كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 0

ياز پەسىلىدە ئارامسىزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى كالىي كەملىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياز پەسىلىدە ئارامسىزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى كالىي كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ياز پەسىلىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇت- قوللىرى ماغدۇرسىلىنىپ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ، ئىسسىققا بەرداشلىق بىرىش كۈچى ئاجىزلاپ ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . بۇ ، ياز پەسىلىدە ئارامسىزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ . ياز پەسلىدە ئارامسىزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى كالىي كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
كالىي ئاساسلىقى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۈت بولۇپ ، ئۇ ھۈجەيرە سىرتىدىكى ناتىرىي بىلەن ھۈجەيرە ئىچى- سىرتىنىڭ نورمال بېسىمى ۋە كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش رولىنى ئۆتەيدۇ . يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ئادەمدىن تەر كۆپ چىقىپ ، بىر قىسىم كالىي ئېلمېتى ئاسانلا خۇراپ كېتىدۇ ھەم كالىي كەملىك پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ، يازدا كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەر ، تاتلىق بەرەڭگە ، بانان ، تاۋۇز قاتارلىق تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كالىي تولۇقلاپ تۇرۇشى لازىم . ئۇنىڭدىن باشقا ، ھەر كۈنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم چاي ئىچىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ كالىينى تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش