ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر 1 . ئىستىلىستىكا دىگەن نىمە ؟ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، پىكىر ۋە ھىسسىياتىنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ، باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئىستىلىستىكىلىق قائىيدە- قانۇنىيەتلەرنى ، ئۇسۇللارنى ، تىل ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلىدىغان پەن . 2 . ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە دىگەن نىمە ؟ كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئومۇمەن تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ بىرىدىغان ، تار مەنىندىن ئېيىتقاندا تىلنى ئوبرازلىق ، جانلىق ، كونكىرىتنى قىلىپ بىرىدىغان ۋاستىلەردىن ئىبارەت . 3 . ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ تۈرلىرى : 1 ) سۈپەتلەش ، 2 ) ئوخشىتىش ، 3 ) موبالىغە ، 4 ) جانلاندۇرۇش ، 5 ) سىمۋول 6 ) كىنايە 7 ) رىتورىك خىتاپ 8 ) سېلىشتۇرۇش 9 ) ئىۋفىمىزىم ( سىلىقلاش ) . 10 ) رىتورىك سۇئال 11 ) تەكرارلاش ، 12 ) مېتافورا 13 ) نەقىل كەلتۈرۈش
1.سۈپەتلەش ___ ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ، ۋەقە- ھادىسلەرنى تەسۋىرلەشتە ئۇلارنىڭ بەلگىلىرىنى تۈرلۈك خۇسۇسىيەت ، سۈپەتلىرىنى ، ھالەت ، ھەركەت- پائالىيەتلىرىنى ئېنىق ، روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ ، سۈپەتلەپ بىرىشكە يارىدەم بىرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە . مەسىلەن : ئاپپاق ساقاللىق ، مۇيسىپىت بىر بۇۋاي ،قىپقىزىل پىشقان لىق بىر سىۋەت ئالمىنى كۆتۈرۈپ ، ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ كىتىپ باراتتى . ئالما كۈتۈرۈپ كىتىۋاتقان بۇۋاي ناھايىتى جانلىق ، روشەن سۈرەتلەنگەن .
2.ئوخشىتىش ____ چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەلۇم شەيئىي ياكى ھادىسىنىڭ خارەكتېرى ياكى ھالىتىنى ئازدۇر- كۆپتۇر ئوخشاشلىقى بولغان يەنە بىر شەيئىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ، جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ ئىپادىلەش رولنى ئوينايدىغان ۋاستە . مەسىلەن : بىلىم ئېلىش جاپالىق ھەم قىيىن ئىش ؛ بىلىم ئېلىش خۇددىي يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك قىيىن ھەم جاپالىق ئىش . ئوخشىتىش ياسىلىشى ۋە رولىغا قاراپ : (1) ئېنىق ئوخشىتىش ____ « دەك ، تەك ، گويا ، خۇددى ، ئوخشاش » ؛ ئوخشالغۇچى + ئوخشىغۇچى + ئوخشىتىش قوشۇمچىللىرى (2) يوشۇرۇن ئوخشىتىش ______ ئوخشالغۇچى + ئوخشىغۇچى . مەسىلەن : نادانلىق مەنىۋى جەھەتتىكى ساقايماس كىسەل (3) ۋەكىللىك ئوخشىتىش ________ ئوخشىغۇچى شەيئى ، ئوخشالغۇچى شەيئى ئورنىدا كىلىدۇ . مەسىلەن : بىر تامچە سۇ كەڭ دېڭىزغا قۇشۇلغاندىلا ئاندىن ئۇ مەڭگۈ قۇرىمايدۇ . ئوخشالغۇچى شەيئى ئادەم كۆرسىتىلمىگەن ، ئوخشىغۇچى شەيئى « بىر تامچە سۇ » ئوخشالغۇچى ئورنىدا كەلگەن . دەريادا سۇ بولۇشى كېرەك ،دەريادا ئۇلۇغ سۇ بولغاندىلا ئۆستەڭلەردە سۇ بولىدۇ ؛ ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولغاندىلا ،باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بەرگىلى بولىدۇ .
3.سىمۋول _____ مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىنى توغرىدىن- توغرا ئۆز نامى بىلەن ئاتىماستىن ۋە تەسۋىرلىمەستىن ، ئۇنىڭغا يېقىنلىقىنى ، ئوخشالىقى بولغان ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ھادىسە ۋاستىسى ئارقىلىق تەسۋىرلەش ئۇسۇلى . مەسىلەن : بايراق رەڭگىنىڭ قىزىللىقى- قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ؛ ئەتىرگۈل- مۇھەببەتنىڭ ؛ كەپتەر- تېنىچلىقنىڭ ؛ پىرسۇناژلار كىنو- تىياتېرلاردا خۇشال ياكى دەرتلىك ھالدا ياندىن بىرىلگەن مۇزىكا ،مەنزىرە ئۇنىڭ ئىچكى ھىسسىياتىنىڭ سىمۋولى .
4.كىنايە ( تەنە ) _____ ئىپادىلمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەزى ۋە سۆز جۈملىلەرنى ئۆزمەنىسىدە قوللانماي ئەكىس ( تەنە ) مەنىدە قوللىنىش ئىسىتىلىستىكىدا كىنايە ( تەنە ) دىيىلىدۇ . دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار : ( 1 ) كىنايە كىشىلەرنىڭ ئۇنى تۇرمۇشتا ئىشىلتىش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم . ( 2 ) كىنايە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا مۇئەييەن مەخسەتنى كۆزدە تۇتۇش لازىم . ( 3 ) كىنايە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئوبىكىتنى ئوبدان پەرقلەندۈرۈش كېرەك .
5.تەكرارلاش ______ ئوخشاش بىر سۆز ، ئوخشاش بىر جۈملە ياكى ئوخشاش بىر ئابزاسنى تەكرارلاش ئارقىلىق ھېسىياتنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ۋە مەلۇم بىر نوقتىنى تەكىتلەپ كىتاپخانلارنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يارىدەم بېرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : تالى دەيدۇ ، تالى دەيدۇ ، جىگدەنىڭ تالى . ئېيىتسام ، ئېيىتسام تۈگۈمەيدۇ ، يارىمنىڭ ھالى
6.سېلىشتۇرۇش ______ بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى ئىككى خىل نەرسە ياكى ئىككى خىل چۈشەنجىنى ۋە ياكى بىر نەرسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرىپىنى بىر- بىرىگە سېلىشتۇرۇپ ، ئوي- پىكىرنى ئېنىق گەۋدىلىك ئىپادىلەشتە قوللىنىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە. مەسىلەن: < كەمتەرلىك > كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ ، < مەغرۇرلۇق > كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ . ماقال- تەمسىل ، شېئىرلاردا قوللىنىدۇ . بەزىدە پىرسۇناژلار ( تىل ، قىياپەت ، ھەركەت ، پىسخىكىسى ) مۇ سېلىشتۇرىلىدۇ . < ياخشىدىن > نام قالىدۇ ، < ياماندىن > دات قالىدۇ .
7.رىتورىك خىتاپ _______ ئاپتۇر ياكى ناتىق قاتتىق ھاياجانلانغاندا بەزى ھاللاردا ئاڭلىغۇچى ياكى كىتاپخانىدىن (ئوقۇرمەن ) ئىبارەت ئوبىكتىپ بىلەن ئەمەس بەلكى بىۋاستە ئەسەردىكى پىرسۇناژ ياكى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭغا خىتاپ قىلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل ئىستىلىستىكىلىق خىتاپ دىيىلىدۇ . مەسىلەن : يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە ، ( نەرسىگە خىتاپ ) ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۈرىمەن ئۆلۈمنى . ( ئادەمگە خىتاپ ) قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆكۈل بەرمە ، ( نەرسىگە خىتاپ ئادەملەشتۈرۈش < جانلاندۇرۇش > ) ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى . بۇ شېئىردا ل . مۇتەللىپ « يىللارغا » خىتاپ قىلغان .
8.رىتورىك سۇئال ______ سۆزلىگەندە ياكى ئەسەر يازغاندا مەلۇم بىر نوقتىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئەسلى دىمەكچى بولغان پىكىرنى دىيىشتىن ئاۋال ئالدى بىلەن سۇئال قويۇپ كىتاپخان بىلەن تىڭشىغۇچىلارنى ئويغا سېلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىتىدىغان ئۇسۇل . مەسىلەن : « ئادەمنىڭ توغرا ئىدىيسى قەيەردىن كېلىدۇ ؟ ئاسماندىن چۈشەمدۇ ؟ ياق ، ئۆزىنىڭ مىڭىسىدە ئەسىلدىن بارمۇ ؟ ياق ، ئادەمنىڭ توغرا ئىدىيسى پەقەت ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ » . - ماۋزېدۇڭ 9.ئېۋفىمىزىم ( سىلىقلاش ) ________ توغرىدىن- توغرا ئېيتىشقا بولمايدىغان ياكى بىۋاستە ئېيتىش بىئەپ ، قۇلايسىز بولغان سۆزلەرنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش ياكى دىمەكچى بولغان سۆزنى ئەينەن ئېيىتماي ، شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش- ھەركەت ئارقىلىق مەقسەتنى ئىپادىلەش ____ ئېۋفىمىزىم دىيىلىدۇ . مەسىلەن : « كىيىمنى يىرىتسەن » دەپ ئۇرۇپ كەتتىڭ ، « چوشقىنىڭ بالىسى » دەپمۇ تىللىدىڭ . ئۇرغۇنىڭ توغرا ئىكەن ئويلىسام ئەمما ، جېنىمدىن ئۆتتىغۇ ئاشۇ بىر تىلىڭ .
ئىچىمگە پاتمىدى بىر سۇئال زادى ، سوراشقا رۇخسەت قىل ، ئەدەپسىز دىمە . مەن چوشقا بولسام جان ئانا ، سەن مىنىڭ ئانامغۇ ، ئۇ چاغ سەن نىمە ؟ < مەن چوشقا بالىسى بولسام سەن چوشقىنىڭ ئانىسىمۇ ؟ دىگەن پىكىر سىلىقلاشتۇرۇلغان .
10.مۇبالىغە ______ شەيئى ياكى ھادىسلەرنى ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ كىچىكلىتىپ ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن : ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھلىرىم تۇتقاي سىنى . كۆز يېشىم دەريا بۇلۇپ ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سىنى . ( 1 ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۈچ يىل ئۈتۈپ كىتىدۇ . ( 2 ) مەن ئۇنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمەن . ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى بىلمەيدىغان ۋە ئىشىلتەلمەيدىغان ئادەمنىڭ قىلغان سۆزى – تۇزى تېتىمىغان تاماققا ئوخشايدۇ .
2008- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى |