كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 1

خۇلاسە(مۇخەممەس) ۋاھاپ زۇنۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇلاسە
(مۇخەممەس)
ۋاھاپ زۇنۇن
سان –سىفىرلار باغلاشقان ،ھەر ئايدا بار خۇلاسە.
ئېزىز بولساق بەزىمىز،بەزىمىز خار خۇلاسە،
خوشامەتكە بېقىندا ،ئاقىلغا دار خۇلاسە.
ئۆلچەم قىلغان نۇمۇرنى ،يوللىرى تارخۇلاسە،
جەرئىمانەنىشانى ،تەڭگىگەزار خۇلاسە.

ئىشلىسەكمۇ ئايدا ساق ،بىر پۇڭغا مىڭ نەرقىمىز.
ئوخشاش تۈزۈم ئاستىدا،ئاسمان-زىمىن پەرقىمىز،
شەرەپ قۇچاي دىسەكمۇ،ئاسارەتتە بەختىمىز .
ساپا يۇقرى بولسىمۇ،لېكىن ھۆل خىش تەختىمىز ،
رىئاللىقتىن چەتنىگەن ،كۆرنىشى جار  خۇلاسە.

بولسا يىغىن تەۋرىشى ،كىردۇق مىنوت كېچىكمەي.
سەۋەنلىكتىن ساقلىنىپ،خاتىرلىدۇق زېرىكمەي،
تەنقىت -تەنبىھ بولسىمۇ ،سۈكۈت قىلدۇق تېرىكمەي.
سوغۇق سۇنى سەپسىمۇ،ئامال يوقكىن بېركمەي،
بىچارىلەر كۆڭلىگە،ئاچچىق ئازار خۇلاسە.


ئادىل بولۇش پاك بولۇش،تام -تاملارغا يېزىقلىق.
ئۇلار تاپقان سەۋەنلىك،ئىسمىمىزغا قېتىغلىق،
شامال تەگمەس تۆگىگە،بىراق تۈگمە چېقىغلىق.
ئەلگە تالىق باھار –ياز ،زىمىستانغا سېتىغلىق،
قەلبىلەرگە ئۇچقۇنداپ ،ئۈششۈتكەن قارخۇلاسە.

قىزىق ئويۇن ئوينايدۇ،ئالماشتۇرۇپ دوپپىنى.
يۈزلىرىنى ئاقارتىپ دەسمى قىلىپ ئۇپپنى،
قارا بېسىپ ئىت چۈشەپ ،ئىچىپ سېسىق يۇندىنى .
بۇلغاندىمۇ ئىمانى ،تەتۇر قىلدى قۇببىنى،
سەجدىگاھ قىپ باشلىقىنى،جاننى باقار جۇلاسە.

سەۋەنلىگىم شۇ مىنىڭ،كۈندە يۆلەپ قويمۇدۇم.
كىيىمىنى كەيدۈرۈپ،يولدا تۈزەپ قويمۇدۇم،
بۆشۈك قىلىپ پۇتۇمنى ،ئوڭدا بۆلەپ قويمۇدۇم.
يىگەن ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ پۇلنى تۆلەپ قويمۇدۇم،
خوشامەتتىن يىراقمەن ،قىلما بىزار خۇلاسە !

قالدى ئەمدى بىرلا ئىش بۇ كەمگىچە كۆرمىگەن.
پەرۋانىدەك ئۆرتىنىپ ،ئۆزنى ئېتىپ كۆيمىگەن،
ياق دىسىمۇ قۇلاقتىن ،يېقىن تارتىپ سۆيمىگەن.
قېنى بىر كۈن كۆرەرمىز،چىداپ تۇرۇپ ئۆلمىگەن،
ھەقتە بوغۇپ گېلىڭنى،قىيناپ زىنھار خۇلاسە.

ئېغىز- بۇرۇن يالاشسا، تەخسىكەشلەردالدىدا.
مەن ماڭىمەن پەرۋاسىز،مۇشاقەتلەر ئالدىدا،
قېنىمدىكى مائارىپ، بولسا ھەربىر كاللىدا  .
ئەجرىم ئۈچۈن مىۋىلەر،مەي باغلىسا باغلىدا،
شەرىپىم شۇ مېنىڭكى ،ئەمدى قىزار خۇلاسە.

قېتىق ئىچكەن قۇتۇلسا ،تاۋاق يالاپ تۇتۇلغان.
بىر قېتىممۇ ئۇتالماي ،ھەر قېتىمدا ئۇتۇلغان،
ئاق نېنىمنى تەڭلىسەم،زاغرا بولۇپ يۇتۇلغان.
بۇنداق تەتۈر قىسمەتتىن، بىزقاچانمۇ قۇتۇلغان،
ھەقدارسىدا سوراقنىڭ،ئەيىب دىدار خۇلاسە.

يالغان دىگىن مەيلى راس،مەن ئۆزۈم ھەقنى دىدىم.
بۈگۈن نىسى بولسىمۇ،ئەتىكى نەپنى دىدىم،
تارتىپ باققان ھەممىمىز،ئەلەملىك دەرتنى دىدىم .
ئەجرىمىزگە مۇخالىپ،بىر تالاي رەتنى دىدىم،
كۆڭلىمىزگە قاچەنمۇ؟ياغدەك ياقار خۇلاسە....

مەنبە :ئۆز قەلەم
2016-يىلى 3-ئاي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +4تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 4 + 5 + 5ئېسىل شېئىر

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-16 23:02:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ZAMRAN ئەپەندى. كۈچلۈك ھەجۋى، ئاچچىق كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇلغان ساتىرىك ئەسەرلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالغان ئىدۇق، رەھمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش