| ئالىپ ئەرتۇڭا تېكىستىدىكى سۆزلەنىڭ مەنىسى: كلاسسىك ـــ ① پەن، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ مەشھۇر بولغان ھەم شۇ ساھەدە باشقىلارغا نەمۇنە ياراتقان، ئىتىراپ قىلىنغان ئەربابى. ② كلاسسسىكلار تەرىپىدىن يارىتىلغان خەلقنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانغان نەمۇنە بولىدىغان. پاساھەت ـــ چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيتى، نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ۋە گۈزەللىكى. ئۆزلۈك ـــ ① ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيتى، تەبئىي ھالىتى، ۋۇجۇدى ۋە بارلىقىغا ئائىت، ئۆزىگە خاس. ② ئىش- ھەرىكەت باشقا بىرىگە ئۆتمەي بەلكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە چۈشىدىغان، تەۋە بولىدىغان. ③ بىر- بىرىگە يېپىشىپ، بىر- بىرىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرىدىغان، بولۇشى بار. ئالىپ ئەرتۇڭا ـــ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئادەملەر توغرىسدىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىرى بولغان « ئافراسىياپ » رىۋايىتىدە تەسۋىرلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېپۇسى ۋە ئىپۇستىكى باش قەھىرىمان. ئەينى دەۋىرلەردە تۈرك ( ئۇيغۇرلار ) لارنىڭ ئولۇغ خاقانى ئافراسىياپ دەپ ئاتىلاتتى . بۇ « قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئەر » دېگەن مەنىدە. مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق ئەسىرىدە ئافراسىىياپنىڭ « ئالىپ ئەرتۇڭا » دېگەن ئۇيغۇرچە نامى بارلىقى قەيىت قىلىنغان. « قۇتادغۇبىلىك» تە تاجىكلارنىڭ ئۇنى ئافراسىياپ دەپ ئاتايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئالىپ ئەر تۇڭا ئەجداەلار نەزىرىدىكى بىر قەھىرىمان شەخىسنىڭ سىموۋۇلى. قەدىمقى دەۋىردە خەلق ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ تىگى- تەكتىنى مۇشۇ رىۋايەتتىكى شەخىسكە باغلاپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغان. پەلەك ـــ ① يەردىن گۈمبەز، قازان شەكىلىدە بولۇپ كۆرىنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى، ئاسمان. ② تەقدىر- قىسمەت. تۇزاق ـــ ① ھايۋان ياكى قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل قسىماققا ئوخشاش قۇرۇلما، قاپقان. ② بىراۋنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر، ئىشلىتىلگەن ۋاستە، ھىيلە-مىكىر. بەگ ـــ ① بۇرۇنقى مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەل ئالغان كىشى. ② مۇراجەت ۋە ھۆرمەت سۆزى. ③ كىشى ئىسملىرىنىڭ كەينىدە كىلىپ ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرىدۇ. بانىدۇر ( باھانە ) ـــ ② بىرەر ئىشتىن باش تارتىش مەقسىتىدە كۆسىتلىگەن ئۇرۇنسىز سەۋەب، ئۆزرە. ② باشلانغۇچ سەۋەب. تىيەتلىك ـــ ئوقلانغان، قارىغا ئېلىنغان، ئۇدۇللانغان، ئوق سېلىپ ئېتىلدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. زەئىپ ـــ ① جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچىسىز. ② سىياسى، ئىقتىسادىي، ھەربى ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز، كۈچسىز. ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچىسىز، ئاجىز. زەپەرـــ ① ( زەپە ) چىغىرىتماقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غۇللۇق ئۈسۈملۈك . گۈلى ئاچ قۇڭۇر رەڭدە بولۇپ دۇرىغا ئشلىتىلىدۇ . ②( زەپە ) شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى . ③ قولغا كەلگەن نەتىجە ، غەلىبە ، مۇۋاپىقيەت . ④ ئادەمنىڭ ئىسمى . ياقا يىرتىش ـــ باشقىلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، ئاۋارە بولۇش، جاپا چىكىش. پەرياد ئۇرۇش ـــ دۇچ كەلگەن قاتتىق خاپىلىق، دەرد- ئەلەم، روھىي ئازاب تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان نالە- زار، يىغا. ئۆكسۈپ ـــ ئۆپكىدىمەك. ئۆرتىلىش ـــ دەرد- ئەلەم بىلەن قىينىلىش، ئازابلىنىش. ياۋۇز ـــ ئۆتۈپ كەتكەن رەھىمسىز، شەپقەتسىز، قەبىھ، رەزىل، يىرتقۇچ. ئەردەم ـــ ئەدەب- ئەخلاق، تەرتىپ قائىدە، ئېسىل پەزىلەت. پەزىلەت ـــ ① كىشلەردە بولىدىغان ئىجادىي خىسلەت، ياخشى سۈپەت، ياخشى خۇسۇسىيەت. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى. چىرىدى (چىرىش ) ـــ ① مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تەسىرى بىلەن بۇزۇلۇش، كىرەكسىز ھالغا كىلىش، ئىشتىن چىقىش، سېسىش. ② ئاينىش، بۇزۇلۇش، ھالاكەتكە يۈز تۇتۇش. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|