ،مەنمۇ مۇشۇ جەھەتلەردە بەك قىينىلىپ قالاتتىم، بۇندىن كىيىن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلسام بولغىدەك، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-4-11 12:22:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ھەممە ماتىرىياللار يۇنىكودلۇق فونتلاردا يېزىلغان بولسا مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقلارمۇ يوق ئىدى...
ۋاقتى: 2015-4-11 13:04:55يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى يىتەكلەش بوپتۇ. مەنمۇ بىلىۋالدىم، باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىپ قۇياي ئەمدى.
ھە، راست. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بۇلامدۇ؟ يەنى ئەسلدە ئەلپىدا خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان، بىز ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتكەن ماتريالغا يەنە بىرەر ئىككى قۇر خەت كىرگۈزسەك ئەلكاتىپ نۇسخىسىدا تۇنۇمدۇ دىمەكچىتىم.
ۋاقتى: 2015-4-11 22:18:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازىملىق بىر كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-4-11 22:19:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازىملىق بىر كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-4-11 22:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازىملىق بىر كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-12 01:17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرگۈن يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 13:04
بۇ بەك ياخشى يىتەكلەش بوپتۇ. مەنمۇ بىلىۋالدىم، باشقىلا ...
......بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بۇلامدۇ؟.......


ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى سىناپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2015-4-13 11:29:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان بىلىمدىن بىرنى يوللاپسىز . ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر .
ۋاقتى: 2015-4-16 08:17:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن مەن سىناپ باققان بىرقىسىم ھەرىپلەر م ئەسىلەن ‹‹ئې›› ھەرىپى تازا ياخىشى ئايلانمامدىكەن قانداق .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش