كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 0

ئىدىيە – سىياسىي دەرسىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىدىيە – سىياسىي دەرسىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى رولى توغرىسىدا

ئىدىيە_ سىياسىي دەرسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇلىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارغا ماركىسزم ، لېنىنىزم ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسى ھەققىدە ئاساسىي ساۋات ، سوتسىيالىزم ۋە سىياسىي ، ئىدىيە ، ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم دەرس . ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىش تىكلىشىگە يارىدەم بېرىدۇ . ئوقۇغۇچىلاردا سوتسىيالىستىك ئىدىيە- ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە ئۇل سېلىش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسىي يوللىرىدىن بىرى .
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنى توغرا يۆنىلىشكە سېلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم .
1 . ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەركەت ئىقتىدارىنى تەڭ يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .  بۇ ئىدىيۋى پەزىلەت تەربىيسىدە ھەم سېستىمىلىق ئەخلاق بىلملىرى بېرىشكە ھەم ياشلار ، ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاق ھەركىتىگە تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ، ئىدىيە بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرۈپ ،قائىدىنىمۇ چۈشەندۈرۈش ، ھەركەتكىمۇ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرگەن ، سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولغان بىر ئەۋلاد يېڭى كىشلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ .
2 . ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . بۇ باشقىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە ئۈلگىلىك سۆز- ھەركىتى ئارقىلىق تەربىيلەنگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلى . بۇ ئۇسۇلنىڭ ئالاھىيدىلىكى شۇكى ، ئۇ ئەخلاقى ئۈلگىسىنىڭ سۆز- ھەركىتى ، ئىدىيۋى- پەزىلىتى ، پائالىيىتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئارقىلىق مۇئەييەن جەمئىيەت ، سىنىپنىڭ ياش- ئەۋلادلارغا قويغان تەلىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە رېئاللاشتۇرىدۇ . ئۈلگە ئارقىلىق تەربىيلەشنىڭ مۇھىملىقى ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆز- ھەركىتى ۋە ئەمەلىي ھەركەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ توغرا ئەخلاق ھەركىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىلھامدۇرۇشتىن ئىبارەت .
3 .  ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردا مۇئەييەن بىلىم ئىگەللەش ئۆلچىمى ۋە مۇئەييەن ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈش نىشانى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . شۇنداق نىشاننىڭ توغرا ، يۈنىلىشىنىڭ تۈزبولۇشىغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .
4 . تەقدىرلەش بىلەن تەقدىرلەشنى بىرلەشتۈرۈپ مەشىق نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك . ئوقۇتقۇچى ئىدىيە- سىياسىي دەرسىنى سۆزلەش جەريانىدا نوقۇل ھالدا بىلىم يەتكۈزۈپ بىرىشكە ، يەتكۈزۈلگەن بىلىملەردىن نەزەرىيىۋى قايىتما ئىنكاس ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا بولۇپ كېتىشتەك بىر تەرەپلىمە تەربىيە ئۇسۇلىدىن ساقلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ئىرادىسى ، ئەخلاقىي ھەركىتى ئەخلاقىي ھېسسىياتى ، ئەخلاقىي بىلىشى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرشىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ ، ھەربىر دەرس مەزمۇنىنىڭ قايسى خىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ ۋە چۈشەندۈرۈپ ، نىشانسىز ئوق ئېتىپ ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەسلىكتەك قويۇپ قويۇش شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش ھەمدە بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ياخشى ھەركەت ، ياخشى تىپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى ئالدىن كۈرەرلىك بىلەن بايقاپ ۋاقتى- ۋاقتىدا تەقدىرلەپ ، ئۈلگە تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش