كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 1

ئىككى سائەتلىك دەرس لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2016-يىلى   –ئاينىڭ   -ھەپتىسى    -يىللىق  22- 23 -  سنىپقا ئۆتىلىدىغان تىل-ئەدەبىيات  دەرىسىنىڭ ئىككى سائەتلىك دەرس لايىھەسى
دەرس ئۆتكۈچى:مۇھەممەد ئەھمىدى
دەرس تىپى:تەھلىل دەرسى
ئىددىيىۋى تەربىيە:


يېڭى دەرىس ئىسمى        21. جۇدالىق زارى
چۇيۈەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 340- 278)
ئوقۇتۇش نىشانى        1. ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى بىلىش
2. داستاندا ئىپادىلەنگەن مۇرەككەپ ھىسياتنى ۋە شائىرنىڭ ئىدىيىۋى خاھىشىنى چۈشىنىش
مۇھىم نۇقتا        داستاندا ئىپادىلەنگەن مول ۋە مۇرەككەپ ھېس- تۇيغۇنى بىلىش
قىيىن نۇقتا        پارچىدا تىلغا ئېلىنغان شەيئىلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنى چۈشىنىش
كۆرسەتمىلىك قورال        ئەسەرنىڭ تۇلۇق نۇسخىسى
تەييارلىق سىناق       
ئوقۇتۇش جەريانى         يڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش        داستان دەپ نېمىگە ئېيتىمىز؟ ئادەتتىكى لىرىك شېئىرلار بىلەن داستاننىڭ پەرقى قەيەردە؟
ئوقۇتۇش جەريانى         ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى         1- سائەتتە:
1-        باسقۇچ: ئاپتور توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ:

چۇيۈەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 340- 278) يىغىلىق دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسلى ئىسمى چوچىڭ بولۇ يۈەن ئۇنىڭ تەخەللۇسى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر شائىرى. ئۇنىڭ « جۇدالىق زارى»، « توققۇز ناخشا»، «توققۇز نەزم»، « تەڭرىگە سۇئال» قاتارلىق شېئىرى ئەسەرلىرى بار.
2- باسقۇچ: داستاندىن پارچە ئوقۇلىدۇ.
3- باسقۇچ: داستاننىڭ يېزىلىش تارىخى شارائىتى ۋە داستان توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
« جۇدالىق زارى» شائىرنىڭ ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، جۇڭگۇ قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن چوڭ ھەجىملىك لىرىك داستان. ئۇ ئىدىۋىيىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن يۇقىرى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن ئۆلمەس ئەسەر ھىسابلىنىدۇ. شائىر بۇ داستانى چو بەگلىكى بېگى چۇچىڭشىياڭزاڭ دەۋرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا سۈرگۈن قىلىنىپ يىراقتا، سۈرگۈنلۈكتە روھى جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا قاتتىق ئېچىنىش، چەكسىز ئەلەم، ئاچچىق ھەسرەت ۋە كۈچلۈك غەزەپ- نەپرەت ئىچىدە يېزىپ چىققان.
داستاننىڭ ئىدىيىۋىي مەزمۇن  تەھلىلى:  
مىلادىيدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن،يەنى جەنگو دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە جەنۇپتىكى چۇ بەگلىكىدە بىر خىل يېڭى شەكىلدىكى شېئىر _ «چۇ نەزمىلىرى»بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە،جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ئولۇغ رومانتىزىمچى شائىر چۈيۈەن مەيدانغا چىقتى. ئۇ بۇ خىل يېڭى شەكىلنى قوللىنىپ،چوڭ ھەجىملىك سىياسىي لىرىكا ( لىرىك داستان) «جۇدالىق زارى»،نى ھەمدە «توققۇز ناخشا»،«توققۇز نەزم» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازدى.شائىر بۇ ئەسەرلىرىدە چۇ بەگلىكىنىڭ گالۋاڭ بېگى ۋە خوشامەتچى ئەمەلدارلىرىغا قارشى قەتئيىلىك بىلەن كۈرەش قىلىشتەك روھى ۋە ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئىدىيىۋىي ھېسىياتىنى ئىپادىلىدى.چۈيۈەن ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن ئەپسانە رىۋايەتلەر ساقلىنىپ قالدى.چۈيۈەن ئەسەرلىرى تەسەۋۋۇرغا باي،ئۇلاردا كۈچلۈك ھېسىيات ئۇرغۇپ يۇرىدۇ.چۈيۈەن ئەسەرلىرى چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇنى ۋە يۈكسەك بەدىئىيلىكى بىلەن كېيىنكى دەۋر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
  
بۇ چۈ يۈەن(مىلادىدىن بۇرۇنقى 340-278) نىڭ ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن لىرىك داستان بولۇپ،جەمئىي 375مىسرادىن تەركىپ تاپقان،بۇ داستان رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان.

«جۇدالىق زارى» داستانىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى   :
شائىر سالماق ۋە ئەركىن لىرىكىلىق قەلەم،تەنتەنىلىك ۋە ئىپتىخارلىق پوزىتسىيە بىلەن،ئۆزىنڭ غايىسى ۋە ۋەتەن يولىدا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك قىزغىنلىقىنى ئىزھار قىلغان؛ئاندىن غەزەپلىك ھىسىيات بىلەن، تىغ ئۇچىنى چۇ بەگلىكىنىڭ ھاماقەت بېگى ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىغا قارىتىپ،ئۇلارنىڭ قابىل-ئىستېداتلىق، ئاقىل ۋە دانا ئادەملەرگە ھەسەتخۇرلۇق بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە دۆلەتنى خارابلاشتۈرۈۋەتكەن جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن؛ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ دانىشمەنلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئاشۇ رەزىل ۋە چاكىنىلار بىلەن ھەرگىزبىر ئېقىندا بولمايدىغانلىقىنى، قەبىھ كۈچلەر ئالدىدا تىز پۈكۈپ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى قايتا قايتا بايان قىلغان.
ئوقۇتۇش جەريانى          ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى          2- سائەتتە:  
شائىر شېئىرىدا ئوخشىتىش،تەمسىل،سىمۇۋۇل قاتارلىق ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئاپتورنىڭ كۈچلۈك ئىدىيىۋى ھېسىياتىنى كونكىرېت،جانلىق،ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.  تېكستتىكى ئوخشىتىش:« نەدە شۇڭقار بىر بولۇپ ئۇچقان ئىدى قۇزغۇن بىلەن» بۇنىڭدا ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنى شۇڭقارغا  ئوخشاتقان. پەس،چاكىنا خۇسۇسىيەتلىك كىشىلەرنى قۇزغۇنغا ئوخشاتقان.   تەمسىل:«ئاۋياڭ» توغرىسىدىكى،«ئۈچ خان»توغرىسىدىكى،«چىڭشيەن»توغرىسىدىكى،«ياۋ بىلەن شۇن» توغرىسىدىكى،«جيې بىلەن جۇ»توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى تەمسىل كەلتۈرۈپ ئىپادىلىگەن.    سىمۇۋۇل: «مەن غازاڭ پەسلىنى ئويلىغاندا قۇرققۇم كېلىدۇ،سولمىغىيدى دىلبىرىم بىۋاق قىرۇۋ پەسلى كېلىپ».بۇنىڭدىكى «غازاڭ پەسلى» ۋەتەننىڭ زۇۋاللىققا يۈزلىنىشىگە،«دىلبىرىم» ۋەتەنگە سىمۇۋۇل قىلىنغان.   بۇ خىل ۋاستىلەر  ئاپتورنىڭ كۈچلۈك ئىدىيىۋى ھېسىياتىنى كونكىرېت،جانلىق،ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.  
ئاپتور تېكستتە قانداق تارىخى رىۋايەتلەردىن پايدىلانغان؟   «ئاۋياڭ» توغرىسىدىكى،«ئۈچ  خان» توغرىسىدىكى،«چىڭشيەن»توغرىسىدىكى،«ياۋ بىلەن شۇن» توغرىسىدىكى،«جيې بىلەن جۇ» توغرىسىدىكى تارىخى رىۋايەتلەردىن پايدىلانغان.  
نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى ئىجابىي رومانتىزملىق ئەسەر دەيمىز؟ئۇنىڭدا رومانتىزملىق روھ قايسى تەرەپلەردىن ئىپادىلەنگەن؟  
ئاپتور ئۆزىنىڭ كۈچلۈك لىرىك ھىسىياتىنى ئوخشىتىش،تەمسىل،سىمۇۋۇل قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق تولۇپ تاشقان جاسارەتكە،قايتماس ئىرادىگە ۋە ساداقەتمەنلىك روھىغا ئىگە بولغان غايىۋى لىرىك قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. شۇڭا ئۇنى ئىجابى رومانتىزملىق ئەسەر دەيمىز.  
ئەسەردىكى غايىۋى ئوبراز «مەن» نىڭ ۋۇجۇدىدىكى تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ،ھەر قانداق رەزىللىكنى بېسىپ چۈشىدىغان جاسارەت؛ئۆزىنى تارىختا ئۆتكەن ساپ پەزىلەتلىك،دانىشمەن شەخسلەرگە ئوخشىتىشى؛«مەن»نىڭ روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىمۇۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەڭ گۈزەل گۈل-گىياھلار تەسۋىرلىرى مۇشۇ خىل خۇسۇسىيەتنىڭ ئىپادىسى.
تۆۋەندىكى مۇھاكىمە بويىچە مۇھاكىمىگە يېتەكلىنىدۇ. 1. شائىر بۇ داستاندا قانداق ئىجدىمائىي رېئاللىقنى تەنقىد قىلغان؟
ئوقۇغۇچى: شېئىردا شائىر بەگ پادىشاھلارنىڭ ھاماقەتلىكى، ئەيشى- ئىشرەتكە، كەيپ- ساپاغا بىرىلىپ ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان، قابىلىيەتسىز، خۇشامەتچى، چىرىك ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ جەمئىيەتتە ناھەقچىلىك يامراپ كەتكەن. ئەل- يۇرتنىڭ خاراب بولىشىغا يۈزلىنىۋاتقاندەك ئىجدىمائى رىئاللىق تەنقىد قىلىنغان.
ئوقۇتقۇچى: شائىر بۇ پارچىدا ئۆزىنىڭ قانداق ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن؟
ئوقۇغۇچى: ئۆز دولىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش، شۇنداقلا بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق قىينچىلىق ۋە روھى ئازابلارغا قەتئى تىز پۈكمەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن.
ئوقۇتقۇچى: پارچىدا شائىرنىڭ قانداق ئىدىيىۋى ھىسياتى ئىپادىلەنگەن؟
ئوقۇغۇچى: پارچىدا شائىرنىڭ ئولۇغۋا سىياسى غايسى، سىياسى كۈرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ چەككەن دەرت- ھەسرەتلىرى، نارازىلىق، غەزەپلىرى بايان قىلىنغان. زۇلمەتلىك رىئاللىق تەنقىد قىلىنغان ھەمدە تەسەۋۋۇرىدىكى غايىۋى دۇنيانى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى غايىگە بولغان ئىنتىلىشى، چىرىك كۈچلەرگە بولغان قىلچە مۇرەسسە قىلمايدىغان قەيسەر ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.
ئوقۇتۇش جەريانى         مۇلاھىزە مەزمۇنى       
ئوقۇتقۇچى: داستاندا قانداق تارىخى رىۋايەتلەردىن پايدىلانغان؟ بۇنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى بار؟
ئوقۇغۇچى: شائىر تىكىستە «گاۋياڭ» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «ياۋ بىلەن شۈن» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «جى بىلەن جۇ» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «پىڭشەن» توغرىسىدىكى رىۋايەت قوللىنىلغان. بۇنىڭ رولى تارىخنى ئەينەك ۋە ئىبرەت قىلىش، تارىخ ئارقىلىق ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەش، قايىل قىلىش رولى بار.

        خۇلاسە        بۇ شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك لىرىك ھىسياتىنى تەمسىل، سىمۋول قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق قايتماس ئىرادىگە ئىگە بولغان غايىۋى لىرىك قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. شۇڭا بۇ شېئىر رومانتىزىملىق شېئىر دەپ ئاتايمىز.
        شەكىللەندۈرۈش سىناقلىرى        نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى ئىجابىي رومانتىزملىق ئەسەر دەيمىز؟ئۇنىڭدا رومانتىزملىق روھ قايسى تەرەپلەردىن ئىپادىلەنگەن؟  

تاپشۇرۇق        22-، 23- ، 24- تكىستلەرنى ئوقۇپ كېلىش(ئايرىم مەزمونىنى خۇلاسىلاش)
دوسكا لاھىيىسى        21.  جۇدالىق زارى
چۇيۈەن
داستاندا ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ھىسيات

دەرىستىن كىيىنكى تەسىرات       
تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى       

2016 – يىلى - ئاينىڭ      - كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-14 08:23:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلىكنى ئەستايىدىل ، ياخشى تۈزۈپسىز ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش