كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 0

يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتېرېئولۇق ئوبراز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتېرېئولۇق ئوبراز

           
ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرس سائتى :
بۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 16-قىسىم گۈزەل سەنئەت دەرسلىك كىتابىنىڭ 6-دەرسى بولۇپ،بۇ دەرسنى 3 سائەتكە ئورۇنلاشتۇردۇم. بۇ سائەتلىك دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا رەسىم سىزىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى بولغان سىدام سىزما ئاساسى بىلىملىرى،سىزىش ئۇسۇلى،يۇرۇق – قاراڭغۇلۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يۇرۇق – قاراڭغۇلۇقنىڭ سىتېرېئوللۇق ئوبرازنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى رولى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبىكىتنى كۈزتىش ۋە شەكىل يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
دەرس سائىتى: بىر سائەتلىك دەرس  
ئوقۇتۇش نىشانى:
1) بىلىم،ئىقتىدار نىشانى:
ئوقۇغۇچىلارغا يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلنىپ،سىتېرېئوللۇق ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ، بىر خىل رەڭدىن پايدىلىنىپ جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق شەكىلىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.
2) جەريان ۋە ئۇسۇل :
مۇناسىۋەتلىك ئاسما رەسىملەرنى كۆرسىتىش ، چۈشەندۈرۈش،ئۈلگە كۆرسۈتۈپ سىزىپ بىرىش،ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ناتۇرا سىزىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللۇنىلدۇ.
3) ھىسىيات،پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى :
يۇرۇق-قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەش توغۇرسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللەش ئارقىلىق،گۈزەللىك يارىتىش ۋە گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ھىسىياتىنى يىتىلدۈرۈش،بىر خىل رەڭ ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىي قىممىتىنى ھىس قىلدۇرۇش ۋە گۈزەللىكنى سۈيۈش ھىسىياتىنى ئۇرغۇتۇش.
مۇھىم ۋە قىيىن نوقتا:
مۇھىم نوقتا: بىر خىل رەڭ ئارقىلىق جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق مۇناسىۋتىنى ئىپادىلەش توغۇرسىدىكى ئاساسى بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگەللىۋېلىش.
قىيىن نوقتا: بىر خىل رەڭ ئارقىلىق بىر گۇرۇپپا جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق مۇناسىۋتىنى ، يىراق-يېقىنلىقى ،چوڭ-كىچىكلىكى،يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەپ سىزىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
مۇناسىۋەتلىك ئاسما رەسىم ۋە ئۈلگە رەسىملەردىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈش ،شەكىل ئېلىش ۋە رەڭ بىرىش جەريانىنى سىزىپ كۆرسىتىپ بىرىش، سىزىش ئۇسۇللىرىنى كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلنىپ چۈشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي مەشىققە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللۇنىلدۇ.
ئوقۇتۇش قوراللىرى:
ئاسما رەسىم ،ئۈلگە رەسىم،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ،رەسىم سىزىش تاختىسى ، جىسىم تىزىش تاختىسى ،ھەر خىل جىسىم مودىللىرى، رەخىت، يۇرۇتۇش چىرىقى قاتارلىق ماتىرياللار....
ئوقۇتۇش جەريانى:
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئىككى پارچە ئۈلگە رەسىم كۆرسىتىلدۇ. ( بىرسى رەڭلىك يەنە بىرسى رەڭسىز )







بۇ ئىككى پارچە رەسىم قايسى جەھەتلەردىن پەرىقلىنىدۇ؟ بۇ ئىككى پارچە رەسىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانداق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ سىزىلغان؟ بىر خىل رەڭ ( يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت) ئارقىلىقمۇ جىسىم ئوبرازىنى ئىپادىلگىلى بولامدىكەن ؟ئۇنداقتا مۇشۇ توغۇرسىدىكى بىلىملەرگە دىققەت قىلايلى !  دەرس تېمىسى ئوتتۇرغا قويۇلدۇ.بۈگۈنكى دەرسىمىز  يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتېرېئولۇق ئوبراز
يېڭى دەرس مەزمۇنى:
مۇناسىۋەتلىك ئاسما رەسىملەر كۆرسۈتۈلۈپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلدۇ.
بىز كۆرۈۋاتقان رەسىمدىكىگە ئوخشاش يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ،جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق ئوبرازىنى يارىتىش سىدام سىزمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىدۇر.
سىدام سىزما : سىدام سىزما رەسساملىق ئاتالغۇسى . بىر خىل رەڭ ، سىزىق ۋە بەتلەردىن پايدىلىنىپ ، ئوبىكىتنىڭ يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ سىزىشقا قارىتىلغان.
يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت قانداق شەكىللىنىدۇ ؟
يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت نۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، بەلگىلىك ھەجىمگە ئىگە جىسىملارغا نۇر چۈشكەندە جىسىملاردا يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئۆزگۈرىشى بۇ جىسىمنىڭ بوشلۇق ھىسىياتى ۋە سىتېرېئوللۇق ھىسىياتىنى كۈچەيتىدۇ.
يۇرۇق- قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنيىتى قانداق بولىدۇ؟
1) جىسىملار قوبۇل قىلغان نۇرنىڭ چۈشۈش نوقتىسى ئوخشىمىسا ،جىسىملاردا شەكىللەنگەن يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت ئوخشىمايدۇ.
2) كۈزەتكۈچىنىڭ ياكى رەسىم سىزغۇچىنىڭ جىسىملار بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ يىراق-يېقىن بولىشىدىن ھىسىيات ئوخشىمايدۇ. يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ھىسىياتىمۇ ئوخشىمايدۇ.
3) جىسىملارنىڭ رەڭگى ، سۈپىتى ئوخشىمىسا ، يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ھىسىيات ئوخشىمايدۇ.
4) جىسىملار تۇرغان مۇھىت ئوخشىمىسا ، يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق رەڭ تۈسى ئوخشىمايدۇ.
ساۋاقداشلار بىز تۆۋەندىكى جىسىمنى( شەكىللەرنى) كۈزىتىپ باقايلى.بۇ جىسىمغا نۇر چۈشكەندىن كېيىن جىسىم يۈزىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ؟
بۇ جىسىمغا نۇر چۈشكەندىن كېيىن،جىسىم يۈزىدە يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەت شەكىللىندۇ. بۇ جىسىمدا شەكىللەنگەن يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئۆزگىرشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،تەدىرجى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگۈرۈشنى بىز رەسساملىقتا << ئۈچ چوڭ يۈز >> ۋە << بەش خىل رەڭ تۈسى >> گە يىغىنچاقلايمىز.
ئۈچ چوڭ يۈز ؛ 1) جىسىملارغا نۇر ئۇدۇل چۈشكەن تەرەپتە ئىپادىلىندىغان يۇرۇق يۈز.
                     2) جىسىملارغا نۇر يانتۇ چۈشكەن تەرەپتە ئىپادىلىندىغان كۈلرەڭ يۈز.
                    3) جىسىملارغا نۇر چۈشمىگەن تەرەپتە ئىپادىلىندىغان قاراڭغۇ يۈزدىن ئىبارەت.









بەش خىل رەڭ تۈسى: 1) يۇرۇق رەڭ تۈسى بۇ يۇرۇق يۈزدە ئىپادىلىندۇ.
                              2) كۈلرەڭ تۈس بۇ كۈلرەڭ يۈزدە ئىپادىلىندۇ.
                              3) يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق چىگىرسى بۇ قاراڭغۇ يۈزدە ئىپادىلىندۇ.
                              4) قاراڭغۇ رەڭ تۈسى بۇ قاراڭغۇ يۈزدە ئىپادىلىندۇ.
                              5) قايتقان نۇر بۇ قاراڭغۇ يۈزدە ئىپادىلىندۇ.











جىسىملارغا نۇر تەسىر قىلغاندىن  كېيىن جىسىملارنىڭ تەكشىلىكتە سايىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ جىسىم يۈزىگە تەۋە ئەمەس. شۇڭا سايە بەش خىل رەڭ تۈسىگە تەۋە بولمايدۇ.
سىدام سىزما سىزىش باسقۇچلىرى:
1) كۈزىتىش ، تۈز ھەم سۇس سىزىقلار ئارقىلىق چوڭ شەكىلنى سىزىش.
2) سېلۇشتۇرۇش ئاساسىدا شەكىلنى مۇقۇملاشتۇرۇش.
3) چوڭ رەڭ مۇناسىۋىتىنى سىزىش.
4) ئىچكىرلەپ سىزىش ، پۈتتۈرۈش
مۇستەھكەملەش مەشىقى:
ئوقۇغۇچىلارغا كۇب شەكىلنىڭ يۇرۇق-قاراڭغۇلۇقنى ئىپادىلەپ سىزىش ئەمەلىي مەشىقىگە ( ناتۇرا سىزىشقا) تەشكىللىندۇ . مەشىق جەريانىدا بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلىپ،بىر تەرەپتىن سىزىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىندۇ. ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئېلىپ بېرىلدۇ.
دەرستىن كىچىك خۇلاسە:
دەرس ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانا مەشىقىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق باھالاش ئېلىپ بېرىلدۇ.ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە باھالىتىش ، ئاندىن بىر-بىرگە باھالىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ئومۇملاشتۇرلۇپ قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ بىرىلدۇ. تېىخىمۇ ياخشى سىزىشقا ئىلھام بىرىلدۇ.

دوسكا لاھىيەسى:
يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتېرېئولۇق ئوبراز

1. سىدام سىزما

                                  يۇرۇق يۈز
2. ئۈچ چوڭ يۈز           كۈلرەڭ يۈز
                                  قاراڭغۇ يۈز

                                          يۇرۇق رەڭ تۈسى
                                         كۈلرەڭ تۈس
3. بەش خىل رەڭ تۈسى        يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق چىگىرسى
                                         قاراڭغۇ رەڭ تۈسى
                                         قايتقان نۇر

                                        1) كۈزىتىش ، تۈز ھەم سۇس سىزىقلار ئارقىلىق چوڭ شەكىلنى سىزىش.
4. سىزىش باسقۇچلىرى       2) سېلۇشتۇرۇش ئاساسىدا شەكىلنى مۇقۇملاشتۇرۇش.
                                        3) چوڭ رەڭ مۇناسىۋىتىنى سىزىش.
                                        4) ئىچكىرلەپ سىزىش ، پۈتتۈرۈش

تاپشۇرۇق لاھىيەسى:
1- لاھىيە : كىتاپتىكى ئۈلگە رەسىمدىن خالىغان بىرنى كۆچۈرۈپ سىزىش.
2- لاھىيە : خالىغان بىر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ناتۇرا سىزىش ( يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەتتىن پايدىلنىپ سىتېرېئوللۇق ئۈنۈمنى ئىپادىلەپ سىزىش)
دەرستىن كېيىنكى ئەسلىمە :
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ،جىسىملارنىڭ سىتېرېئوللۇق ئۈنۈمىنى ئىپادىلەپ سىزىشقا دائىر مەزمۇنلار يەنى سىدام سىزما ئاساسى بىلىملىرى يەتكۈزلۈپ،بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈش ، بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بىرىش ئارقىلىق دەرسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى يەتكۈزۈلدى . ئوقۇغۇچىلار كۇب شەكىلنى ناتۇرا سىزىشقا تەشكىللەندى . ئومۇمى جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ياخشى ، مەشىق قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم يىتەرسىزلىكلەر ساقلاندى.
1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبىكتىنى كۈزتىش ۋە كۈزەتكىنى بويىچە شەكىل ئېلىشى ئانچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. ئوبىكىتقا بىر قېتىم قارىۋېلىپلا باش كۆتەرمەي سىزىش ئەھۋالى كۆرۈلدى،بۇ خىل ئەھۋال شەكىلنى توغرا سىزالماسلىق ۋە يۇرۇق-قاراڭغۇلۇقنى توغرا  ئىپادىليەلمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2 . ئوقۇغۇچىلار شەكىل ئېلىش جەريانىدا دادىل بولالماسلىق ، سۇس ۋە تۈز سىزىقلارنىڭ رولىغا سەل قاراش ،شەكىل ئالغاندا بىراقلا قېنىق سىزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى ساقلاندى. بۇ مەشىقنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزدى.
3 . ئوقۇغۇچىلاردا يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئارقىلىق ئوبراز يارىتىشتا،رېتىملىق سىزىقلار ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئىپادىلەشكە سەل قاراپ قالدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى.
يۇقارقى يىتەرسىزلىكلەر مىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا،بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرمىگەنلىكىمدىن ۋە بىر قىسىم مەزمۇنلارغا ئېتىبارسىز قاراپ قالغانلىقىمدىن بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
بۇندىن كېيىنكى دەرسخىانا مەشىقى جەريانىدا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ،يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئارقىلىق سىتېرېئوللۇق ئوبرازنى يارىتىشتا،رېتىملىق سىزىقچىلارنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق توغۇرسىدا مەخسۇس توختۇلۇپ ۋە سىزىپ كۆرسۈتۈپ بىرىشنىڭ زۈرۈرلۈكىنى ھىس قىلدىم. مەشىق جەريانىدا جىسىم يۈزىدىكى رەڭ ئۆزگۈرۈشلىرىنى بەتلەرگە ئايرىپ سىزىش جەريانىدا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەسلىك ئەھۋالى ساقلاندى. بۇنىڭغا قارتا بۇندىن كىيىن مۇشۇ تۈردىكى ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش مەشىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي مەشىق قىلىشىغا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بىرىشنىڭ زۈرۈرلۈكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم .







يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتېرېئولۇق ئوبراز





















baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش