يىڭى روبائىيلار
مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان
-1- ھاياتتا قىسمەت كۆپ قۇتۇلغان كىم بار؟، نە ئامال قاچسىمۇ تۇتۇلغان كىم بار؟. قىممىتى ئوخشايدۇ بىر باش قىمارغا، تەلىيى كاج كېلىپ ئۇتۇلغان كىم بار؟. -2- سەركىلەر پادىنى باشلاپ ماڭىدۇ، ئارقىدا قالغاننى تاشلاپ ماڭىدۇ. بۇ ھايات بەئەينى بىر ئۇزۇن سەپەر، بەزىلەر كۆزىنى ياشلاپ ماڭىدۇ. -3- قەدەمنى ھەر ھالدا دەڭسەپ ماڭىمەن، خاتامۇ ،توغرىمۇ ئەسلەپ ماڭىمەن. مەن دەيمەن بۇ جاھان تەڭشەكلىك جاھان، يەنىلا بىر ئۆزۈم تەڭشەپ ماڭىمەن. -4- سۇغا سۇ قوشۇلسا ئاقار ئۇلغۇيۇپ، دەرتكە دەرت قوشۇلسا كەتتىم تولغۇنۇپ. دەرت –ھەسرەت ئۈستىگە تۇغۇلمىغانمەن، دەرىيخا ئۇيقىدىن كەتتىم ئويغۇنۇپ. -5- بەزىلەر بەك خوشال ياشايدۇ كۈلۈپ، كېتىدۇ بەزىلەر ھەسرەتتە ئۆلۈپ. كىرپىنىڭ شۇ خۇيى يارايدۇ ماڭا، جۇدۇندا ئامالسىز ياتار تۈگۈلۈپ. -6- تاپىدۇ پۇل-ۋەجنىغۇ قىلسا مېھنەت، ئۇ بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ قەدىر-قىممەت. شۆھرىتىڭ بۇ دۇنياغا پۇر كەتسىمۇ، دوقمۇشتا كۈتەر سىنى تالاي قىسمەت. -7- ساقىيار چىرايدا بولسا داغ-قورۇق، ئىزدەنسە شىپاسى تىپىلىپ تولۇق. ساقايماس يۈرەككە چۈشكەن داغ-سەپكۈن، بۇ ھىكمەت-ھەقىقەت ئەزەلدىن ئۇلۇق. -8- ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ ئەقلى كالتا، ئۆتەمدۇ شۇ كۆۋرۈكتىن قايتا-قايتا. بۇرنىدىن ئىلىنمىسا ھىساپ ئەمەس، ھەقىقەت چىراي ئېچىپ كۈلگەن ۋاقتا. -9- ئادەم دىگەن دەرت تارتقىلى تۇغۇلغانمۇ؟ تۇغۇلۇپلا قىسمەتلەرگە بوغۇلغانمۇ؟ شۇ تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر، نۆۋىتىدە بىلىپ يىتەر گاداي-خانمۇ. -10- دان بىلەن ساماننى ئايرىيدۇ شامال، تىپىلار ھەر ئىشقا چارە ۋە ئامال. نۇرانە ئىقبالدا چاقنار گۈزەللىك، ھەقىقەت ھەممىنى قىلىدۇ قامال. -11- قاغىمۇ بالىسىنى دەيدۇ ئاپئاق، ئادەملەر شۆھبىسىزكى ئەسلى شۇنداق. ئىۋەنسىز ئادەم بولماس بۇ جاھاندا، زەن سىلىپ تازا ئوبدان ئويلاپ باقساق. -12- توخۇغا كۆرپە سىلىپ بەرسەڭ تاماق، يەنىلا ياتار جايى ئەسكى قونداق. تۇغمايدۇ ھەر كۈنلىكى بىردىن ئارتۇق، ئەجرىڭنى،كۆيۈنگەننى بىلسە قانداق؟. -13- ھەتتا مۇزنى ئېرىتىدۇ ياخشى گەپ، كۆڭۈللەرنى يايرىتىدۇ ياخشى گەپ. زىمىستان قىش بىغىڭدىكى بۇلبۇلنى، خۇش ناۋالىق سايرىتىدۇ ياخشى گەپ. -14- چاقنايدۇ ئارزۇ دىگەن بۇ ھاياتتا، پارلايدۇ قوياش كەبى ھەر مىنۇتتا. ئالتۇننىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ تۇرغان بىلەن، تاۋلىنار چىداملىقى كۆيۈپ ئوتتا .
|