ئايالىم ۋاھاپ زۇنۇن (بارلىق مھىر-مۇھەببەتنى ئۆي ۋە يولدىشىغا بىغىشلىغان ئاياللارغا بىغىشلايمەن) يىرتىلغاندا كىيىملەر ياماپ تۇرغان ئايالىم، ئۈزۈلگەندە تۈگمىسى قاداپ تۇرغان ئايالىم. ئۆيگە قاچان كىلەر دەپ قاراپ تۇرغان ئايالىم، بارلىقىنى ماڭىلا ئاتاپ تۇرغان ئايالىم.
ھەممە ئىشتا قولى گۈل ئانام ئۇدۇم بەرگەندەك، جاھاندىكى گۈللەرنىڭ گۈل بەرگىنى تەرگەندەك. تىلىگىمنى تەق قىلغان خىيالىمنى سەزگەندەك، ھەر قەدەمدە كۆڭلۈمنى ئاياپ تۇرغان ئايالىم.
تاماق پىشسا گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىپ قاچامغا، مېنى شۇنچە ئۇلۇقلاپ يىغلاپ تۇرغان بالامغا. مىھنىتىدىن شىپالىق مەلھەم بولۇپ يارامغا، ئۆزى قۇرۇق سۆڭەكنى غاجاپ تۇرغان ئايالىم.
ئىشقا ماڭسام سەھەردە ئايىغىمنى كەيدۈرۈپ، خوش دۈگۈزۈپ بالامغا يەنە تاتلىق سۆيدۈرۈپ، ئىشتىن چۈشۈپ كىرگۈچە تۆت كۆز بىلەن تەلمۈرۈپ، ئېتىپ تاتلىق تاماقنى ساقلاپ تۇرغان ئايالىم. كىيىم-كېچەك تاماقنىڭ سەركىسىنى خىللىسام، ئوڭدا يېتىپ كەچكىچە ئىشلىمەستىن ئۇخلېسام. ئۆتمىسىمۇ سەۋەنلىك ئاچچىقلىنىپ تېللىسام، قاپاق تۈرمەي كۈلۈپلا ياشاپ تۇرغان ئايالىم.
ئاشخانىدا كۈتۈنۈپ ئۆيگە كىرسەم قۇرۇق قول، ئېغىر ئېلىپ ماڭماقنى تاكسى بىلەن بېسىپ يول. چېقار ئېچىپ ئىشىكنى سۆزلۈرۈمگە بولۇپ گول، يوتقان-كۆرپە،ياستۇقنى تاشلاپ تۇرغان ئايالىم.
كۆز يېشىنى كۆرسەتمەي كۈلكە بېرىپ چېھىرىدىن يېقېلسىمۇ دەس تۇرۇپ چاندۇرمايلا سېھرىدىن، ئەسكىلىك قىپ يۈرسەممۇ ئورۇن بېرىپ مېھرىدىن، كۆيۈپ ھېجرى ئوتۇمدا قايناپ تۇرغان ئايالىم.
ئۆيگە كىرمەي كەچلىرى مىھمىنى بوپ تالانىڭ، قاۋاقلاردا مەس بولۇپ قۇربانى بوپ سالانىڭ. جېدەل تېرىپ قانۇندا ماڭا كەلگەن جازانىڭ، تۈگۈشىنى مىنۇتلاپ ساناپ تۇرغان ئايالىم.
كويزا-كېشەن سېلىقلىق،سۆزلىگەندە ئەيىپكار، خاتا ماڭغان يولۇمغا ئۆزۈم بولۇپ سەۋەپكار. بولۇپ ماڭا شۇندېمۇ يېقىن يۈلەك مەدەتكار، سوراقلاردا شاھىت بوپ ئاقلاپ تۇرغان ئايالىم.
ئۆيدە خۇرۇچ تۈگسىمۇ تىلەپ سەبرى شۈكرىنى، قانائەتتىن رۇھلىنىپ يېڭىپ جاپا-جەبرىنى. يوقسۇزلۇققا باش ئەگمەي چېڭىتقانچە كەمرىنى، تولۇپ چوڭقۇر ئۈمۈتكە پايلاپ تۇرغان ئايالىم.
دەرىتلىرمنى كۆپ تارتىپ ئىچ-ئىچىگە سەپپىرىپ، چۈشەنمىگەن بالامغا ناخشا قىلىپ دەپپىرىپ. سۈرۈتۈمنى قولۇغا يىغلاپ تۇرۇپ ئەپپىرىپ، شورېۋالغان كەنپۇتتەك ياداپ تۇرغان ئايالىم.
ئېچەي سۈزۈك شەربەتنى سەن باشلىغان ئېقىندىن، ئەمدى توغرا يول تېپىپ قەلبىڭدىكى چېقىندىن. تېزىپ كىلەي گۈل دەستە بەلكى يىراق-يېقىندىن. تۇرمۇشۇمدا قوياش بوپ پارلاپ تۇرغان ئايالىم.
ئەمدى بۈلدۈم ئەر دىگەن ئايال بىلەن ئەر ئىكەن، ئايالىدىن ئايرىلغان ئۆزى يەكسان يەر ئېكەن. ئەسلى ئەرنى كۆكلەتكەن ئايال تۆككەن تەر ئېكەن، ئۆمۈر بوئى ئەر ئۈچۈن ئايناپ تۇرغان ئايالىم.
ساڭا چەكسىز ئاپېرىن غەيرېتىڭدىن ئايلىناي، بىللە ئۆتۈپ سەن بىلەن يايلېقېڭدا يايلېناي. ۋۇجۇدۇڭدا قايتېدىن ياخشى ئەر بوپ سايلېناي، مېنى كۆڭۈل تۆرىگە باشلاپ تۇرغان ئايالىم.
مەنبە: ئۆز قەلەم 2015 يىلى5-ئاي
|