يۇقۇرى ئۆرلەش ئادىتىم ،(مېڭىپ تۇرغان) مۇدىرمەن،
ئەمەل مەنسەپ ئىشقىدا يېنىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
چېقىپ تىللاپ ئاۋامنى قېنىپ تۇرغان مۇدىرمەن ،
كۈندە ‹‹خو›› دەپ شەرەپنى ئېلىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
باشلىقىمغا نوقسانسىز يېقىپ تۇرغان مۇدىرمەن .
جۇغۇم كىچىك پاكارمەن قىلىپ يۇرمە ھاقارەت ،
ھەرتەرەپتىن جۈندەشكە مەندە كۆپتۇر ماھارەت.
مەن ئوقۇيمەن نامازنى بىراۋ ئالسا تاھارەت،
تۇرساممۇ سەپ ئالدىدا ياغسا ئالقىش دارامەت ،
ئۆزەم جەبىرى- جاپادىن قىچىپ تۇرغان مۇدىرمەن .
چېكىتى يوق تارازام چوكام ئۇزۇن تاش كىچىك ،
يۇزدە قورۇق بولسىمۇ كىملىكىمدە ياش كىچىك.
ھەسەن –ھۆسەن چىرايىم ئوسمام يوغان قاش كىچىك ،
دوپپا يوغان بولسىمۇ لىكىن مەندە باش كىچىك،
قانائەت قىپ شۇندىمۇ بېقىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
كۆزۈم چۈشكەن باشلىقنى خىيالىمدا تاللايمەن ،
پۇرسەت تېپىپ ۋاقتىدا قاش كۆزۈمنى تاشلايمەن.
مەيلى بولسا ئۆيۈمگە كېچە –كۈندۈز باشلايمەن ،
پۇتنى تۇتۇپ دۇمبىنى خوش ياقتۇرۇپ قاشلايمەن .
ئەجىرىمنىڭ بال قەنتىنى تېتىپ تۇرغان مودىرمەن .
قولۇم ئۇزۇن ئالمىنى ئۇزۇن شاختىن چەللەيمەن ،
سويماي تۇرۇپ چىشلىشىپ يەنە كىمنى پەللەيمەن .
كىم ئالايىتسا كۆزۇنى شۇنى تىللاپ قەسلەيمەن ،
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئىشلىرىمنى ھەللەيمەن ،
ئۆزۈم ئۈچۈن ۋىجداننى سېتىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
مودىر بولساڭ مەندەك بول تۇتۇپ ئىشنىڭ بېشىنى ،
توپا قىلماي قېقىپ تۇر باشلىقىنىڭ پېشىنى .
ئۆيلىرىڭدە ساقلاپ قوي ھاراق –شاراپ نەشىنى ،
ئىچى سېسسىق بولسىمۇ بوياپ كۆرسەت تېشىنى ،
شۇنداق قىلىپ داغدام يول تېپىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
تال –چىۋىقتەك بەللىرىم تولغاپ ئېسىل نازىم بار،
نازۈك قولۇم كۆكسۇمدە خوش –خوش بىلەن تازىم بار.
قاش ئوينىتىپ كۆز تاشلاپ گۇل ئېچىلغان يازىم بار .
ئەتراپىمدا پەرۋانە توخۇ –ئۆردەك غازىم بار ،
باشلىق ئۈچۈن سۇ بولۇپ ئېقىپ تۇرغان مۇدىرمەن .
دادام بىركۈن بولمىسا يۇرەر ئىچىم تىتىلداپ،
تاغام بېرەر تەسەللى قېرى كالىدەك پۇشۇلداپ ،
گۇمان ئۆرتەر ئىچىمنى كىم يۇرەر دەپ كوتۇلداپ ،
شۇئان چارلاپ ماڭىمەن ھەر تەرەپكە سوكۇلداپ،
تېپىپ ئېيىپ نوقساننى يېزىپ تۇرغان مودىرمەن.
ئوڭ دىسە تەتۇر جاۋاپ دىلدىكى گەپنى دىسە ،
تەكشۇرۇش ياز !بۇيرۇقۇم بىرقېتىم چەپنى دىسە ،
ئۆزىگە ھەم باشقىغا قىلچىلىك نەپنى دىسە ،
مەن توغۇرلۇق باشقىغا ياش تۆكۈپ دەرىتنى دىسە ،
ھۆل قىشىمغا دەسسىتىپ بېسىپ تۇرغان مۇدىرمەن.
تەدبىرلىرىم مۇكەممەل ھەر تەرەپتىن ئىشىم ئوڭ،
بويۇم كىچىك بولسىمۇ باردى –كەلدى تۆردە چوڭ.
ماختاپ تۇرغاچ باشلىقىم ‹‹سۆيگەن يارىم سويما قوڭ››،
قاپاق تۇرۇپ ئەل ئىچى لەقەملىرىم بولدى توڭ،
ئەمەل ئۈچۈن يولۇمدىن ئېزىپ تۇرغان مۇدىرمەن.