| 3-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى 13.دەرس:داۋالغۇپ تۇرۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايۇنى
ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم ۋە ئىقتدار: بۇ دەرىسنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارغا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيتى،ئۇرۇش ئۆكسمەسلكنىڭ بىر قانچە مۇھىم سەۋەپلىرى توغىرسدىكى بىلملەر ئىگەللتلدۇ . تارىخى ماتېريالزىملىق نوقتئنەزەردىن پايدلنىپ تارىخى ۋەقە ، تارىخى شەخسلەرگە توغرا باھا بىرىش ئىقتدارى يىتدۈرۈلدۇ. 2.جەريان ۋە ئۇسۇل: ئوتتۇرا شەرق ۋەزيتگە ئائىت فىلملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ زىيىنى كۆرستلىپ ئوقۇغۇچلارغا بولغان ھېسسىي بىلم يىتدۈرۈلدۇ. 1. ھېسيات ،پۇزۇتسيە قىممەت قارشى نىشانى: بۇ دەرىس ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارغا تىنچلقنىڭ بىرىنچى ئامىلى رايۇنلار مەسلسى،مىللەتلەر مەسلسنى مۇاپپىق،ئادىل بىر تەرەپ قىلىش،مۇشۇ ئارقلىق تىنچلقنى ،بىرلكنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسدا تەربىيە بېرىلدۇ.ۋەتەننىڭ بىرلكنى قوغداش.تىنچلىق تەرەققياتنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىكەنلكى ھېس قىلدۇرۇلدۇ. مۇھىم نوقتا: ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيتى ۋە ئەنسىزلىك. قىيىن نوقتا پەلەستىن مەسلسى ۋە ئۇرۇشنىڭ توختماسلقى. دەرىس تىپى ۋە دەرىس سائىتى: بۇ سائەتلىك دەرىس يېڭى دەرىس بۇلۇپ ،بىر دەرىس سائىتدە ئۆتۈلدۇ. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئەسلىتىش ،مۇلاھىزىگە يىتەكلەش،چۈشەندۈرۈش،سېلشتۇرۇش،ئېلھاملاندۇرۇش،سۇئال-جاۋاپ ئۇسۇلى قوللنلدۇ. ئوقۇتۇش ۋاستلىرى: دەرسلىك كىتاپ، دەرسلكتكى قىستۇرما رەسىم،خەرىتە،كۆپ ۋاستلىك ئوقۇتۇش ۋاستلىرى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: تېلۋىزۇر ۋە گېزىت –ژورناللار،ۋە تۈرلۈك ئاڭلىتىش ۋاستلىردىن پەلەستىن –ئىسرائىليە توغۇرلۇق قانداق خەۋەرلەرنى كۆردىڭىز ياكى ئاڭلدىڭىز؟ بۇ مەسلنى ھەل قىلغىلى بۇلامدۇ؟ بۇلار ئوتتۇرسدىكى مەسلە دۇنيا تىنچلقغا تەسىر كۆرستەمدۇ –كۆرسەتمەمدۇ؟ يۇقارقى مەسسلەرگە قىزىقسڭىز تۈۋەندىكى دەرس مەزمۇندىن ئورتاق جاۋاپ تاپايلى! يېڭى دەرس مەزمۇنى: 1.ئۇرۇش ئۆكسمەيدىغان ئوتتۇرا شەرق رايۇنى. بۇ تېمدا ئوقۇغۇچلار دەرسلكنىڭ 94-95 – بەتلىردىكى مۇناسۋەتلىك خەرتلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن تۈۋەندىكى سۇئاللار توغرىسدا پىكىر يۈرگۈزۈلدۇ. (1) جۇغراپيلىك ئوقۇم جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرق قايسى جايلارنى كۆرستدۇ؟ (2) 1-دۇنيا ئۇرۇشدىن كىيىن قايسى دۆلەت پەلەستىن رايۇنغا ‹‹ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق ھوقوقى›› نى قولغا كىرگۈزۋالدى؟ (3) يەھۇدىلار نىمە ئۈچۈن پەلەستىنىگە كۆچۈپ كىلىشكە باشلىدى؟ (4) پەلەستىننى ‹‹ ئايرىپ ئىدارە قىلىش›› قايسى يىغىندا ماقۇللانغان؟ئىسرائىليە دۆلىتى قاچان قۇرۇلغان؟ (5) ئىسرائىليە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە قانچە قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى بولدى؟ ئوقۇغۇچلار مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چىقىش جەرياندا 1-دۇنيا ئۇرۇشدىن كىيىن بۇ رايۇننى ئەنگلينىڭ قولغا كىرگۈزۋالغانلقنى،ئەنگلينىڭ قوللشى بىلەن ھەر قايسى جايلاردا سەرسان بۇلۇپ يۈرگەن يەھۇدىلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كىلىشكە باشلغانلقى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىندا ماقۇللنىپ،ھازىرغىچە تۆت قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرگەنلكدىن ئىبارەتمەزمۇنلار ئوتتۇرغا قۇيۇلدۇ،ئوقۇغۇچلار بىلەن پىكىر بىردەكلكگە كىلىپ بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار قىسقچە خۇلاسە قىلندۇ. 1. ئوتتۇرا شەرق رايۇندىكى مۇرەككەپ زىدىيەت ئوقۇغۇچلارنى دەرسلكنىڭ 96-97-98-بەتلىردىكى مۇناسۋەتلك مەزمۇنلارنى،مۇناسۋەتلىك رەسملەرنى ئالدىن ككرۈپ تۈۋەندىكى مۇلاھىزە سۇئاللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلندۇ. (1) 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاىىرلاشقاندىن بىرى ئوتتۇرا شەرق رايۇندا ئەنسىزچلىك بېسقماسلقدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نىمە ؟ (2)تەبئىي ،جۇغراپيلىك ۋە ئىستراتگيلىك ئورۇندىن باشقا يەنە قايسى سەۋەپلەر بار؟ چوڭ دۆلەتلەر نىمە ئۈچۈن بۇ رايۇنغا قول سۇزىدۇ ؟ ئوقۇغۇچلار ماتېريال كۆرۈش جەرياندا مۇناسۋەتلىك مۇھىم سەۋەپنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپيلىك ۋە ئىستراتگيلىك ئورۇن ،تارىخ،دىن ،ئىرىق ئامىللىرى،سۇ مەنبەسى بۇ جاينىڭ تىچسىزلقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلكنى ئېگەللەپ چىقدۇ ۋە شۇ ئاساستا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرنى تۇلۇقلاش ئاساسدا ئوموملاشتۇرۇپ خۇلاسلەش ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن بۇ تېمىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار خۇلاسلندۇ. مۇلاھىزە قىلىڭ؟ ئوتتۇرا شەرق رايۇننىڭ تىنچسىز مۇھىتغا بىرلەشتۈرۈپ دۆلتمىزنىڭ ھازىرقى تىنىچ تەرەققياتغا بولغان چۈشەنچڭىزنى بايان قىلىپ بېقىڭ؟ دەرس ئاخىرىدا دوسكا لايھەسگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ دەرستىكى ئوقۇغۇچلار بىلۋېلىشقا تېگشلىك مەزمۇنلار ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەمەليتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىخچام ،چۈشىشلىك قىلپ ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسە قىلىنغاندىن كىيىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرلۇپ دەرس ئاخىرلاشتۇرۇلدۇ. دوسكا لايھەسى:
13.دەرس:داۋالغۇپ تۇرۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايۇنى
1. ئورۇش ئۆكسمەيدىغان ئوتتۇرا شەرىق (1)ئوتتۇرا شەرق ئۇقۇمى (2)پەلەستىن مەسلسنىڭ كىلىپ چىقىشى (3)ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى
2. ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇرەككەپ زىدىيەت (1)جۇغراپيلىك ۋە ئىستراتگيلىك ئورنى (2)‹‹ ئوتتۇرا شەرقنىڭ يۈرىكى ›› (3) تارىخ، دىن ،ئىرىق ئامىلى (4) سۇ، نىفىت بايلىقى (5) ئىرۇسالمنى تالشىش
تاپشۇرۇق: 1. ئۆتۈلگەن دەرسنى پۇختا ئەستايدىل تەكرار قىلىپ كىلىش. 2. خەرىتە تۇلدۇرۇش مەشىقى 25- بەتنى تەلەپ بۇيچە ئىشلەپ كىلىش . گۇرۇپپا مەسئۇلنىڭ تەستىق پىكىرى:
دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش :
|
|