|
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئەدەبىيات دەرسنىڭ بىر سائەتلىك ئۇقۇتۇش لاھىيسى
14-دەرىس پارات
2010-يلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئەدەبىيات دەرسنىڭ بىر سائەتلىك ئۇقۇتۇش لاھىيسى پەن تۈرى :تىل-ئەدەبىيات سىنىپ ئايرىمىسى :3-يىللىق سىنىپ. دەرس ئۆتۈلدىغان ۋاقىت :2010-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دەرىس تېمسى: 14-دەرىس پارات دەرىس تىپى :كۆرسەتمىلىك ،(پۇتى ئاجىز بىر ئۇقۇغۇچى) ئۇقۇتۇش نىشانى: تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا ئاجىز ،مېيىپ ،بىرەر جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئارقىسدا قالدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك ئۇلارغا بۇلغان مىھىر-مۇھەببەت ھېسيات تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ،«مەنمۇ باشقىلاردەك قىلالايمەن»، دېگەن تۇيغۇنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تېكسىتنى تۇغرا ،راۋان ،ئۈنلىك ،ھېسسىياتلىق ئۇقۇيالايدىغان قىلىش . ئۈگۈنۈش نىشانى: 1.تېكىستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆزلەر بىلەن تۇنۇشۇش ،توغرا،جايىدا ئىشلىتىشنى ئۆگۈنىۋېلىش. 2.تېكىستنى ھېسياتلىق ئۇقۇش ،تېكىسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش . 3.بالىلارنىڭ مىيىپ بالا بورىكقا بۇلغان ھۆرمىتى ۋە ھېسداشلىقى ھەمدە بورىكنىڭ ئۆز غۇرۇرىنى ساقلاش ،ئۆزىنى كۈچەيتىشتەك خاراكتىرىنى بېلۋېلىش . 4.باشقىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش،ئېھتىياتچان بولۇش. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئۆز ئەمىليتىنى سىلشتۇرۇپ ،ئۆز كۆز قارشىنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ، ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش . قىين نۇقتا: تېكىستنى ئۇقۇش ئارقىلىق «ئەزىمەت يارايدىكەنسەن»! «بۇ ئەزىمەتلەر يارايدىكەن»، دېگەن ئالقشنىڭ نىمگە ئاساسەن ئىيتىلغانلىقىنى تۇلۇق چۈشۈنىپ يېتىش . قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىش،تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك كىتاب،قىستۇرما رەسىم،قولتۇق تايىقى. ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى: ئۈلگە كۆرسىتىش ، ئىلھاملاندۇرۇش ،رىغبەتلەندۈرۈش ،سۇئال-جاۋاپ، مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى قۇللنىلىدۇ. ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى: ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۆگنىش،مۇستەقىل ئۆگۈنۈش ۋە ئىزدىنىپ ئۆگۈنۈش. ئۇقۇتۇش جەريانى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار،سىلەر قانداق مۇراسىملارغا قاتنىشىپ باققان؟ 2009-يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟بۇ چاغدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش ئەھۋالى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟قېنى كىم ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ناھايىتى ياخشى،ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىملەرنى تەپسىلىي كۆزىتىپ كىملەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭلار:
رەسىملەرنى تولۇق كۆزىتىپسىلەر،ئەمدى مەن سىلەردىن بىر قانچە سۇئال سوراپ باقاي،جاۋاپ بېرىشنى خالايدىغانلار بارمۇ؟ ساۋاقداشلار، مەكتەپ بىرەر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغاندا بىرەرسىڭلار كىسەل بۇلۇپ قېلىپ ياكى مەلۈم بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىساڭلار كۆڭلىڭلار قانداق بۇلىدۇ؟ئۆزەڭلارنى باشقىلاردىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلامسىلەر ؟ سىلەر بالىلار بايرىمىغا كىرىشنى خالامسىلەر ؟بۇندىن بۇرۇن بالىلار بايرىمىغا قاتنىشىپ باققانمۇ ؟سىلەر ئاۋۋال پاراتتىن ئۆتەمسىلەر ؟دېگەن سۇئاللارنى قۇيۇش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن . ئالدى بىلەن تېكىسنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بىر قىتىم تېكىستنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىش ،تېكىست ئىچىدىكى ئۆزى چۈشنەلمىگەن يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىشقا يىتەكچىلىك قىلنىپ، ئۇقۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئۇلار بايقىغان يېڭى سۆزلەر توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلمەن .ئاخىردا تېكسىت مەزمۇنىنى تېخمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرش ئۈچۈن بالىلار قايسى ئىش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى؟ نىمە ئۈچۈن ھەممەيلەن جىم بۇلۇپ، ئاۋۋال ئېغىز ئېچىشقا پېتنالمىدى؟دېگەن سۇئاللارنى قۇيۇش ئارقىىلق ئۇقۇغۇچىلاردا كوللكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا ئۇرتاق پىكىر بىرلىگى بۇلۇش، ئەتراپلىق ئويلاپ ،ئەستايىدىل ئۇرۇنلاشتۇرغاندا كوللىكتىپ پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى ئۈنۈملۈك بۇلۇشتەك پىكىر بىرلگىنى قۇلغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملقىنى ھېس قىلدۇرىمەن. بورىكنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرمىسا ئۇ خاپا بۇلامدۇ ؟ سىز بورىكنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز قانداق ھېسياتتا بۇلاتتىڭىز ؟ بورىك قاتاردا باشقىلار بىلەن تەڭ ماڭالىدىمۇ ؟دېگەن سۇئاللارنى قۇيۇش ئارقىلق جېسمانى مېيىپلىق بىلەن رۇھى ئازابنىڭ قايسىسى بەكرەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى جېسمانى مېيىپ بۇلسىمۇ رۇھى مەدەت بىرىلسىلا جېسمانى مېيىپلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقتەك رۇھى ھالەتنى چۈشەندۈرۈپ ئاجىز مېيىپلارنى ئېلھاملاندۇرۇش ،يىتەكلەش ئارقىلىق ئېلھام ۋە مەدەت بىرىش ئىددىيسىنى ئۇقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرىمەن . ئاخىردا بالىلار بايرىمى قايسى ئايدا بۇلىدۇ ؟دۆلەت بايرىمىچۇ؟دىيىش ئارقىلق كوللكتىپ پاراتتىن ئۈتۈدىغان بايراملارنى ئەسكە ئالدۇرۇپ تېكسىت مەزمۇنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرلىدۇ.ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى سوراپ پولشا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ. پولشا –تۇلۇق ئاتلىشى پولشا جۇمھۇريىتى ،پايتەختى ۋارشاۋا ،ئورنى ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ دەل ئۇتتۇرسىغا تۇغرا كىلىدۇ. شىمالى دېڭىز بىلەن چىگرىلىنىدۇ.312مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر يەر كۆلمىگە ،38مىليۇن 600مىڭ ئاھالىگە ئىگە . پولشا 1949-يىلى ئۆكتەبىردە دۆلىتىمىز بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئۇرناتقان دۆلەت . تېكىستە ئۇچۇرىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە چۈشەنچە . 1 .كولۇپ-نۇرغۇن كىشى يېغلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزدىغان ياكى تاماشا كۈردىغان ناھايىتى چوڭ سۇرۇننى ،زالنى كۆرسىتىدۇ. 2 .قۇلتۇق تاياق-تايانچى كەڭرەك ياسلىدىغان قۇلتۇق بىلەن تاينىدىغان تاياقنى كۆرسىتىدۇ، ھاسىدىن پەرىقلىنىدۇ . 3.ئەزىمەت-سۈپەت سۆزى بۇلۇپ ،ياراملىق،جىگەرلىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.كىشى ئىسمىمۇ بۇلۇپ كىلدۇ. خۇلاسە بورىك ھەرگىزمۇ مېيىپ ئىكەنلكىدىن ئۆزىنى پەس كۆرمەيدۇ.ئۇ ئۆزىگە ئىشنىدىغان ،ھاياتىنى قىزغىن سۆيىدىغان بالا،ئۇنىڭ رۇھى كەيپىياتى ھەممە كىشنىڭ دىققىتىنى قۇزغايدۇ ،«ئۇ ئۆزىنىڭ قۇلتۇق تايىقىغا تايىنۋالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.» ئۇ پۈتۈن ئەترەتتكىلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ،نەزىرىنى ئوڭ تەرەپكە قارىتىپ ،كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ،رەئىس سەھنىسگە قارغىنچە كېتىپ باراتتى . دېمەك،بورىك تامامەن ئۆز سېپىدىكىلەر بىلەن بىر گەۋدە بۇلۇپ كەتكەن،ئۇنىڭ غۇرۇرى ئۆزىگە-ئۆزى مەدەت بىرىش، دىققەت قىلغان كىشلەرنى ئىختىيارسز ھالدا «ئەزىمەت ،يارايدىكەنسەن !» دىگۈزىۋەتكەن
تاپشۇرۇق: 1. سىز بورىكقا قانداق سۆزلەرنى دىيىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ يېزىپ بېقىڭ. 2. سىز بورىكنىڭ قايسى تەرەپلىرىنى ياقتۇردىڭىز؟ 3. سىز بۇ دەرسنى ئۆگەنگەندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟بۇلارنى ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئاتا-ئانىڭىزغا ۋە باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىڭ.
|
|