كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 2

سەنمىدىڭ(غەزەل) ۋاھاپ زۇنۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەنمىدىڭ
( غەزەل)
ۋاھاپ زۇنۇن
كىرىپ كۆڭۈل قەسرىمگە،چېراق ياققان سەنمىدىڭ؟
سېلىپ كونا كۆرپەڭنى،تۈنەپ ياتقان سەنمىدڭ؟

تاڭ ئۇيقۇسى لەززىتىن،سۈرۈپ ياتسام بىغۇبار ،
دېرىزەمدىن بوينۇڭنى سوزۇپ باققان سەنمىدىڭ؟

شەبنەممىسال قەلبىمنى،چۆللىرىڭدە قاق سېلىپ،
گۈللىگۈمدە باشقىنى ئىزدەپ تاپقان سەنمىدىڭ؟

شۆھرەت ،ئابرۇي بايلىقنى ،ئۈستۈن قويۇپ مېنىڭدىن،
كۆرۈپ  جەندە جىسمىمنى يىراق قاچقان سەنمىدىڭ؟

يالۋۇرغاندا ياش تۆكۈپ،كۆز ئالايتىپ پەرۋاسىسز،
يارما تارتىپ كۆكسۈمدە،ياڭاق چاققان سەنمىدىڭ؟

ئۇيالماستىن باشقىغا،بولۇپ تەتۈر تەرجىمان،
قېنىمدا يوق نوقسانغا، مېنى چاتقان سەنمېدىڭ؟

ئاغرېىپ قالسام چۈشۈڭدە،ئۆلسىكەن دەپ ئىچىڭدە،
ئويغانغېچە خوش بۇلۇپ،ھازا ئاچقان سەنمېدىڭ؟


ئادېمىيلىك خىسلەتنى ھارام ئەيلەپ ،ئۆزۈڭگە،
ئابرۇي،شۆرەت پۇلنى دەپ ،ۋىجدان ساتقان سەن مىدىڭ؟

ئەمدى كېلىپ توۋا دەپ،چاپىنىڭغا يۆگە دەپ،
دىمىغىمغا بەتپۇراق، ئۈزمەي چاچقان سەنمىدىڭ؟

تۈكۈرگىچە يۈزۈڭگە،يوقال !دىسەم كۆزۈمدىن ،
جەسىدىڭگە نەپىرەتتىن يوپۇق ياپقان سەنمىدىڭ؟
مەنبە:ئۆز قەلەم
2015.5.21


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-25 14:11:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز.
ۋاقتى: 2015-5-27 09:20:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش