كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 1

ئۆپكە قورقىدىغان ئالتە خىل ئامىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆپكىنىڭ توختىماي نەپەسلىنىشى بىلەن داۋاملىشىدۇ . شۇڭا ئۆپكە قورقىدىغان ئامىللارنى بىلىۋېلىش ئۆپكىنى قوغداشقا ئاساس بولىدۇ .
قۇرغاق : كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ ، بەدەن ئاسان ئاجىزلىشىدۇ . شۇڭا ، ئېغىز- بورۇن قۇرۇپ ، قۇرۇق يۈتەل كۈچىيىدۇ ، تېرە قۇرۇپ يېرىلىدۇ . كۈزدە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىينىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش ؛ ھەسەل ، ئاق مور ، شېكەر ، نەشپۇت ، گۈلسامساق ، كۈنجۈت ، ئۈرۈك مېغىزى ، پۇرچاق سۈتى ۋە نىلۇپەر يىلتىزىنى كۆپرەك يەپ ، ئۆپكىنى تازلاش كېرەك .
سوغۇق : ئۆپكە كۆكرەك بوشلۇقىغا جايلاشقان ، كېكىردەك بىلەن بۇرۇنغا بۇرۇنغا تۇتاش سوغۇق ئادەتتە بۇرن ئارقىلىق ئۆپكىگە تەسىر قىلىدۇ . ئۆپكىدىكى نەپەسلەنگەن ھاۋا تارقىلالماي ، خىلىت ئۇيۇشۇپ ، زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ . بۇ ھال تەكرارلىنىۋېرىپ ، بەدەننىڭ ئىمنوتېت لۈچى تۈۋەنلەيدۇ ياكى سۇزۇلما بۇرۇن ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ .
ئىسسىق : ئۆپكە ھەم سوغۇقتىن ، ھەم دېمى سىقىلىش ( كېكىردەك ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغى ) كۈچىنى كۆرسىتىدۇ . ئېغىر بولغاندا يۈزگە چېچەك چىقىدۇ . ئادەم قىزىل بۇرۇن بولۇپ قالىدۇ .
قايغۇ- ھەسرەت : قايغۇ ۋە ھەسرەت ئوخشاش بولمىسىمۇ ، يەنىلا پاسسىپ كەيپىيات ، ھەددىن زىيادە قايغۇرۇش ياكى ھەسرەت چېكىش ئۆپكىنى ھالسىرتىدۇ . شۇڭا ئاكتىپ ۋە ئۈمۈدۋارلىق پىسخىكىلىق ھالەت ئۆپكىنى قوغداشنىڭ ناھايىتى مۇھىم يولى .
چاڭ- تۇزاڭ ۋە ئىس- تۈتەك : ھاۋا ئۆپكىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۆپكە نەپەسلەنگەن ھاۋادا چاڭ- تۇزان ۋە ئىس- تۈتەك قويۇق بولسا ئۆپكە ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ ؛ تاماكا ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە بەلغەم يىغىپ ، نەپەس يولىنى توسىۋالىدۇ . ساپ ھاۋا سۈمۈرۈلمەي ، قالدۇق گاز چىقىرىلماي ، قان نۇرمال ئايلىالمايدۇ .
چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق : ئۆپكە بىلەن چوڭ ئۈچەينىڭ مۇناسىۋىتى زىچ ، كونكىرېت قىلىپ ئېيىتقاندا ، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشى ئۆپكىدىكى ھاۋانىڭ تۆۋەنگە ھەيدىلىشىگە پايدىلىق . مەسىلەن ، بالا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا چوڭ تەرەت راۋانلاشتۇرۇپلا قالماي ، يەنە يۇقۇملىنىش ۋە يۆتەل ئېغىرلىشىدۇ . شۇڭا داۋالانغاندا چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنى يېنىكلىتىدۇ . كېسەل ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ . ئادەتتە كۈنجۈت ، ئۆرۈك مېىغىزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئاشقازان ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ .
مەنبە : « ھاياتلىق گېزىتى » دىن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-10 16:57:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز، مەنمۇ بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش