| يانۋاردا قىزىل گۇل غۇنچىلاي دەپتۇ
مۇھەممەد ئەھمىدى ئوغلان
يانۋاردا قىزىل گۇل غۇنچىلاي دەپتۇ، باراقسان نوتىسى ياشىرىپ-كۆكلەپ. ئۇ ئەسلى ئىيۇندا غۇنچىلىغاندەك، كۆڭلۈمنى شاش قىلدى، تۇيۇقسىز ئەجەپ.
يانۋاردا قىزىل گۇل غۇنچىلاي دەپتۇ، زىمىستان –جۇدۇنغا ئەگمەستىن بويۇن. پەرۋىشى چوقۇمكى ئاچىدۇ پورەك، ئۈمۈدۈم بەرگىگە تەگمىسە قۇيۇن.
يانۋاردا قىزىل گۇل غۇنچىلاي دەپتۇ، ھاياتتىن، ئۈمىدتىن بىشارەت بېرىپ. چاھارباغ سۈكۈتكە پاتمايدۇ ئەمدى، سەنەمنى شۇ جايدىن ئىزلەيدۇ غېرىپ.
يانۋاردا قىزىل گۇل غۇنچىلاي دەپتۇ، بۇ دەمدە سۇلياۋ گۈل ياش تۆكەر ئۆكسۈپ، باھارنى چىللىغان قارلىغاچلاردەك، بىر ئارمان يىراقتىن كېلىدۇ ئۇچۇپ.
يانۋاردا قىزىل گۈل غۇنچىلاي دەپتۇ، پاك زىمىن ئاق لىباس كىيگەندە قاردىن. تۇپراقتا شۇنچىلىك خىسلەت بولمىسا. غۇنچىلاپ نە قىلسۇن گۈلمۇ بىكاردىن.
يانۋاردا قىزىل گۈل غۇنچىلاي دەپتۇ، بىلگەندەك كۆڭلۈمنىڭ تەشنالىقىنى. نە قىش ئۇ يۈرەكتە ھارارەت تەپتى، باھارغا ئاۋامنىڭ ئاشنالىقىنى.
يانۋاردا قىزىل گۈل غۇنچىلاي دەپتۇ، كىپىنەك نەلەرگە كەتكەندۇ يوقاپ. نەغمىچى قۇشلارنىڭ پەرۋازى قېنى؟ قوياشنىڭ چېھرىدىن تارايدۇ ئاپتاپ.
يانۋاردا قىزىل گۈل غۇنچىلاي دەپتۇ، ئاي مۈككەن دالىلار كەتكەن ئۇيقىغا. دوستلارغا ھەر دائىم باھار چىللايمەن، مەن شۇنداق ئارزۇدا، شۇنداق تۇيغۇدا.
|
|