كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 9

باشلىقىم(مۇخەممەس) ۋاھاپ زۇنۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشلىقىم
(مۇخەممەس)
ۋاھاپ زۇنۇن
ئىناۋەتنى دوست تۇتقان،ئىناۋەتلىك باشلىقىم،
يېزىمىزدا شان قۇچقان،شىجائەتلىك باشلىقىم.
ئاۋام قەلب تۆرىدە، قاباھەتلىك باشلىقىم،
مەجبۇر چالغان چاۋاكقا، دارامەتلىك باشلىقىم.
ئۆزى قويغان ئاتاقتا،ساداقەتلىك باشلىقىم.

ئۈچ ئاساس پەن غەلبىمىز،قوشۇمچىسى پەن ئەمەس،
تەكرار قىلىپ ھارماستىن،لەۋلىرىمىز نەم ئەمەس.
بىر نومۇرنىڭ غېمى غەم،باشقا غەملەر غەم ئەمەس،
شۇ سەۋەپتىن تۇققانلار،ئۆيدە بىر كۇن جەم ئەمەس.
خۇلاسىدە جۆندەشكە،ماھارەتلىك باشلىقىم.

ئايمۇ-ئايدا تەكشۈرۈپ،مەكتەپلەرنى چارلىماق،
ئۆستۈرەي دەپ سۈپەتنى،سىنىپلارنى ئارلىماق.
تۇرسا نەچچە ساۋاتسىز،بانى يوق دەپ يوللۇماق،
چاپان يېپىپ ھەمىشە،مائارىپنى گوللۇماق.
سۈپەت شۇنداق ئۆسەمدۇ؟پاراسەتلىك باشلىقىم.

يىغىن ئاچساڭ ئاڭلىدۇق،سۆزلۈرۈڭدە تېتىم يوق،
دېگەن گىپىڭ يەنە شۇ،سىلەردە ھېچ بېسىم يوق.
كونا گەپتىن جاق تويدۇق،يېڭىچە بىر ئېقىم يوق،
يازاي دىسەم سۆزۈڭنى، توشتى باشقا بېتىم يوق.
تەسەللىدىن مۇستەسنا،سىياسەتلىك باشلىقىم.

قاچان بولدى قاپاق خار،قىممىتى پۇل باراڭنىڭ،
ئىشلەۋەردۇق يىل بوئى،خىيالى بولۇپ ساراڭنىڭ.
قانالمىدىڭ مىھرىگە،زاكىدىكى بالاڭنىڭ،
تىپىلمىغاچ شىپاھسى،يۈرەكتىكې ياراڭنىڭ.
خەپلىرىمنىڭ نەزىردە،گۆرگە تالىق باشلىقىم.

زورلىغاندا تاماققا،ياق دەپ شەكلىن نازى بار،
بۇيرۇغاندا كاۋاپنى،جاۋغىيىدا يازى بار.
چۈشۈپ قالساڭ ئۇسسۇلغا،قولدا دىپى سازى بار،
دۇئاسىدا چىرايلىق،كۆپ تەشەككۈر رازى بار.
تىپىۋالغان يۆلەنچۈك،پاراغەتلىك باشلىقىم.

تامالىقىڭ ئوچۇقتۇر، سوۋغا-سالام ئاش كەلسە،
خۇشامەتتە تازىمدا،مەيلى قېرى-ياش كەلسە.
كۈلۈپ تۆرگە باشلىدىڭ،سومكا ئېغىر شاش كەلسە،
باش بارمىقىڭ ئۇچلاندى،دوپپا دېسەڭباش كەلسە.
تۈگىمەس بايلىق كان ئاچقان،تاپاۋەتلىك باشلىقىم.

يول كۆرسەتسە بەزىلەر،ئويلانماستىن ماقۇل دەپ،
خىللاشتۇرۇپ قوشۇننى،ئەتراپىڭدا تۈزدىڭ سەپ.
ئەتراپىڭدا كوتۇلداپ،سەن توغۇرلۇق بولسا گەپ،
پەرۋا قىلماي قىلچېلىك،ئۆتۇپ كەتتىڭ خەپلا دەپ.
ئۇنى بۇنى يۆتكەشتە،جاسارەتلىك باشلىقىم.

قاقشاتمىساق بولاتتى،بور تۇزاندا يۈرگەننى،
يول كۆرسىتۈپ نادانغا،خاتاسنى تۈزگەننى.
سىنىپتىكى چاۋاكىتن،دىلى يورۇپ كۈلگەننى،
دېڭىزىدا بىلىمنىڭ،ئەۋلاتنى دەپ ئۈزگەننى.
ھەق-ناھەقنى پەرىق ئەتمەس،ئادالەتلىك باشلىقىم.

يېزىپ قويدۇم كوپتۈرۈپ،قارنىمۇ-ئاقنىمۇ،
ئوخشاش دەرتنى تەڭ تارتقان،ئاغرىقنىمۇ-ساقنىمۇ.
گالدىن ئۆتكەن غەنىمەت...بىر تال گۈلە قاقنىمۇ،
سىز بىجىرگەن ئىشتىكى،ماقۇلنىمۇ- ياقنىمۇ.
بولۇپ قىلىڭ باشقىدىن،دىنايەتلىك باشلىقىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +8شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
火山 + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-12 16:42:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، بەزى مەكتەپلەردە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۈت.
ۋاقتى: 2015-5-12 17:01:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە بار ئەمەلىي ئىشلارنى يېزىپسىز ، بۇ شېئىرنى نادىرلاشقا بىر بېلەت كەتتى .
ۋاقتى: 2015-5-12 17:09:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، مەكتەپلەردە مۇشۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت
مىنىڭ ئاتۇشلۇق ۋاھاپ زۇنۇن دەپ بىر ساۋاقدېشىم بۇلىدىغان، سىز شۇ ئەمەستۇ؟
ۋاقتى: 2015-5-12 17:35:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن مۇل-مەزمۇنلۇق شېئر يىزىپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئرلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-5-12 21:27:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاپرىن…… مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرساق بولاتتى……
ۋاقتى: 2015-5-13 15:46:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەكتەپلەردە ئەمىلىي بولۋاتقان ئىشلار يېزىلىپتۇ ، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ ،رەھمەت بىر بېلەت تىللاسى بىلەن بىللە كەتتى .
ۋاقتى: 2015-5-14 09:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايمۇ-ئايدا تەكشۈرۈپ،مەكتەپلەرنى چارلىماق،
ئۆستۈرەي دەپ سۈپەتنى،سىنىپلارنى ئارلىماق.
تۇرسا نەچچە ساۋاتسىز،بانى يوق دەپ يوللۇماق،
چاپان يېپىپ ھەمىشە،مائارىپنى گوللۇماق.
سۈپەت شۇنداق ئۆسەمدۇ؟پاراسەتلىك باشلىقىم.

يىغىن ئاچساڭ ئاڭلىدۇق،سۆزلۈرۈڭدە تېتىم يوق،
دېگەن گىپىڭ يەنە شۇ،سىلەردە ھېچ بېسىم يوق.
كونا گەپتىن جاق تويدۇق،يېڭىچە بىر ئېقىم يوق،
يازاي دىسەم سۆزۈڭنى، توشتى باشقا بېتىم يوق.
تەسەللىدىن مۇستەسنا،سىياسەتلىك باشلىقىم.

بەك ياخشى شىئىر ئىكەن..  بەزى جايلاردا مۇشۇنداق ئىشلار بار.....................
ۋاقتى: 2015-5-17 11:36:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ! بەلەن يېزىپسىز !قايىل بولدۇم سىزگە
ۋاقتى: 2015-5-17 21:29:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،  ھارمىغايسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش