كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0

تاڭبالى يايلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. تاڭبالى يايلىقى
(2-سائىتى)
پەن تۈرى:تىل-ئەدەبىيات       5 -   يىللىق      دەرس ۋاقتى:   -يىلى    - ئاينىڭ   -كۈنى
دەرس تىپى ۋە ئوقۇتۇش سائىتى: يېڭى دەرس (پىششىق ئوقۇش تېكىستى) ئىككى سائەت
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:تېكستنى ئەسلەپ ئوقۇش،ئابزاسلار بويىچە تېكستنىڭ مەزمۇنىنى ئىگەللەش،تاڭبالى يايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى،ئاپتۇرنىڭ ھېسياتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش.
1.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش باسقۇچى
ئوقۇتقۇچى: گۈزەل مەنزىرلىك جايلار ۋە يايلاق توغرىسىدا  قانداق يېڭى ماتىريال توپلاپ كەلدىڭلار؟بىز توپلىغان ماتىرياللىرىمىزنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باھالىشىپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلار:توپلىغان ماتىرياللىرىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرىدۇ ۋە باھالايدۇ.خالىغان بىر ئوقۇغۇچى  تېكىست  مەزمۇنىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بايان قىلىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ ۋە تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىدۇ.
2.يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچى
1)تېكىست ئوقۇش
ئوقۇتقۇچى:ئوقۇغۇچىلارغا تېكىست مەزمۇنىنى ئەسلىتىپ پويىز شەكلىدە تېكىست ئوقۇشقا يىتەكلەيدۇ ئوقۇغۇچىلار:ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تېكىست ئوقۇيدۇ.
ئوقۇتقۇچى:ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسيات ئىپادىلەش ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بېرىدۇ ۋە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
2)تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش
ئوقۇتقۇچى:تېلېۋېزور ئېكرانىدا تېكىست مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە پارچە سۇئاللارنى كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى جاۋاب بېرىشكە يىتەكلەيدۇ.
1.        تېكىستتە تاڭبالى يايلىقىدىكى  تەبئىي مەنىزىرە بىلەن مىللىيچە ئالاھىدىلىك قانداق تەسۋىرلەنگەن؟
2.        ئاپتۇر تېكىستتە قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن  پايدىلانغان؟
تېكىست ئىچىدىن بىرلىكتە تېپىپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلار:سوئاللار بويىچە قول كۆتىرىپ ئىختىيارى ھالدا جاۋاب بېرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى:ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ  بېرىدۇ.
3.مۇستەھكەملەش باسقۇچى
1)        ئاپتۇر تۆۋەندىكى جۈملىدە ئىپادىلەش جەھەتتە قانداق
ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىنى بىرلىكتە ھېس قىلايلى.
*يىراقتا بىر جۈپ ئاپئاق كىگىز ئۆي ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويناپ يۈرگەن بالىلار تۈۋرۈككە باغلاقلىق  تۇرغان يىلىقچىنىڭ ئېتى،يەر ئوچاقنىڭ بېشىدا تۈتۈن بىلەن ھەپلىشۋاتقان قىزىل ياغلىقلىق ئايال..........بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ گۈزەل بىر ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشايتتى.
ئوقۇغۇچىلار:كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ چۈشەنچىسىنى ئوتتىرغا قويىدۇ.
ئوقۇتقۇچى:ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈردۇ.
4.خۇلاسىلەش باسقۇچى
ئوقۇتقۇچى:ساۋاقداشلار،بۇ سائەتلىك دەرستىن نېمىلەرنى بىلۋالدىڭلار؟نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭلار؟
ئوقۇغۇچىلار:تېكىست مەزمۇنىدىن ھېس قىلغانلىرىنى ئىختىيارى ھالدا ئوتتىرغا قويۇپ دەرس مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى:ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا ئۇلارغا تاڭبالى يايلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە مىللەتلەر ئوتتىرسىدىكى چىن دوستلۇقنى ھېس قىلىدۇرۇپ،دوستلۇقنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئىدىيۋى تەربىيە بېرىلىدۇ.

دوسكا لايىھەسى
1.تاڭبالى يايلىقى          ( 1-سائىتى )
مۇلاھىزە قىلايلى
(1)        تكىستتە تاڭبالى يايلىقىدىكى تەبئىي مەنزىرە
   بىلەن مىللىيچە ئالاھىدىلىك قانداق
تەسۋىرلەنگەن؟
(2)        تېكىستتە قوللانغان ئىستىلىستىكىلىق
ۋاستىلەر....................


تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش: يانداشما مەشىق 3-4-بەت
1.1)        پارچىنى ئوقۇپ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش 2)ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپش
3)سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش
2.2-دەرسنى ئالدىن ئوقۇپ ماتىريال توپلاپ كېلىش.
تەلەپ:ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئائىلىدە ئىشلەيدۇ.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى:

دەرستىن كىينكى ئويلىنىش خاتىرسى:







baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش