كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 0

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن مۇھىم نوقتىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن مۇھىم نوقتىلار
1 . شىنجاڭدا نېمە ئۈچۈن بىر قولىدا ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ، بىر قولىدا موقۇملۇقنى تۇتۇش كېرەك ؟ : پەقەت ئىسلاھات تەرەققىياتىنى تۇرۇپ ، ئىشلاپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرگەندىلا ئاندىن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ، ماددىي- مەنىدىۋي ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى ، ئاندىن شىنجاڭنىڭ موقىمسىزلىق ئامىللىرىنى تۈپتىن تۈگەتكىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي موقۇملۇقىنى ياخشى قوغدىغاندىلا ئاندىن ئىقتىسادىي قورۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت ياراتقىلى ، ئاندىن شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرۈتكە بولغىلى بولىدۇ .
موقۇملۇق _ ئىسلاھات  ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ، ئىسلاھات ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . تەرەققىيات مەخسەت ، ئىسلاھات تەرەققىيات ، موقۇملۇقتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نوقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تىنىچلىققا ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ جۈش ئورۇپ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
2 . پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان قوللىشى ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق زور ئەھمىيەتكە ئىگە ؟ : بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يېتەرلىك تەرەققىياتىغا ئېرىشتۈردى . يەنە بىر تەرەپتىن ، شىنجاڭنىڭ دېڭىز بويى ۋە ئىچكىرىي جايلاردىكى تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرىقىنى تەدرىجى كىچىكلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قورۇشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ قەتئىيلەشتۈرۈپ ، مىلەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ۋە گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى .
3 . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق ئەمەلىي ھەركىتىڭىز ئارقىلىق ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ : 1 ) موقىملىقنى ئويلاش ، ئىتتىپاقنى كۆزلەش ، تەرەققىياتقا تەلپۈنۈش ، باي ، قۇدرەتلىك بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ؛ 2 ) ئالىي غايىنى تىكلەپ ، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرشىپ ئۆگىنىپ ، تەربىيلىنىش مەجبۇريىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ، بەخىتلىك تۇرمۇش يارتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئىش كۈرۈپ ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىيپىسىنى يېزىش ؛ 3 ) توغرا دۆلەت قارشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن ئىددىيىنى تۇرغۇزۇپ ، ۋەتەننى تونۇپ ، ۋەتەنگە سادىق بولۇش كېرەك . پۇخرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، ۋەتەن بىرلىكىنى تونۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك ؛ 4 ) ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش ، بەش قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ، تىنىچلىقنى تونۇش ۋە ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك .
4 . قەشقەر _ خوتەن تۆمۈر  يولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە ؟ : شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە پايدىلىق . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت ، بىر ئوبلاسنىڭ ئىختىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىشكە پايدىلىق . شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ موقۇملۇقىنى قوغداشقا پايدىلىق .
5 . قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بېرىڭ : 1 ) ئىقتىسادىي قورۇلۇشنى مەركەش قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ؛ 2 ) مىللىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئىجتىمائىي موقۇملۇقنى قوغداش ؛ 3 ) ئۇل مۇئەسسەسە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش .
6 . بەزىلەر شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا 19 ئۆلكە ، شەھەرنىڭ ساھەلەر بويىچە يارىدەم بېرىشىگە تامامەن تاينىش كېرەك دەيمىز ؟ سىز بۇ نوقتىئىنەزەرگە قوشۇلامسىز ؟ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ ؟ : قوشۇلمايمەن . شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زۆر كۈچ بىلەن يارىدەم قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .قېرىنداش ئۆلكە ، شەھەرلەرنىڭ يارىدىمىدىن ئايرىلالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى « موقۇملۇقنى ئويلاش ، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىش ، تەرەققىياتقا تەلپۈنۈش ، باي ، قۇدرەتلىك بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش » تىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇغا ئىگە جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەش . گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ، بەخىتلىك تۇرمۇش يارتىشتىن ئىبارەت قەيسەر ئىرادىسى ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئىش كۈرۈپ ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىدۇ .
7 . نېمە ئۈچۈن قەشقەرنى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ تەسىس قىلىش ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەيمىز ؟ : ئىسلاھات ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ، تەرەققىايات چىڭ قائىدە ، موقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ . ئىسلاھات ، تەرەققىيات ۋە موقۇملۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگەللەپ ،ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ جۇش ئورۇپ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . قەشقەر ئىقتىسادى ئالاھىدە رايوننى تەسىس قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق . ئىچكىرىدىكى جايلار بىلەن بولغان پەرىقنى كىچىكلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق . ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىلىق .
8 . نېمە ئۈچۈن مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ھەم توغرا ، ھەم قوللىنىشچانلىققا ئىگە قورۇلما دەيمىز ؟ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە ؟ :  1 ) مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە باراۋەر ئورۇنغا ۋە باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشقا پايدىلىق ؛ 2 ) باراۋەر ئىتتىپاق ، ئۆز- ئارا يارىدەم بېرىدىغان ، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى تىپتىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى تىكلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ؛ 3 ) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ؛ 4 ) مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق .
9 . شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە يارىدەم بېرىش ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىتىنى سۆزلەپ بېقىڭ ؟ ئىچكىرىي جايلارنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە قوللىشىنىڭ ئەھمىتى نېمە ؟ : 1 ) شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تىز ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى ؛ 2 ) شىنجاڭنىڭ دېڭىز بويى ۋە ئىچكىرىي جايلاردىكى تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرىقنى تەدرىجى كىچىكلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى ؛ 3 ) ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قورۇش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى .
10 . مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، جەمئىيەتنىڭ موقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەڭ ؟: ئىتتىپاقلىق ، موقۇملۇق شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى . ئىتتىپاقلىق ، موقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى . ئىتتىپاقلىق ، موقۇملۇق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىلگىرلىشى ، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم شەرتى . موقۇملىقنى ئويلاش ، ئىتتىپاقلىقىنى كۆزلەش تەرەققىياتقا تەلپۈنۈش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى .
11 . ياش- ئۆسمۈرلەر مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ ( ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيسىز ؟ ) : 1 ) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭگونىڭ مللىي مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى . جۇڭگونىڭ مللىي سىياسىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ؛ 2 ) ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەجبۇريىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ، پۇخرالار ئېڭىنى كۈچەيتىش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ » دېگەن ئىددىيەنى تۇرغۇزۇپ ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەمدە ، پاراسەتلىك ، باتۇرلۇق بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك ؛ 3 ) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، جەمئىيەت موقۇملۇقىنى قوغداشنى تونۇپ يېتىش ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تارىخى بۇرچى ؛ 4 ) ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلىرى ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش ، كىچىك ئىشلاردىن باشلىشى كېرەك . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ، جەمئىيەت موقۇملۇقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىشى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ، جەمئىيەت موقۇملۇقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك ؛ 5 ) « بەش قاراش» ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، « تۆتنى تونۇش » تا چىڭ تۇرۇپ ، « ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىدىيسىنى كۈچەيتىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك .
12 . شىنجاڭ روھىنىڭ مەزمۇنى نېمە ؟ : ۋەتەننى ، شىنجاڭنى سۆيۈش ، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە يارتىش ، تىرشىپ ئىشلەش ، ئۆزئارا يارىدەملىشىش ، ئېىچىۋىتىش ، ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت .
13 . شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ : 1 ) پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ ، سوتسىيالىزم چەكسىز ئەۋزەلىككە ئىگە ؛ 2 ) جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ رەھبەرلىك يادروسى ، جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىشلىرىمىزنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ؛ 3 ) مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئويغۇن كېلىدىغان ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى ؛ 4 ) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ، گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ شەرتى ۋە كاپالىتى ؛ 5 ) جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ تەجىربىلىرىنى بىر نوقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندە پارتىيىنىڭ ئاساسى لوشىيەنىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت .
14 . نېمە ئۈچۈن بايرىغىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك ؟ : 1 ) شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسى بار ؛ 2 ) ئۈچ خىل كۈچ شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە موقۇملۇقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئاساسىي خەۋىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ؛ 3 ) دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى .
15 . شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە قايسى « ئۈچ تەرەپ » نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟ قايسى « ئۈچ تەۋرەنمەسلىك » نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ؟ : 1 ) ئىتتىپاقلىق ، تەرەققىيات ، موقۇملۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، ئايرىلماس مۇناسىۋىتىگە ئىگە ؛ 2 ) ئۈچ تەۋرەنمەسلىك : ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەش قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ موقۇملۇقىنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت .
16 . ئىناق ، تەسىرلىك ئىش-ئىزلار توغرىسىدىكى ماتېرىيالغا بىرلەشتۈرۈپ ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ ؟ :  1 ) شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەيلى قەيەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇشى ، نوپۇسى قانچىلىك بولۇشى ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋيىسى يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە راۋاجلىنىشىقا ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان . ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ قورغۇچىلىرى ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ ؛ 2 ) شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى « جۇڭخۇاغا رىشتە باغلايدۇ ، ئورتاقلىقىمۇ ، پەرقىمۇ بار ، ھەممىنى قوبۇل قىلىدۇ . ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ » . شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ، بىر مەخسەتتە بولۇپ ، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، قول تۇتۇشۇپ ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
17 . شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ . سىزنىڭچە بۇ قوللاشلار قايسى جەھەتلەردىن ئىپادىلىنىدۇ ؟ : 1 ) دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىياسەت جەھەتتىكى قوللىشى ؛ 2 ) دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان مالىيە جەھەتتىكى قوللىشى ؛ 3 ) دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان نوقتىلىق تۈرلەرنى قوللىشى ؛ 4 ) دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ۋە تەربىيلىشى .
18 . پۇخرا بولۇش سالاھىيتىمىز ۋە ئېڭىنى قانداق كۈچەيتىشمىز ، قانۇن- ئېنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى قاناق چۈشىنىشىمىز كېرەك ؟ : 1 ) قانۇن- ئېنتىزامغا رىئايە قىلىش پۇخرالىق ئېڭىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ؛ 2 ) قانۇننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، قانۇننى چۈشىنىپ ، قانۇن ئېڭىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ ، قانۇن- تۈزۈم قارشىنى كۈچەيتىش كېرەك ؛ 3 ) پۇخرالار ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك ؛ 4 ) ۋەتەننىڭ بىرلكى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت موقۇملۇقىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى .
19 . شىنجاڭنىڭ 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجە ۋە ئىلگىرلەشلەرنىڭ تۈپكى سەۋەبى نېمە ؟ : ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىپ ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ ، جەمئىيەت موقۇم ، مىللەتلەر ئىناق بولماقتا . شۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن تارىختىن بويانقى تەرەققىيات ۋە موقۇملۇقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرىدە تۇرماقتا . ئاساسىي سەۋەپلىرى : 1 ) شىنجاڭنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى ۋە دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتەپ ؛ 2 ) مىللەتلەر باراۋەرلىكى ، ئىتتىپاقلىقى ، ئورتاق گۈللىنىشدىن ئىبارەت پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغانلىقى ؛ 3 ) دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە يارىدەم بېرىشى ، باشقا رايونلارنىڭ يارىدەم بېرىشى ، قوللىشى ؛ 4 ) شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىش قاتارلىقلار .
20 . پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز ؟ : مىللىي تېرىتورىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى . مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ، ئىتتىپاقلىقى ، ئورتاق گۈللىنىشى ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈش سىياسىتى . ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يارىدەم بېرىش سىياسىتى . ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقىغا ، ئۆرپ- ئادىتىگە ، دىنىي ئېتقادىغا ھۆرمەت قىلىش سىياسىتى .
21 . شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن مېسال كەلتۈرۈڭ ؟ : ئويغۇرلارنىڭ __ ئون ئىككى موقام ، مەشرەپ ، تۈركى تىللار دىۋانى ، قۇتاد غوبىلىگ
قىرغىزلارنىڭ __ ماناس داستانى .
موڭغۇللارنىڭ __ جاڭغىر نادام بايرىمى .
قازاقلارنىڭ __ ئاقىنلار ئېيتىششى .
زاڭزۇلارنىڭ __ گىسارخان .
22 . « ئەڭ گۈزەل جۇڭگولۇق » لارنىڭ سىزنى تەسىرلەندۈرگەن مۇنەۋۋەر پەزىلىتىدىن قايسىلار بار ؟ : خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدىغان ، خالىس تۆھپە قوشىدىغان ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىن ھاياتنى قەدىرلەيدىغان خالىس قان تەقدىم قىلىشدەك پىداكىرانە روھىدىن  كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاددىي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپنى قىزغىن سۆيگەن كەسىپچانلىق روھىدىن ، باشقىلارنىڭ ھاياتى خەۋىپكە دۈچكەلگەندە ، قىلچىمۇ ئۆز ھاياتىنى ئويلىماي باشقىلارغا يارىدەم بېرىدىغان ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ، ھەققانىيەت ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ، ئىجتىمائىي موقۇملۇقنى قوغدايدىغان ، ھەرقايسى مىللەت قېرىنداشلىرىغا يارىدەم بېرىشتەك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى  ئۆز ۋۇجۇدىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئۆگىنىش كېرەك .
23 . كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاشلىقنى تېجەش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ : 1 ) ئېھتىياجىغاقاراپ سېتىۋېلىش ؛ 2 ) تاماق ئاشۇرماسلىق ؛ 3 ) تاماق تاللىماي ، ھەر بىر تال داننىمۇ قەدىرلەش .
24 . پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە ؟ : پەننى ئومۇلاشتۇرۇش پائالىيىتى پۇخرالارنىڭ پەن- مەدەنىيەت سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، پەن- تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن- مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستېراتېگيىسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش