كېرىيە ناھىيە قارقى ئوتتۇرا مەكتەپ ژورنىلى
قاراقۇرۇم باغرىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى- كېرىيە ناھىيىلىك قارقى يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەمۇريىتىنىڭ توغرا يېترەكچىلىكى، مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشى نەتىجىسىدە مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارقىلىق يېزا، ناھىيە ۋە ۋىلايەت قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە شان-شەرەپلىرىگە ئېرىشتى.








قارقى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنىم بارات غۇجى(بايقاش مۇنبىرىدىكى نامى arkak) بۇ ژورنالنى لاھىيەلەش، ئىشلەش ۋە تارقىتىش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقان. بۇ ژورنالنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەمۇريىتىدىكى رەھبەرلەرگە، ژورنالنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيىتىمىز. قارقى ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكى ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەمۇريىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قارقى يېزىسى، شۇنداقلا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئامارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز!
ژورنالنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى:
|